كاۋا راستتىنلا قاننىڭ قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلىتەلەمدۇ؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 9879:قېتىم كورۇلدى
   ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا، ياپونيە بېيخەيداۋدىكى دىئابىت كېسەللىكى يۈز بىرىش نىسبىتى %50كە يەتكەن؛ لېكىن، بېيخەيداۋدىكى شىجاۋ كەنتىدە، دىئابىت كېسەللىكى بىمارلىرى ئىنتايىن ئاز كۆرۈلگەن. بۇ ئەھۋالغا قارىتا، تىببىي مۇتەخەسسىسلەر چوڭقۇر كۆزىتىش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، بۇ ئەھۋالنى شىجاۋ كەنتىدىكى كىشىلەرنىڭ كاۋا يىيىشكە ئادەتلەنگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان.. كىيىنچە يەنە كىلىنكىدا تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، كاۋىنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە دىئابىت كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بارلىقىنى بايقىغان.
   لېكىن، يۇقىرىدا ئېيتىلغان كاۋا، "لۇرىن كاۋىسى"نى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ خىل كاۋا پەقەت شۇ جايدىلا بار؛ چۈنكى ئۇ يەردنىڭ تۇپرىقى ئىشقارلىققا مايىل بولغاچقا، يېتىشتۈرگەن كاۋىنىڭ تاتلىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى ئەمەس، كىراخمال مىقدارى تۆۋەن. ئەمما دۆلىتىمىزدە يىتىشتۈرۈلگەن كاۋىلار تاتلىققا مايىل بولۇپ، يېتىشتۈرگەن جاي ئوخشاش بولمىسا، تاتلىقلىق دەرىجىسىمۇ %15-%3 ئەتراپىدا ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا، "كاۋا يىسە قاننىڭ قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ" دېگەن بۇ خىل قاراش، دۆلىتىمىز خەلقىگە ماس كەلمەيدۇ.
   كاۋا تەركىبىدىكى ئەڭ گەۋدىلىك بولغان ئۇزۇقلۇق، كاروتىن بىلەن ۋىيتامىن A. كاۋا ئېتى ئادەتتە قىزغۇچ سېرىق رەڭدە كېلىدۇ، بۇ خىل رەڭ كاۋا تەركىبىدىكى كارتىندىن كەلگەن. ھەر 100گىرام كاۋا تەركىبىدە، تەخمىنەن 3000مىكروگىرام ئەتراپىدا β-كاروتىن، 370مىكروگىرام ۋىيتامىنAبار بولۇپ، يېمەكلىككە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ خېلىلا مول مىقدار ھېسابلىنىدۇ.
   كاروتىن بىلەن ۋىيتامىنAنىڭ، ئادەم بەدىنىدە كۆپ تۈرلۈك مۇھىم ئىقتىدارلىرى بار. ئەگەر ۋىيتامىنA كەم بولسا، بىرىنچى بولۇپ كۆرىلىدىغان ئالامەت، كەچلىكى بىر نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرگىلى بولمايدۇ. ئەگەر بەدەندە كاروتىن مىقدارى بەك كۆپ بۇلۇپ كەتسە، بەدەن سارغىيىپ قالىدۇ. لېكىن، بەك ئەنسىرەپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ بىز پەقەت كاروتىن قوبۇل قىلىشنى توختاتساقلا، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۆزلىكىدىن ئەسلىگە كېلىدۇ.
   دۆلىتىمىزدە، نۇرغۇنلىغان سودىگەرلەر پايدا-مەنپەئەت قوغلىشىش ئۈچۈن، بىز ئالدىدا سۆزلەپ ئۆتكەن "ياپونيە رىۋايىتى"نى دەستەك قىلىپ، "كاۋا قاننىڭ قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش مەھسۇلاتلىرى" قاتارلىق ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالدى.
   بىراق، دۆلىتىمىزدىكى كاۋىلارنىڭ قەنت تەركىبى، ياڭيۇدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. كاۋىنىڭ شېكەر ھاسىل قىلىش كۆرسەتكۈچى 75، ياڭيۇنىڭ بولسا ئاران 62 چىقىدۇ؛ شۇڭا، كاۋا ئادەتتە شېكەر ھاسىل قىلىش كۆرسەتكۈچى يۇقىرى يېمەكلىك ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، بەدەنگە سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ ھەمدە گىلوكوزا ناھايىتى تىزلا قانغا ئۆتۈپ، قاننىڭ قەنت مىقدارىنى ئۆرلىتىۋىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر كاۋىنى كۆپ ئىستىمال قىلساق، ئاساسلىق يېمەكلىكنى ئازلاتمىغان ئەھۋال ئاستىدا، قاننىڭ قەنت مىقدارى بارغانسېرى ئۆرلەپ كېتىدۇ.
   بۇندىن باشقا، كاۋا تەركىبىدە گەرچە ئىنسۇلىنسىمان فاكتورلار بار بولسىمۇ، ئەمما پىشۇرۇش ۋە ھەزىم قىلىش جەريانىدا، پارچىلىنىپ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا، كاۋا تەركىبىدە ئىنسۇلىنسىمان فاكتورلار بار دەپ، كاۋىنىڭ قاننىڭ قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىشىگە ئىشىنىپ كېتىشكىمۇ بولمايدۇ.
   لېكىن، كاۋا تەركىبىدە كاۋا پولىساخارىدى، يېمەكلىك تالا ماددىسى، ۋىيتامىنلار، كالىي قاتارلىق مىنرالنى ئىلمىنتلار مول بولۇپ، بىر قىسىم ئاساسلىق تائامنىڭ(گۈرۈچ، ئۇن تائاملىرى) ئورنىغا ئالماشتۇرغان ۋە مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلغان ئەھۋال ئاستىدا، دىئابىت كېسەللىكى بىمارلىرىنىڭ بىر خىل يېمەكلىكى قاتارىدا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ.
   كاۋىنىڭ ھەقىقىي پايدىلىق تەرىپى، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ۋىيتامىن ۋە پىكتىندە بولۇپ، پىكتىننىڭ سۈمۈرۈپ چاپلاشتۇرۇش ئۈنۈمى ياخشى، شۇڭا بەدەندىكى باكتىرىيە ۋە زەھەرلىك ماددىلارنى، مەسىلەن، قوغۇشۇن، سىماب، رادىئاتسىيەلىك ئىلمىنتلار قاتارلىقلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتەلەيدۇ ھەمدە زەھەر قايتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. بۇندىن باشقا، كاۋا يەنە ئاشقازان ئۈچەي يوللىرىدىكى چاپلاشقاق پەردىلەرنى، يىرىك يېمەكلىكنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچراشتىن ساقلاپ، يارىنىڭ ئېغىز ئېلىپ ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ شۇڭلاشقا، ئاشقازان كېسەللىكى بار بىمارلارغا، كاۋا بىر قەدەر ماس كېلىدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号