تاتلىق ياڭيۇ كىراخمالىدا لەڭپۇڭ ئىتىش ئۇسۇلى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6211:قېتىم كورۇلدى
   تاتلىق ياڭيۇ كىراخمالىدىن ياسالغان لەڭپۇڭ، يۇمشاق ھەم تەملىك بولۇپ، نورمال ئۇسۇل بويىچە سوغۇق ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، ھەم قورۇپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ.
   كېتەرلىك ماتېرىيال: تاتلىق ياڭيۇ كىراخمالى(干红薯粉)، سۇ
تەييارلاش ئۇسۇلى
   تاتلىق ياڭيۇ كىراخمالىنى چوڭراق قاچا ئىچىگە تۆكۈپ، ئۈستىگە سۇ قۇيۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز؛ كىراخمالنى پۈتۈنلەي ئىرىتىش، نۆكچە دانىچىلىرى قالماسلىقى لازىم.
   چاپلاشماس قازانغا سۇ قۇيۇپ قاينىتىمىز.
   كىراخمال سۈيىنى قازاندىكى قاينىغا سۇغا قۇيۇپ، توختىماي قوچۇيمىز.
   كىچىك ئوتتا قايناتقاچ، توختىماستىن قوچۇپ، سۈزۈك ئۇماچ ھالىتىگە ئەكىلىمىز.
   داستىن بىرنى تەييارلاپ، تىگىگە چاپلىشىۋالماسلىقى ئۈچۈن، ئىچكى دىۋارىغا بىر قەۋەت كۈنجۈت مېيى سۇۋايمىز.
   قاينىتىپ تەييار قىلغان تاتلىق ياڭيۇ كىراخمالىنى داسقا تۆكىمىز.
   مۇشۇ پېتى قويۇپ، سۇۋۇتۇپ قاتۇرساق بولىدۇ.
ئەسكەرتىش:
   1. تاتلىق ياڭيۇ كىراخمالى بىلەن سۇنىڭ نىسبىتى 3:1 بولىدۇ؛ يەنى، 100گىرام تاتلىق ياڭيۇ كىراخمالىغا، 300گىرام سۇ ئىشلىتىمىز.
   2. كىراخمالنى قايناتقان ۋاقىتتا، توختىماستىن قوچۇپ تۇرۇش كېرەك؛ بولمىغاندا، قازاندا قېتىپ كىچىك-كىچىك پارچە نۆكچە بولىۋالىدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号