بۇ ئۈچ خىل چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8200:قېتىم كورۇلدى
   ھازىر، نۇرغۇن ياشلارنىڭمۇ چاچلىرى چۈشۈپ كېتىشكە باشلىدى؛ بولۇپمۇ ياش خانىم قىزلارنىڭ چاچلىرى بارغانسىرى ئازلاپ، قارىماققا ئەمەلىي يېشىدىن چوڭ كۆرىنىدىغان بولۇپ قالدى. كىشىلەر چاچ چۈشۈشنى، بۆرەك ياخشى بولماسلىقنىڭ سەۋەبىدىن بولىدۇ دەپ قارايدۇ؛ لېكىن ئەمەلىيەتتە، چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بىز ئادەتتە ئىشلىتىدىغان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەنمۇ بەلگىلىك مۇناسىۋىتى بار. تۆۋەندىكى ئۈچ خىل چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، ئاسانلا چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئاللىبۇرۇنلا ئىشلىتىشنى توختىتىش قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
تەركىبىدە سىلتسىيلىق ماي تەركىبى بار چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرى
   ناھايىتى ئىلگىرىلا، سىلتسىيلىق ماي(硅油) بار بولغان چاچ سوپۇنىنىڭ ئادەمنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان بولۇپ، ئۇ گەرچە ئادەمنىڭ چېچىنى سىيلىق ھەم تاشلىنىپ تۇرىدىغان قىلالىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى تېخىمۇ چوڭ؛ بۇ خىلدىكى چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، تۈك تۆشۈكچىلىرى توسۇلۇپ قېلىش، باش تىرىسى قىچىشىش، چاچ چۈشۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ھازىر، نۇرغۇن ماركىدىكى چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرى، تەركىبىدە سىلتسىيلىق ماي بولمىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقاردى ھەمدە ئالاھىدە ئەسكەرتىش چاپلاپ قويىدىغان بولدى.
تەركىبىدە چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىسى بار بولغان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
   ھازىر، بىز دۇكانلاردىن سېتىۋالىدىغان بەزىبىر چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرىنىڭ تەركىبىدە، مېتىل ئىزوتىئازولون(甲基异噻唑啉酮DMئاتسېتىل ئۇرىيە(DMDM乙内酰脲) قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇ تەركىبلەر فورمالدېگىد(甲醛) ھاسىل قىلىپ، باش تېرىسى ۋە چاچ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ؛ بۇ خىل چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىدا چاچنى يۇغاندىن كىيىن، بېشىمىز قىچىشىپ كىپەكلەر كۆپىيىپ قالغاندەك ھېس قىلىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل چاچ سوپۇنىنى ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلەتكەندە، چاچنى قۇرغاقلاشتۇرۇپ، ئېغىر بولغاندا راك كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋىپى تۇغدۇرىدۇ.
تەركىبىدە مىنرال مايلار بار بولغان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرى
    مىنرال ماي(矿物油) ۋە بوۋاقلار مېيى، چاچنى قارىماققا تېخىمۇ پاقىراق ھەم يۇمشاق قىلالايدۇ. لېكىن، مىنرال ماينىڭ ھېچقانداق پايدىلىق تەركىبى يوق بولۇپ، ماشىنىغا ئىشلىتىلىدىغان بېنزىن بىلەن ئوخشاش بىر خىل نېفىتنىڭ ھاسىلاتىدۇر. ئويلاپ بېقىڭ، بېنزىننى چېچىڭىزغا سۈرىۋالسىڭىز قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ گەرچە چاچنىڭ چاپلىشىشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، چاچنى تىرىگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان قىلسىمۇ ۋە ۋاقىتلىق ھالدا نەملىك ساقلاش ئۈنۈمى بار بولسىمۇ، ئەمما چاچقا قارىتا ھېچقانداق پايدىلىق ئۈنۈم كۆرسەتمەيدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号