ئۇزۇنچاق گۈرۈچ بىلەن دانىسى كىچىك يۇمىلاق گۈرۈچنىڭ پەرقى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8208:قېتىم كورۇلدى
   گۈرۈچ، تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان ئاساسلىق يېمەكلىك بولۇپ، ئۇنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىنى سۆزلەپ ئولتۇرۇش بىھاجەت.
   ئادەتتە، تۇرمۇشىمىزدا ئىشلىتىلىدىغان گۈرۈچ، دانىچىسى چوڭ ئۇزۇنچاق كەلگەن سوقىچاق گۈرۈچ ۋە دانىسى كىچىك كەلگەن يۇمىلاق گۈرۈچ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ.
   يۇمىلاق گۈرۈچ، ئۇزۇقلۇقى بىلەن كەڭلىك نىسبىتى ئىككىدىن كىچىك بولغان گۈرۈچنى كۆرسىتىدۇ؛ بۇ خىل گۈرۈچنىڭ سىرتقى شەكلى، قىسقا ئەمما "تولغان" بولۇپ، قىسقىراق ئىللىپىس شەكىلى ياكى تۇخۇم شەكىلىدە بولىدۇ.
   سوقىچاق گۈرۈچنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن كەڭلىك نىسبىتى ئىككىدىن چوڭ بولۇپ، سىرتقى شەكلى ئۇزۇنچاق ئىللىپىس شەكىلىدە ياكى ئىنچىكە ئۇزۇن شەكىلدە كىلىدۇ.
   يۇقارقىسى، ئىككى خىل گۈرۈچنىڭ ئۆسۈملۈك ئىلمى جەھەتتىكى پەرقى بولۇپ، بەزىلەر سوقىچاق گۈرۈچنىڭ سىرتقى شەكلى يۇمىلاق گۈرۈچكە قارىغاندا چىرايلىق، شۇڭلاشقا باھاسىمۇ قىممەت دىيىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھەر ئىككى خىل گۈرۈچنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بار بولۇپ، ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ ياقتۇرىدىغىنىمۇ ئوخشىمايدۇ؛ شۇڭا، بۇلار باھانى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق ئامىل ئەمەس.
سوقىچاق گۈرۈچ بىلەن يۇمىلاق گۈرۈچنىڭ پەرقى
ئۇزۇقلۇق تەركىبى جەھەتتىكى پەرقى
   گۈرۈچ تەركىبىدىكى ئاساسلىق ئۇزۇقلۇق ماددىلار كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان بولۇپ، ئاقسىل، ياغ، يېمەكلىك تالا ماددىسى، ۋىيتامىنB1، ماگنىي، تۆمۈر، سىنىك قاتارلىقلارنىڭ پەرقى چوڭ ئەمەس.
   ئىككى خىل گۈرۈچنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى جەھەتتىكى ئاساسلىق پەرق، يۇمىلاق گۈرۈچ تەركىبىدىكى ۋىيتامىنB2، ۋىيتامىنE، كالتسىي قاتارلىقلارنىڭ مىقدارى سوقىچاق گۈرۈچكە قارىغاندا كۆپ؛ ئۇزۇن گۈرۈچنىڭ بولسا، نىكوتىنىك كىسلاتا ۋە سېلىن تەركىبى، يۇمىلاق گۈرۈچكە قارىغاندا يۇقىرى.
تەم ۋە ئىشلىتىلىش جەھەتتە
   يۇمىلاق گۈرۈچنىڭ چاپلىشىش دەرىجىسى نىسبەتەن ياخشى بولۇپ، پىشۇرغاندىن كىيىن، چاپلىشىپ ئۇلىشىپ كىلىشى مۇۋاپىق بولىدۇ؛ شۇڭلاشقا، يۇمىلاق گۈرۈچ، شورۋىگۈرۈچ قاينىتىشقا ۋە مىفەن پىشۇرۇشقا ماس كېلىدۇ.
   سوقىچاق گۈرۈچنىڭ چاپلىشىش دەرىجىسى نىسبەتەن ناچار بولۇپ، پىشۇرغاندىن كىيىن گۈرۈچ دانىچىلىرى چېچىلىپ تۇرىدۇ؛ شۇڭلاشقا، سوقىچاق گۈرۈچتە پولو ياكى قورۇما تاماق تەييارلىساق، كۆرۈنۈشى چىرايلىق، تەمى ياخشى بولىدۇ.
   يۇقىرىدا ئىككى خىل گۈرۈچنىڭ پەرقىنى سۆزلەپ ئۆتتۇق. قايسىسىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ياخشى دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، ئاددىيلا ئېيتقاندا، ئىككى خىل گۈرۈچنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبىدە كۆپ پەرق يوق بولۇپ، ئاساسلىق پەرقى پىشۇرۇش ئۇسۇلىدا بولىدۇ.
   گۈرۈچ، ئاساسى يېمەكلىكنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆپچىلىككە تۆۋەندىكىدەك تەكلىپ بىرىلىدۇ: گۈرۈچ سېتىۋالغاندا بىراقلا كۆپ سېتىۋالماي، ھەمىشە ھەرخىل ماركىدىكى، ئىشلەپچىقىرىلغان جايى ۋە سۈپەت دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغان گۈرۈچلەرنى ئالماشتۇرۇپ سېتىۋىلىش ۋە ئىستىمال قىلىش كېرەك؛ يېمەكلىك كۆپ خىللىشىش ۋە ئۇزۇقلۇق تەڭپۇڭ بولۇش پىرىنسىپى، گۈرۈچ سېتىۋىلىشقىمۇ ئوخشاش ماس كېلىدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

دادىنىڭ قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرىلىگەن ئىجادىي سۈرەتلىرى

ئۇلارنى بېلىق بىلەن بىللە يۇيۇنغىلى ۋە بۆرە بىلەن بىللە ھۇۋلىغىلى قويۇپ بەرگەن؛ بۇ قىزلارنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل تۈردە ناھايىتى قىزىقارلىق

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号