بانكا كارتىسى بىلەن خوشلىشىدىغان زامان كەلدى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5810:قېتىم كورۇلدى

   ھازىر ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن نەخ پۇل ئالماقچى بولساق، بانكا كارتىسى كەتمەيدۇ؛ ئۇنداقتا نېمە كېتىدۇ؟ سىز پەقەت، ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىكى كامىراغا قاراپ بىرنى كۈلۈپ قويسىڭىزلا، ماشىنا سىزگە پۇلنى چىقىرىپ بىرىدۇ. چىراي تۇنۇتۇپ بانكىدىن نەخ پۇل ئاجرىتىش، ھازىر خام خىيال ئەمەس، ھازىرقى نۇرغۇنلىغان بانكا تىجارەت زاللىرىدا، بۇ خىل چىراي تونۇتۇپ نەخ پۇل ئاجرىتىدىغان ماشىنىلارنى كۆرەلەيسىز.
   ئەگەر سىز بانكا كارتىڭىزنى يېنىڭىزغا سېلىۋالمىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ خىل ماشىنىنى ئىزدەپ تېىپىپ، چىرايىڭىزنى تونۇتۇپلا بىۋاستە نەخ پۇل ئاجرىتىپ ئالالايسىز. بۇ جەرياندا ھېچقانداق باشقا نەرسە كەتمەيدۇ، پەقەت چىرايىڭىز يېنىڭىزدا بار بولسىلا بولىدۇ، 30سىكونت ئىچىدە نەخ پۇل ئېلىش مەشغۇلاتىنى تاماملىيالايسىز؛ بىراق، بۇ سىستىما تېخى تولۇق مۇكەممەللىشىپ بولالمىغان بولغاچقا، نۆۋەتتە پەقەت 3000يۈەنلا ئاجرىتىپ ئالالايسىز.
   ئىلگىرى، iPhoneX چىراي تونۇتۇپ قۇلۇپنى ئېچىش دەۋرىنى باشلىغان، ھازىر بانكىلارمۇ چىراي تونۇتۇپ نەخ پۇل ئاجرىتىپ ئېلىشنى يولغا قويدى؛ قارىغاندا بۇندىن كېيىن چىرايىمىزنى ياخشى ئاسرىمىساق بولمىغۇدەك! تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى، بۇ خىل سىستېما، ئاياللارنىڭ چىرايىنى سۇس گېرىم ئاستىدىمۇ تونىيالايدۇ؛ بىراق، قىلىنغان گىرىم بەك قېنىق بولۇپ كەتسە ياكى ھۆسىن تۈزەش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرۇپ چىرايىغا تولدۇرۇش قىلغان بولسا، ئۇنداقتا ماشىنا بۇ خىل چىراينى تونىيالمايدۇ.
   ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، جىفۇباۋ چىراي تۇنۇتۇپ ھەق تۆلەشنى يولغا قويۇپ بولغان. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇندىن كېيىن، ئايروپىلانغا چىقىشتىمۇ چىراي تونۇتۇش سىستېمىسى ئىشلىتىشكە بولۇش ئەمەلگە ئاشۇرىلىدىكەن. ھازىر پەن-تېخنىكىنىڭ بارغانسېرى تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇندىن كېيىنكى تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ قولايلىقلىشىپ كەتكۈسى؛ بۇ خىل تەرەققىيات يۆنىلىشى، كەڭ خەلق ئاممىسى ئۈچۈن، تېخىمۇ قولايلىق، تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بىرىدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号