قىزلىرىنى يالىڭاچلاپ سۈرەتكە ئېلىپ توردا ساتقان ئايال تۇتۇلدى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5810:قېتىم كورۇلدى
   دۇنيادا، دوزاختىن چىققان ياۋۇز ئانا بارمۇ؟
   بۇنىڭ جاۋابى: بار!!
   چەتئەلدە، 35ياشلىق بىر ئايال، ئۆزىنىڭ 8ياشلىق ۋە 14ياشلىق ئىككى قىزىدىن پايدىلىنىپ، بالىلارنى جىنسىي جەھەتتىن خورلاش فىلىمى سۈرەتكە ئالغان ھەم فىلىمنى توردا سېتىپ پۇل تاپقان.
   شىۋىتسىيە ئاخباراتى "شىڭباۋ" گېزىتىنىڭ –نويابىر خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە، بۇ ئانا ئىسپانىيەدىكى بىر ئولتۇراق ئۆيدە قولغا ئېلىنغان.
   ساقچى تەرەپنىڭ ئىسپاتلىشىچە، 35ياشلىق بۇ ئانا، 8ياشلىق ۋە 14ياشلىق قىزىغا قارىتا جىنسىي خورلاش ئېلىپ بارغان ھەمدە بۇ جەرياننى سۈرەتكە ئېلىپ فىلىم ئىشلىگەن.
   بۇندىن باشقا، ساقچى تەرەپ قولغا ئېلىش نەخ مەيدانىدا، 13ياشلىق بىر ئوغۇل بالا بىلەن 5ياشلىق بىر قىز بالىنى بايقىغان؛ بىراق، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭمۇ جىنسىي خورلاشقا ئۇچرىغان ياكى ئۇچرىمىغانلىقى تېخى ئىسپاتلانمىغان.
   ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ ئايال شىۋىتسىيەدىكى "كاسىنو" تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى ئىكەن. "كاسىنو" تەشكىلاتى 2018-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، قورامىغان يەتمىگەن بالىلاردىن پايدىلىنىپ بالىلارغا جىنسىي خورلاش ئېلىپ بېرىش فىلىملىرىنى سۈرەتكە ئالىدىكەن ھەمدە فىلىملەرنى توردا سېتىپ پۇل تاپىدىكەن.
   يېقىندا، شىۋىتسىيە ساقچى تەرەپ ئاخباراتقا ئىرىشىپ، "كاسىنو" تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولغان ئىككى ئايال كىشىنى قولغا ئالغان؛ بۇ قېتىملىق ۋەقەدىكى ئۆز قىزىنى خورلىغان ئانا بولسا، بالىلىرىنى ئېلىپ چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن.
   31-ئۆكتەبىر كۈنى، شىۋىتسىيە ساقچى تەرەپ ئۇنىڭ ئىسپانىيەدە ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن، دەرھال ھەرىكەتكە كىلىپ ئۇنى قولغا ئالغان.
   نۆۋەتتە، بۇ ئايال شىۋىتسىيە دۆلەت ئىچىگە قايتۇرۇپ كىلىنگەن؛ تۆت نەپەر بالا بولسا، پاراۋانلىق ئورۇنلىرىنىڭ خەۋەر ئېلىشىغا تاپشۇرۇپ بىرىلگەن.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号