بۇ قورۇمىلارغا تېتىتقۇ قوشۇشقا بولمايدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8133:قېتىم كورۇلدى
   قورۇما قورىغاندا تېتىتقۇ قوشۇش، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك يېمەك-ئىچمىكىدىكى بىر خىل ئادىتى؛ چۈنكى تېتىتقۇ، قورۇمىنى تېخىمۇ تەملىك قىلىدۇ. لېكىن، بەزى قورۇمىلارغا تېتىتقۇ قوشۇشقا بولمايدۇ؛ بولمىغاندا، ئەسلىدىكى تەم كىرگۈزۈش ئۈنۈمىگە ئېرىشەلمەيلا قالماي، بەزىدە يەنە يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
گۆشلۈك قورىمىلارغا قوشۇشقا بولمايدۇ
   گۆش تۈرى تەركىبىدە ئەسلىدىلا گلۇتامىك كىسلاتا بار بولۇپ، قورۇما تەركىبىدىكى تۇز بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، تېتىتقۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولغان گلۇتامىك كىسلاتا ھاسىل قىلىدۇ. گۆش تۈرىدىن باشقا، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تۈرىدىكى قورىمىلارغىمۇ تېتىتقۇ قوشۇش بىھاجەت بولىدۇ.
ئاچچىقسۇ قوشۇلغان قورىمىلارغا قوشۇشقا بولمايدۇ
   ئاچچىقسۇ كۆپرەك قوشۇلغان قورىمىلارغا تېتىتقۇ قوشۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى، تېتىتقۇ كىسلاتالىق مۇھىتتا ئاسان ئىرىمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىسلاتالىق دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولسا ئېرىشچانلىقى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ.
سوغۇق سەيلەرگە قوشۇشقا بولمايدۇ
   تېتىتقۇ، ئادەتتە 80-100سىلتسىيە گىرادوس ئەتراپىدا ئاندىن تەم كىرگۈزۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدۇ. سوغۇق سەينىڭ بولسا تىمپىراتۇرا شارائىتى يۇقىرىقى تەلەپكە يېتەلمەيدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا تەم كىرگۈزۈش رولىنى جارى قىلدۇرالمايلا قالماي، ئەكسىچە تېتىتقۇ بىۋاستە يېمەكلىك ماتېرىياللىرىغا چاپلىشىۋىلىپ سوغۇق سەي تەمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئەگەر سوغۇق سەي تەييارلاش جەريانىدا تېتىتقۇ قوشۇش لازىم بولۇپ  قالسا، تېتىتقۇنىڭ ئاۋۋال ئازراق سۇدا ئېرىتكەندىن كېيىن ئاندىن قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇش كېرەك.
قىيمىغا تېتىتقۇ قوشۇشقا بولمايدۇ
   نۇرغۇن كىشىلەر قىيما تەييارلىغان ۋاقىتتا تېتىتقۇ قوشۇۋىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن بۇ ئۇسۇل ئىنتايىن بىخەتەر. تېتىتقۇ قىيمىغا قوشۇلغاندىن كېيىن، دۈملەش ياكى داغلاش، ۋە ياكى پىشۇرۇش قاتارلىق يۇقىرى تىمپىراتۇرىلىق جەرياننى باشتىن كەچۈرىدۇ؛ لېكىن قىزىقلىق 100سىلتىيسە گىرادوستىن ئېشىپ كەتسە، تېتىتقۇ تەركىبىدە ئۆزگىرىش يۈز بىرىپ، تەمىنى يوقىتىپلا قالماي، يەنە زەھەرلىك بولغان ناترى پروگلۇتامات شەكىللەندۈرۈپ، تەن ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، تېتىتقۇنىڭ قىيمىغا قوشۇشقا بولمايلا قالماستىن، ئادەتتە قورۇمىغا تېتىقۇ قوشقاندىمۇ، ئوتنى ئۆچۈرۈپ قورۇمىنى ئۇسسۇپ ئېلىش ئالدىدا ئاندىن قوشۇش كېرەك.
تاتلىق قورۇمىلارغا قوشۇشقا بولمايدۇ
   مۇۋاپىق بولغان ناترى ئىئونى قويۇقلۇقى ئاستىدا، تېتىتقۇنىڭ تەمى تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، تېتىتقۇنىڭ رولى، تۇزلۇق تەمدىكى قورىمىدا ئاندىن گەۋىلىنىپ چىقىدۇ؛ بىراق، ئەگەر تاتلىق تەمدىكى قورۇمىغا تېتىتقۇ قوشساق، تەمنى كۆتۈرەلمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە قورىمىنىڭ ئەسلى تەمىنى چەكلەپ، باشقا بىر خىل غەلىتە پۇراق پەيدا قىلىپ قويىدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

دادىنىڭ قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرىلىگەن ئىجادىي سۈرەتلىرى

ئۇلارنى بېلىق بىلەن بىللە يۇيۇنغىلى ۋە بۆرە بىلەن بىللە ھۇۋلىغىلى قويۇپ بەرگەن؛ بۇ قىزلارنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل تۈردە ناھايىتى قىزىقارلىق

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号