بىر ئائىلە كىشىلىرى، ئۇرۇشماڭلار!
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5831:قېتىم كورۇلدى
ئۇرۇش-جىدەل، بايلىق تەلەينى قاچۇرىدۇ
   شۇڭا بىر ئائىلە كىشلىرى ئۇرۇشماڭلار، بولمسا ئۇرۇشۇپ جىدەل ئويناپ، تەلەينى قاچۇرۋىتىسىلەر. غۇربەتچىلىكتە ئۆتىدىغان ئائىلىدىكىلەر، ئۆز-ئارا ئۇرۇشۇپ جىدەل قىلغىلى ئامراق كېلىدۇ، ئايال كىشى ئەركىشىنى پۇل تېپىشنى بىلمەيدۇ دەپ جىدەل قىلىدۇ، ئەر كىشى ئايال كىشىنى ئۆي تۇتۇشنى بىلمەيدۇ دەپ جىدەل قىلىدۇ؛ ئىككى تەرەپ، نامراتلىقنىڭ سەۋەبىنى بىر-بىرىگە دۆڭگەيدۇ.
ئۇرۇش-جىدەل، قەلبلەر ئارىلىقىنى بارغانسېرى يېراقلاشتۇرىۋىتىدۇ
   كۈندە زېھىنىنى ئۇرۇش-جىدەلگە سەرپ قىلىپ، كۈندە قارشى تەرەپنىڭ ئەيىب يىتەرسىزلىكلىرىنى ئىزدەپ ئۆتسە ھەمدە مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنىلا ئويلىسا، بۇنداق ئائىلىدە ئارامخۇدا كۈن ئۆتكۈزگىلى بولامدۇ؟ ئەينى ۋاقىتتا، ئەر كىشى ئۆزى خالاپ ئايال كىشىنى ئەمرىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ياخشىدەك ھېس قىلىدۇ؛ بىراق بىرگە ئۆي تۇتۇپ تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىغاندىن كېيىن، ئايال كىشىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنىڭ ياخشى ئەمەستە ھېس قىلىشقا باشلايدۇ. ئايال كىشىمۇ ئەركىشىگە ياتلىق بولۇشنى قارار قىلغان ۋاقىتتا، كۆڭلىدە ئۇ ئەركىشىدىن مۇتلەق خاتىرجەم بولىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭغا بىر ئۆمۈر ئەگىشىشنى خالايدۇ؛ بىراق توي قىلىپ بىر ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى قارىشىنىڭ ھەممىنى ئىنكار قىلىۋىتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئىككى قەلب ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق بارغانسېرى يېراقلاپ، ناتونۇش كىشىلەرگە ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ.
ھەقىقى مۇھەببەتتە، ئۆزىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقى بىلەن قارشى جۆرىمىزنىڭ يىتەرسىزلىكىنى يېپىشىمىز كېرەك.
   ھەممەيلەن، توي تۇرمۇشى مۇھەببەتنىڭ قەبرىسى دېيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. مۇھەببەتنى قانداق ساقلاشنى ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى بىلىدىغان ئادەم، توي تۇرمۇشىنىڭ ئەمەلىيەتتە مۇھەببەتنىڭ باشلىنىشى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
مۇھەببەتنىڭ ۋەزىپىسى، قارشى تەرەپنىڭ گۈزەللىكىنى بايقاش بولۇپ، بۇنىڭدا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىدا يېتەرلىك جەلپكارلىق پەيدا بولۇپ، ئىككەيلەن بىر يەرگە كېلىدۇ. بۇندىن باشقا، مۇھەببەتنىڭ يەنە بىر ۋەزىپىسى بولسا، قارشى تەرەپنىڭ يىتەرسىزلىكلىرىنىمۇ ياخشى كۆرۈش بولۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ يىتەرسىزلىكىنى يېپىش بولىدۇ؛ بۇنىڭدا، ئىككەيلەننىڭ مۇھەببىتى ھەقىقى مۇھەببەت دەرىجىسىگە يەتكەن بولىدۇ.
بىر ئائىلە كىشىلىرى پۇل دۇنيانى ھەممىدىن مۇھىم كۆرىۋالماسلىقى كېرەك
   پۇل دۇنيانى ھەممىدىن مۇھىم بىلسەك، ئىنچىكە ھېساب قىلىدىغان ئىشلار كۆپىيىپ كېتىدۇ، تالاش-تارتىشمۇ بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلايدۇ. تالاش-تارتىش قىلىش ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان ۋاقىتتا، نامراتلىقتىمۇ ئۇرۇشىدىغان، باي بولغاندىن كېيىنمۇ ئۇرۇشىدىغان بولۇپ قېلىپ، ئۇرۇش-جىدەلنىڭ ئايىغى چىقماي قالىدۇ. ئون بارماقنىڭ ھەممىسى تەڭ بولمايدۇ، ئۆز-ئارا سېلىشتۇرۇپ ئىنچىكە ھېساب قىلىش، بىر ئائىلە كىشىلىرىدە كۆرۈلۈشكە تېگىشلىك ئەھۋال ئەمەس؛ پەقەت بىر ئائىلە كىشلىرى بىر نىيەت ھەم بىر مەقسەتتە بولسىلا، تۇپراقنىمۇ ئالتۇنغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.
   بىر ئائىلە كىشلىرى، ھەرقانداق ئىش بولسا كۆڭۈلدە ساقلىۋالماي، قارشى تەرەپكە ئىشىنىپ، ئورتاق مەسلىھەتلىشىپ ئىش كۆرۈش كېرەك؛ بوران-چاپقۇنلارنى بىرلىكتە باشتىن ئۆتكۈزۈپ، راھەت-پاراغەتتىن بىرگە ھۇزۇرلانغاندا، ئاندىن ھەقىقىي تۈردىكى بىر ئائىلە كىشلىرى بولغىلى بولىدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

دادىنىڭ قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرىلىگەن ئىجادىي سۈرەتلىرى

ئۇلارنى بېلىق بىلەن بىللە يۇيۇنغىلى ۋە بۆرە بىلەن بىللە ھۇۋلىغىلى قويۇپ بەرگەن؛ بۇ قىزلارنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل تۈردە ناھايىتى قىزىقارلىق

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号