بەدەندىكى ئەزالارنىڭ قېرىشقا باشلاش ۋاقىت جەدۋىلى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5835:قېتىم كورۇلدى
   ئادەم بەدىنى ئومۇمى بىر گەۋدە، لېكىن ھەر بىر "زاپچاس"لارنىڭ قېرىشقا باشلاش جەريانىدا ئىلگىرى كىيىنلىك بار. مۇتەخەسسىسلەر تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئادەم بەدىنىنىڭ قېرىشقا باشلاش ۋاقتىنى خۇلاسىلاپ چىققان بولۇپ، تېزدىن كېلىپ ئۆزىڭىزنىڭ قايسى باسقۇچتا تۇرىۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرۈپ بېقىڭ!
ئۆپكە: 20ياش
     ئۆپكە ئىقتىدارى 20ياشتىن باشلاپ ئاجىزلىشىشقا باشلايدۇ، 40ياشقا كىرگەندىن كېيىن، يول ماڭسىمۇ ھاسىرايدىغان بولۇپ قالىدۇ؛ بۇنىڭدىكى بىر قىسىم سەۋەب، نەپەس ئېلىشنى كونترول قىلىدىغان مۇسكۇل ۋە قۇۋۇرغا سۆڭەك قاتماللىشىپ، ئۆپكىنىڭ نورمال خىزمىتىنى توسقۇنلۇققا ئۇچراتقانلىقىدىن بولىدۇ.
   تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلى: تاماكا چىكىش، ئۆپكىنىڭ قېرىشقا باشلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىرىنچى ئامىل بولۇپ، تاماكا چىكىدىغان ئادەم ئەڭ ياخشىسى تاماكا تاشلىشى كېرەك؛ ئىككىنچىدىن چېنىقىش كۆپرەك بولۇش لازىم، بولۇپمۇ ئۆپكە ھاۋا سىغىمىنى ئاشۇرىدىغان چېنىقىشلارنى كۆپرەك ئېلىپ بارماق لازىم.
ئۈچىنچىدىن، ھاۋا ساپ بولغان جايلارغا كۆپرەك بېرىپ تۇرۇش. تۆتىنچىدىن، ئۆپكىگە پايدىلىق نەشپۈت قاتارلىق مېۋە-كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلماق لازىم.
يۈرەك: 40ياش
   ئادەمنىڭ يۈرۈكى، 40ياش ئەتراپىدىن باشلاپ قېرىشقا باشلاپ، پۈتۈن بەدەنگە قان يەتكۈزۈش ئۈنۈمى تۆۋەنلەيدۇ ھەمدە قان تومۇر دىۋارىنىڭ ئېلاستىكىلىقى تۆۋەنلەپ ئارىتىرىيە قېتىشىدۇ ۋە بۇ سەۋەبلىك ئاسانلا ياغلارنىڭ تاجىسىمان ئارتىرىيە قان تومۇرلىرىدا يېغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلى: ھەرىكەتلىنىش كۆپرەك بولۇش كېرەك. ئامېرىكا ھارۋاد داشۆسى تىبابەت شۆيەنىدىكى تەتقىقاتچىلار ئېلان قىلغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەرىكەتلىنىش، فىزىلوگىيەلىك خاراكتېردىكى يۈرەك ئۆسۈشنى پەيدا قىلىپ، يۈرەكنىڭ ياخشىلاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.
بۆرەك: 50ياش
    50ياشقا يەتكەندە، ئادەمنىڭ بۆرىكى قېرىپ ئاجىزلىشىشقا باشلاپ، سۈيدۈك تۇتۇپ تۇرۇش ئىقتىدارى ناچارلىشىپ، ئەرلەرنىڭ مەزى بېزىدا ئۆسۈپ قېلىش مەسىلىنى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.
   تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلى: سۇنى كۆپ ئىچىش، ھەر كۈنى ئاز دېگەندىمۇ 8ئىستاكان سۇ ئىچىپ بىرىش؛ يېمەكلىكنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، ئۇزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ئادەتتە، بەل قىسىمنى كۆپرەك ئۇۋۇلاپ بەرسەك بولىدۇ.
جىگەر: 70ياش
    جىگەر، ئادەم بەدىنىدىكى پۈتكۈل قېرىش جەريانىغا رىقابەت ئېلان قىلالايدىغان بىردىنبىر ئەزا بولۇپ، قايتا تۇغۇلۇش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك، شۇنداقلا ھەم، ەبدەندىكى ئەڭ ئاخىرىدا قېرىيدىغان ئەزادۇر.
تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلى: ئاچچىق، مايلق، يۇقىرى ياغ تەملىكدىن پەرھىز تۇتۇپ، دانلىق زىرائەت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، موگو، لامنارىيە قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بىرىش لازىم. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇيقۇنىڭ يىتەرلىك ھەم سۈپىتى ياخشى بولۇشقا كاپالەتلىىك قىلىپ، مۇۋاپىق تۈردە ھەرىكەتلىنىپ بىرىش كېرەك.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号