ئۆپكە ساغلام بولماسلىقنىڭ تۆت چوڭ ئالامىتى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 12176:قېتىم كورۇلدى
   ئادەتتە، كىشىلەر ئۆپكىنى كۈنلۈككە ئوخشىتىدۇ؛ چۈنكى ئۇ، باشقا ئىچكى ئەزالىرىمىز ئۈچۈن "قار يامغۇرلارنى توسىدىغان توسۇق" بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، ئۆپكىنىڭ يەنە بىر نامىمۇ بار بولۇپ، "ئەركە ئەزا" دەپمۇ ئاتىلىدۇ؛ چۈنكى، ئۇ ئېغىز بۇرۇن بىلەن بىۋاستە تۇتىشىدىغان بولغاچقا، ئاسانلا سىرتقى مۇھىتتىكى باكتېرىيە ۋىرۇس ۋە زەھەرلەرنىڭ بىۋاستە تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.
   ئۆپكىنىڭ ساغلاملىقى، تەن ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. ئۇنداقتا، ئۆپكىنىڭ ساغلام ياكى ئەمەسلىكىنى قانداق بىلىمىز؟
   ئۆپكىسى ياخشى ئەمەس ئادەمدە، تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ.
ھەمىشە ھۆتىلىدۇ
   ھۆتىلىش، كاناي ۋە نەپەسلىنىش يولىنى پاكىزە ساقلاشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى؛ شۇڭا، ناگاندا بىر ھۆتىلىپ قويۇش، نورمال بىر ئەھۋال. بىراق، ئەگەر ھەر دائىم توختىماي ھۆتەلسەك، ئۇنداقتا ئۆپكە قىسىمغا زەھەرلىك ماددىلارنىڭ بەك يېغىلىپ قالغان ياكى قالمىغانلىقىنى ئويلىشىش كېرەك بولىدۇ. ئەگەر توختىماي ھۆتەلگەن ۋاقىت ئۈچ ھەپتىگە يىتىپ قالسا، ئۇنداقتا، ئەڭ ياخشىسى ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، كېسەللىك ئۆزگىرىشى كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئالماق لازىم.
چىرايى سۇلغۇن
   جۇڭيى تىبابىتىنىڭ قارىشىچە، ئۆپكە بىلەن تىرە ئۆز-ئارا باغلىنىشلىق بولۇپ، ئۆپكە ئادەتتە تىرىگە ئۇزۇقلۇق يەتكۈزىدىكەن ھەمدە ئەگەر ئۆپكە ئىقتىدارى ياخشى بولمىسا، ئادەمنىڭ چىرايىنىڭ سۇلغۇن بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
   ئەگەر، ئۇزۇن بىر مەزگىل ئىچىدە، تىرىڭىزنىڭ ئۆڭۈپ نۇرسىز بولۇپ قالغانلىقىنى ۋە تۈك تۆشۈكچىلىرىنىڭ كېڭىيىپ قالغانلىقىنى بايقىسىڭىز، بۇ بەلكىم ئۆپكىنىڭ زەئىپلىشىشكە باشلىغانلىقىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.
كەيپىيات خامۇشلىشىش
   ئۆپكە ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كەتسە، ئادەم بەدىنىدىكى قان ئايلىنىشنىڭ ئاستىلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كۆكسى سىقىلىش تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ.
   ئەگەر، ھەمىشە بىر خىل خامۇشلۇق ھېس قىلىپ، كۆپ ئەندىشە قىلىدىغان بولۇپ قالسىڭىز، ئۆپكىڭىزنىڭ ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىدىن ياكى زەخمىلەنگەن بولۇشىدىن ئېھتىيات قىلىشىڭىز كېرەك.
نەپەس قىستاپ ماغدۇرسىزلىنىش
   ئەگەر، ھەمىشە نەپىسىڭىز قىستاپ ماغدۇرسىزلىنىش ھېس قىلسىڭىز، ئۆپكىگە قۇۋۋەت يىتىشمىگەنلىكنى ئويلىشىش كېرەك. بولۇپمۇ ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن ياكى ئالدىراش خىزمەتتىن كېيىن، روھى كەيپىياتىڭىز تۆۋەنلەپ كېتىدىغان ۋە نەپەسلىنىش تىزلىشىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قاراش كېرەك.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

دادىنىڭ قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرىلىگەن ئىجادىي سۈرەتلىرى

ئۇلارنى بېلىق بىلەن بىللە يۇيۇنغىلى ۋە بۆرە بىلەن بىللە ھۇۋلىغىلى قويۇپ بەرگەن؛ بۇ قىزلارنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل تۈردە ناھايىتى قىزىقارلىق

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号