ۋىتامىن Cنىڭ ھېكايىسى (بىرىنچى قىسىم)
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5814:قېتىم كورۇلدى
   ئېيتىلىشلارغا قارىغاندا، 16-15-ئەسىرلەردە، قان بۇزۇلۇش كېسەللىكى(يۈزى قارىداپ ئۆڭۈپ كېتىش، چىش ئارىلىقلىرى قاناش، پۈتۈن بەدىنى كۆكىرىپ كېتىش، بوغۇملىرى ئىششىپ ئاغرىش، ئىككى پۇتى ئىششىپ ئاغرىش) پۈتكۈل ياۋروپا دۆلەتلىرىگە تارالغان؛ بۇ ئەھۋال ئىزچىل تۈردە داۋاملىشىپ 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرىقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە، لۇندا ئىسىملىك بىر دوختۇر ۋىتامىن Cنى بايقىغاندىن كېيىن....
   ئۇنداقتا، سىز ۋىتامىن Cنىڭ قانداق روللىرىنىڭ بارلىقىنى بىلەمسىز؟ بۈگۈن بىز بۇ ھەقتىكى ساۋاتلارنى سۆزلەپ ئۆتىمىز.
ۋىتامىن C قانداق نەرسە
   قان بۇزۇلۇشقا قارشى تۇرىدىغان كىسلاتالىق بىئولوگىيىلىك ئاكتىپ بىرىكمە ماددىلارنىڭ ئومۇملاشتۇرۇپ ئاتىلىشى بولۇپ، بىر خىل سۇدا ئىرىشچان ۋىتامىن، ئادەتتە مېۋە-كۆكتاتلار تەركىبىدە نىسبەتەن مول بولىدۇ. ۋىتامىن C، ئوكسىدلىنىپ ئەسلىگە قايتۇرۇش مىتابولىزىم رىئاكسىيەسىدە تەڭشەش رولىنى ئوينايدىغان بولۇپ، ئەگەر ئۇ كەمچىل بولسا، قان بۇزۇلۇش كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنداقتا، ئۇنىڭ قانداق رولى بار؟
   1. بەزىبىر گىدوركسىلازا ئىنىزىمىنىڭ ياردەمچە ئىنىزىمى
   ئاددىي مىسال كەلتۈرۈپ ئېيتساق، ئاياللاردا قورۇقچە پەيدا بولۇش، كوللاگىنلىق ئاقسىل يىتىشمىگەنلىكتىن بولىدۇ. ۋىتامىن  C كەمچىل بولغان ۋاقىتتا، تەخمىنەن پەقەت %10 ئەتراپىدىكى كوللاگىنلىق ئاقسىللارلا بىرىكەلەيدۇ. ئەگەر يېتەرلىك مىقداردا ۋىتامىن C تولۇقلىساق، 35-26ياش ئارىلىقىدا بەدەندە زور مىقداردا كوللاگىنلىق ئاقسىل تولۇقلاپ زاپاس ساقلاشقا بولىدۇ.
   2. بەدەننىڭ تۆمۈر ماددىسىنى سۈمۈرۈشىگە ياردەملىشىدۇ
   ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، قان ئازلىق كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، چوقۇم تۆمۈر ماددىسى تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ، لېكىن تۆمۈر ماددىسى بولسا، بەدەنگە سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان مىنرالنىي ماددىدۇر. ۋىتامىن Cنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئەسلىگە ئەكېلىش ئىقتىدارى بار بولۇپ، ئادەم كۈندىلىك ئۆسۈملۈك تىپىدىكى يېمەكلىكلەردىن قوبۇل قىلغان بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشى تەس بولغان تۆمۈر ياكى مىس ماددىسىنى، ئادەم بەدىنى ئاسانلا سۈمۈرەلەيدىغان ھالەتكە ئەكېلەلەيدۇ.  شۇڭلاشقا، ئەگەر ۋىتامىن Cدىن ياخشى پايدىلانساق، قان كەمچىللىكتىن ئاقىرىپ ئۆڭۈپ قالغان چىرايىمىزنىڭ قىزىللىقىنى ئەسلىگە ئەكېلىشكە بولىدۇ.
   3. ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممونت كۈچىنى ۋە بەدەن ئورگانىزىمىنىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
   4. قان بۇزۇلۇش كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەم داۋالاپ ياخشىلايدۇ.
   قان تومۇر دىۋارىنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى، ۋىتامىن C بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، قىل قان تومۇرلار بولسا، بەدەندىكى ئەڭ ئىنچىكە قان تومۇرلاردۇر، قىل قان تومۇرلارنىڭ دىۋارى بەلكىم بىر ھۈجەيرە قېلىنلىقىدا كېلىشى مۇمكىن؛ قىل قان تومۇرلىرىنىڭ دىۋارىنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى ۋە ئېلاستىكىلىقىنى، ھۈجەيرىلەرنى باغلاپ تۇرۇشقا مەسئۇل بولغان يىلىم ئۈنۈمىگە ئىگە كوللاگىنلىق ئاقسىللار بەلگىلەيدۇ. ئادەتتە، ئادەم بەدىنى نورمال ھالەتتە، بەلگىلىك مىقداردا ۋىتامىن C زاپىسى ساقلايدىغان بولغاچقا، قان بۇزۇلۇش كېسەللىكى، ۋىتامىن C قوبۇل قىلىش كەملەپ كېتىپ 4-3ئايدىن كېيىن ئاندىن كۆرىلىدۇ.
   5. چىش مىلىكى قاناشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
   چىش مىلىكى يۇمشاق ئورگانىزىم بولۇپ، ئاقسىل، كالتسىي، ۋىتامىن Cقاتارلىقلار كەمچىل بولغان ۋاقىتتا، ئاسانلا چىش مىلىكى قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   6. ئارتىرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
   ۋىتامىن C، خولىستىرىننىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدىغان بولۇپ، ئارتېرىيە قان تومۇر دىۋارلىرىدا يېغىلىۋىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ھەتتا يېغىلىپ ھاسىل قىلغان چۆكمىلارنى ئىرىتەلەيدۇ.
   ۋىتامىن Cنىڭ بۇنچە كۆپ پايدىلىق تەرەپلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتۇق، بۇ ۋاقىتتا سىز ۋىتامىن Cنى ھەممىگە قادىردەك، ۋىتامىن Cنى قانچە كۆپ تولۇقلىسا شۇنچە ياخشىدەك ھېس قىلىۋاتامسىز؟ ۋىتامىن Cنىڭ ھېكايىسىنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا، سىزگە بۇنىڭ جاۋابىنى يەتكۈزىمىز.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

