چاغاندا تەييارلاپ تېتىپ بېقىشقا ئەرزىيدىغان سوغۇق سەيلەر
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5810:قېتىم كورۇلدى
سوغۇق تەملەشتۈرۈلگەن نىلوپەر غولى

   كىتەرلىك ماتېرىيال: نىلوپەر غولى، جىياڭيۇ، تۇز، تېتىتقۇ، غولپىياز مايسىسى، زەنجىۋىل، سامساق
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. نىلوپەر غولىنىڭ پوستىنى سويىۋىتىپ پاكىزە يۇغاندىن كېيىن، قايناقسۇدا 5مىنۇت قاينىتىمىز.
   2. نىلوپەر غولىنى نېپىزرەك توغراپ، جىياڭيۇ ۋە تۇز قوشۇپ ئارىلاشتۇرىمىز.
   3. سامساقنى ئۇششاق چاناپ توغرايمىز؛ غولپىياز مايسىسىنى كىچىك بۆلەك ھالىتىدە توغرايمىز.
   4. نىلوپەر غولىنى قاچىدىن بىرنىڭغا سېلىپ، ئۈستىگە توغراپ تەييارلىغان غولپىياز مايسىسى ۋە سامساق چانالمىسىنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرىمىز.
   5. قازاندا ئازراق ماي قىزىتىپ، ئارىلاشتۇرۇپ تەييار قىلغان نىلوپەر غولىنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ ئارىلاشتۇرىۋەتسەكلا، بۈگۈنكى سوغۇق تەملەشتۈرۈلگەن نىلوپەر غولى تەييار بولغان بولىدۇ.
 
سوغۇق تەملەشتۈرۈلگەن دۇفۇ قېقى

   كېتەرلىك ماتېرىيال: دۇفۇ قېقى، تەرخەمەك، سامساق، غولپىياز مايسىسى، قىزىلمۇچ، ئىستېمال مېيى، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، كۈنجۈت مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. تەرخەمەكنى پاكىزە يۇيۇپ، توغراپ ياكى ئۇرۇپ پارچىلاپ تەييارلايمىز.
   2. دۇفۇ قېقىنى سۇدا 10مىنۇت چىلاپ قويغاندىن كېيىن، سۇدا قاينىتىۋىلىپ، سۈزۈپ سۈيىنى پاكىزە ساقىتىۋىتىمىز.
   3. تەرخەمەك بىلەن دۇفۇ قېقىنى تەخسىگە سېلىپ، تۇز، سامساق چانالمىسى، قىزىلمۇچ قاتارلىقلارنى قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
   4. ئاخىرىدا، كۈنجۈت مېيى، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى قاتارلىقلارنى قوشۇپ قايتا ئارىلاشتۇرىۋەتكەندىن كېيىن ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

سوغۇق تەملەشتۈرۈلگەن لامنارىيە

    كېتەرلىك ماتېرىيال: لامنارىيە(海带丝)، سامساق، شېكەر، ئاچچىقسۇ، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، كۈنجۈت مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. لامنارىيەنى يۇيۇپ پاكىزلاپ، قىسقىراق ھالەتتە توغرايمىز، سامساقنى چاناپ تەييارلايمىز.
   2. كىچىك قاچىدىن بىرنى ئېلىپ، قاچىغا شىڭچوۋجىياڭيۇسى، كۈنجۈت مېيى، ئاق شېكەر قاتارلىقلارنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرىمىز.
   3. قازانغا سۇ قۇيۇپ قايناتقاندىن كېيىن، لامنارىيەنى سېلىپ پىشۇرىمىز.
   4. لامنارىيەنى سۈزۈپ ئېلىپ، قاچىغا سېلىپ سۇۋۇتقاندىن كېيىن، ئۈستىگە ئالدىدا تەڭشىگە قىيامنى ۋە سامساق چانالمىسىنى قوشىمىز.
   5. تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، غولپىياز مايسىسىنى سېپىۋىتىپ تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号