مۇقاتىل ئەڭ دەسلەپ قەيەردە پەيدا بولغان
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5849:قېتىم كورۇلدى
   تەن ساغلاملىقىغا بارغانسېرى ئەھمىيەت بىرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بىزنىڭ يېمەككە ئىچمەككە بولغان تەلىپىمىز بارغانسېرى يۇقىرىلاپ ماڭماقتا؛ بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ساغلام ھەم ئۇزۇقلۇقى مول بولغان مۇقاتىل(ياۋگو،腰果)، كىشىلەرنىڭ ئالقىشلاپ ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشىغا ئېرىشمەكتە. ئۇنداقتا، مۇقاتىلنىڭ قايسى دۆلەتتىن چىقىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ قايسى دۆلەتتىن چىققان مۇقاتىل بىر قەدەر تەملىك كېلىدۇ؟
مۇقاتىل ئەسلىدە بىرازىلىيەدە پەيدا بولغان
   مۇقاتىل، ئەڭ دەسلەپ بىرازىلىيەدە پەيدا بولغان. مۇقاتىل دەرىخىنىڭ ناھايىتى چوڭ بىر مەسىلىسى بار، ئۇ بولسىمۇ سوغۇق مۇھىتقا بەرداشلىق بىرەلمەسلىك بولۇپ، ئەگەر تىمپىراتۇرا 15سىلتسىيە گىرادۇستىن تۆۋەنلەپ كەتسىلا، مۇقاتىل ئۆسۈشتىن توختايدۇ، ئېغىر بولغاندا مۇقاتىل دەرىخى قۇرۇپ كېتىدۇ. دۆلىتىمىز كۆپ قىسىم جايلىرى مۆتىدىل بەلباغ رايونلىغا تەۋە بولغاچقا، ھاۋا-كېلىمات مۇقاتىل دەرىخىنىڭ ئۆسۈشىگە ماس كەلمەيدۇ، شۇڭا بىز يەۋاتقان مۇقاتىللارنىڭ ھەممىسى ئىمپورت قىلىپ كىرگۈزۈلگەن مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ.
قايسى دۆلەتتىن چىققان مۇقاتىل بىر قەدەر تەملىك كېلىدۇ؟
   رايون بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا، ئافرىقا قىتئەسلىنىڭ تۇپرىقى مۇنبەت، قۇياش نۇرى يېتەرلىك بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مۇقاتىل ئىشلەپچىقىرىدىغان رايون ھېسابلىنىدۇ. ئافرىقا قىتئەسىدىن چىققان مۇقاتىلنىڭ ئېتى تولغان بولۇپ، سۈپىتى ئەڭ ياخشى مۇقاتىل ھېسابلىنىدۇ.
   ئۇندىن قالسا ھىندىستاندىن چىققان مۇقاتىل. ھىندىستان، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مۇقاتىل پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى. بۇندىن باشقا، ۋىيتنامدىن چىققان مۇقاتىلنىڭمۇ تەمى يامان ئەمەس.
   مۇقاتىلنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول، لېكىن ئۇنىڭ ياغ تەركىبى بىر قەدەر يۇقىرى، شۇڭا ئادەتتە، بىر كۈندە 10-15تال يېسەك نىسبەتەن مۇۋاپىق بولىدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号