ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدىكى ھەقىقەتلەر
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5806:قېتىم كورۇلدى
   1. مۇھەببەت بولسا سىرلىق بىر كۈچ، ئۇ ئادەمنى قەيەردە يېقىلسا شۇ يەردىن قوپالايدىغان قىلىدۇ.
   2. ئەر كىشى ئايال كىشىنى قوغلىشىشتا، پەقەت ئەر كىشى بوشىشىپ قالمىسىلا، ئاخىرىدا چوقۇم قولغا كەلتۈرەلەيدۇ؛ ئايال كىشى ئەركىشىنى قوغلاشقاندا بولسا، پەقەت ئەر كىشى خالىمىسىلا، ئايال كىشى چوقۇق قولغا كەلتۈرەلمەيدۇ. چۈنكى، ئەرلەر نىسبەتەن يۈزى قېلىن، باغرى قاتتىق كېلىدۇ، ئايال كىشى بولسا دەل ئەكسىچە بولىدۇ.
   3. ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە بولغان مۇھەببىتى، كۆپىچنە چوقۇنۇشتىن باشلىنىدۇ.
   4. ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ، بىر-بىرىنى ئۆزگەرتىشكە كۈچىمەي، قارشى تەرەپكە ماسلىشىشقا تىرىشىشى كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن، توي قىلىشتىن ئىلگىرى قارشى تەرەپكە ماسلىشالايدىغان ياكى ماسلىشالمايدىغانلىقىمىزنى ياخشى ئويلىشىپ، ئەگەر ماسلىشالمايدىغاندەك بولساق، يەنىلا توي قىلمىغان ياخشى.
   5. ئەگەر پۇلنى ھەممىدىن بەك ئەلا بىلىدىغان، پۇلغا بەك ئامراق ئادەم بولمىسىڭىزلا، ھەرگىز سىزگە قارىغاندا پۇلى كۆپ ئايال كىشى تاپماڭ؛ بىرلا ۋاقىتتا، ئۇنىڭ سىزنى ياراتماسلىقىغا بەرداشلىق بىرىشكە كۆزىڭىز يەتمىسە، ئوقۇش تارىخى ئۆزىڭىزنىڭكىدىن يۇقىرى بولغان ئايال كىشىنىمۇ تاپماڭ.
   6. مۇھەببەت تەبىئىي بولىدۇ، بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇپ قېلىش پۈتۈنلەي مۇمكىن؛ لېكىن، ھەرگىز ئۆزلىكىدىن ئۇزۇنغىچە ساقلىنىپ بارمايدۇ. توي تۇرمۇشى بولسا، ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ توختىماستىن تىرىشىشى ۋە سىرتقى دۇنيانىڭ ھەر خىل چەكلىمىلىرى سەۋەبىدىن، تۇراقلىشىدۇ.
   7. پەقەت ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدىكى مۇھەببەت تۇققانلىق مېھىرىگە ئۆزگەرگەن ۋاقىتتىلا، توي تۇرمۇشىنى ئاندىن توي تۇرمۇشى دېيىشكە بولىدۇ، مۇناسىۋەتمۇ ئاندىن مۇقىملىشىدۇ.
   8. بىر ئايال كىشى، بىر ئەركىشىنىڭ ئايالى بارلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپمۇ يەنە ئۇنىڭ بىلەن يالغۇز ھالدا باردى-كەلدى قىلىشنى خالىسا، ئۇنىڭ ئەسلى مەقسىتى قانداق بولۇشتىن قەتئىنەزەر، ئۇ ھامان بىر كۈنى قارشى تەرەپنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ياكى قىسقا مۇددەتلىك ئاشنىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
   9. ئايال كىشى ساھىبجامال ھىيلىسى ئىشلەتسە، نورمال ئەرلەرنىڭ ھەممىسى توزاق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ئىچىگە سەكرەيدۇ.
   10. ئەرلەرنىڭ تالاغا قارىشى، كۆپىنچە ئۆزىگە ئىشەنچ ۋە ھاياجانلىق تۇيغۇسى ئىزدەش ئۈچۈن بولىدۇ، كۆپىنچىسى بۇ سەۋەبلىك ئائىلىسىنى بۇزۇشنى خالىمايدۇ. لېكىن ئايال كىشى بولسا، يا ئۇنىڭ نەزەرىدىكى ئاتالمىش مۇھەببەت ئۈچۈن، ۋە ياكى مەلۇم بىر خىل مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن بولىدۇ ھەمدە ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئەسلىدىكى ئائىلىسىدىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن بولىدۇ.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

ھىندىنوزىيەدە پويىز يولىدا يېتىۋالىدىغانلار تېخىمۇ كۆپلەپ كەتتى

ھىندىنوزىيەدە، بارغانسىرى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر پويىز رىلىسىدا يېتىۋىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ قالدى. بىراق، ئۇلار پويىز يولىدا ئۆزىنى

ئىرىگە تەلەي ئېلىپ كىلىدىغان ئاياللارنىڭ ئالاھىدىلىكى

بىراق، پاسسىپ ئىنىرگىيەگە تولغان بىر ئادەم، ھەر ۋاقىت چۈشكۈنلۈككە پېتىپ چىقالمايدۇ، ياخشى بىر كىشىلىك ھاياتقا ئىرىشىشى تېخىمۇ مۇمكىن ب

قەھۋەنىڭ ئۇرۇقلىتىش ئۈنۈمىنىڭ ئىلمى ئاساسى بار بولدى

ئامىرىكا كۈندىلىك ئىلىم-پەن تورىنىڭ يېقىنقى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەلىك ئالىملار، بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچىش ئارقىلىق، بەدەندى

مۇھەببەتتە ساداقەتسىزلىككە ئۇچرىغاندا ئەپۇ قىلىش كىرەكمۇ

بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا، ئۇنىڭغا ئالاھىدە ئىتىبار بىلەن قاراپ، ھەتتا چۈشىدىمۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ئادەمنىڭ كىتىپ قېلىشىدىن ئ

تۆت يۈز جىڭلىق يىگىت ئۇرۇقلىدى، ئەمما ئازراقمۇ خۇشال بولالمىدى

نۇرغۇن كىشىلەر سەمىرىپ كىتىشكە باشلىغان بولۇپ، كۆپ قىسىم كىشىلەر خىزمەت ۋاقتىدا ئورۇنداقتا ئولتۇرۇپ ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن، سېمىزلەرنىڭ س

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号