ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان يېمەكلىكلەر
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5810:قېتىم كورۇلدى
   تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشىلەردە، يېشىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. بۇ سەۋەبلىك تۆۋەندە، ئادەمنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغان نەچچە تۈرلۈك يېمەكلىكنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
تۇخۇم
   تەجرىبىلەردە ئىسپاتلىنىشىچە، تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدىكى لېتسىتىن ئېنىزىملار تەرىپىدىن پارچىلانغاندىن كېيىن، مول مىقداردا ئاتسېتىل خولىن ھاسىل قىلىپ ۋە قان سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق ناھايىتى تېزلا مېڭە ئورگانىزىملىرىغا يىتىپ بېرىپ، ئادەمنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.
كالا سۈتى
   كالا سۈتى، مۇكەممەللىككە ئەڭ يېقىنلاشقان بىر خىل ئۇزۇقلۇق ماددا. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل بىلەن كالتسىي ئىنتايىن مول، بولۇپمۇ چوڭ مېڭىگە زۆرۈر بولغان ئامىنو كىسلاتالىرى، كالا سۈتى تەركىبىدە ئاساسەن ھەممىسى بار. بۇندىن باشقا، كالا سۈتى تەركىبىدە، يەنە نىرىپ ھۈجەيرىلىرىگە ئىنتايىن پايدىلىق بولغان ۋىتامىنلارمۇ بار.
دادۇر
   دادۇرنىڭ لېتسىتىن تەركىبى ۋە ئاقسىل تەركىبى مول بولۇپ، ھەر كۈنى مۇۋاپىق تۈردە ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى ناچار كىشىلەرگە قارىتا ياخشىلاش رولىنى ئوينايدۇ.
بېلىق تۈرى
   بېلىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، مېڭىگە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ۋە كالتسىي يەتكۈزۈپ بىرەلەيدۇ. تاتلىق سۇ بېلىقى ياكى دېڭىز بېلىقى تەركىبىدىكى ياغلار كۆپىنچە تويۇنمىغان ياغلار بولۇپ، قان تومۇر ۋە چوڭ مېڭىگە قارىتا قوغداش رولىنى ئوينايدۇ.
 

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

دادىنىڭ قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرىلىگەن ئىجادىي سۈرەتلىرى

ئۇلارنى بېلىق بىلەن بىللە يۇيۇنغىلى ۋە بۆرە بىلەن بىللە ھۇۋلىغىلى قويۇپ بەرگەن؛ بۇ قىزلارنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل تۈردە ناھايىتى قىزىقارلىق

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号