ھىندىنوزىيەدە پويىز يولىدا يېتىۋالىدىغانلار تېخىمۇ كۆپلەپ كەتتى

ھىندىنوزىيەدە، بارغانسىرى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر پويىز رىلىسىدا يېتىۋىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ قالدى. بىراق، ئۇلار پويىز يولىدا ئۆزىنى

ئىرىگە تەلەي ئېلىپ كىلىدىغان ئاياللارنىڭ ئالاھىدىلىكى

بىراق، پاسسىپ ئىنىرگىيەگە تولغان بىر ئادەم، ھەر ۋاقىت چۈشكۈنلۈككە پېتىپ چىقالمايدۇ، ياخشى بىر كىشىلىك ھاياتقا ئىرىشىشى تېخىمۇ مۇمكىن ب

قەھۋەنىڭ ئۇرۇقلىتىش ئۈنۈمىنىڭ ئىلمى ئاساسى بار بولدى

ئامىرىكا كۈندىلىك ئىلىم-پەن تورىنىڭ يېقىنقى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەلىك ئالىملار، بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچىش ئارقىلىق، بەدەندى

مۇھەببەتتە ساداقەتسىزلىككە ئۇچرىغاندا ئەپۇ قىلىش كىرەكمۇ

بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا، ئۇنىڭغا ئالاھىدە ئىتىبار بىلەن قاراپ، ھەتتا چۈشىدىمۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ئادەمنىڭ كىتىپ قېلىشىدىن ئ

تۆت يۈز جىڭلىق يىگىت ئۇرۇقلىدى، ئەمما ئازراقمۇ خۇشال بولالمىدى

نۇرغۇن كىشىلەر سەمىرىپ كىتىشكە باشلىغان بولۇپ، كۆپ قىسىم كىشىلەر خىزمەت ۋاقتىدا ئورۇنداقتا ئولتۇرۇپ ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن، سېمىزلەرنىڭ س

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号