داۋالاش سۇغۇرتىسىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولدى!!!
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6040:قېتىم كورۇلدى
   يېقىندا، دۆلەتلىك داۋالاش سۇغۇرتا ئىدارىسى ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكى، يېڭى نۇسخىدىكى "دۆلەت ئاساسى داۋالاش سۇغۇرتىسى، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسى دورا مۇندەرىجىسى"نى رەسمىي ئېلان قىلدى. بۇ، دۆلەتلىك داۋالاش سۇغۇرتا ئىدارىسى قۇرۇلغاندىن كىيىن، داۋالاش سۇغۇرتىسى دائىرسىگە كىرگۈزۈلگەن دورىلارغا قارىتا، تۇنجى قېتىم ئومۇميۈزلۈك ھالدا تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىشى.
   بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان تىزىملىكتە، داۋالاش سۇغۇرتىسى ئاتچوت قىلىش دائىرسىگە كىرگۈزۈلگەن دائىملىق ئىشلىتىلىدىغان دورىلار 2643 خىلغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە غەرپچە دورا 1322خىل، جۇڭيىچە دورا (مىللى تىبابەت دورىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 1324گە يەتكەن؛ بۇندىن باشقا، جۇڭيى تىبابىتى ئۇسۇلىدا قاينىتىلغان شەربەت دورىلارغا قارىتا، ئاتچوت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ باشقۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلغان بولۇپ، جەمئى 892خىلغا يەتكەن.
   يېڭىدىن قوشۇلغان دورا نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ قېتىم يىڭىدىن 148خىل دورا قوشۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 47خىلى غەرپچە دورا، 10خىلى جۇڭيىچە دورا بولغان؛ يېڭىدىن قوشۇلغان دورىلار، ئالدىنئالا ئويلىشىدىغان دۆلەتلىك ئاساسلىق دورا، راك ۋە ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىدىغان دورىلار، ئاستا خاراكتېرلىك كىسەللىكلەر دورىلىرى ۋە بالىلار كېسەللىكلىرى دورىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ،  دائىملىق ئىشلىتىلىدىغان تىپتىكى ئېغىر كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان دورىلاردىن 5 خىل دورا، دىئابىت كېسەللىكى قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان دورىلاردىن36خىل   دورا، بالىلار كېسەللىكلىرىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان دورىلاردىن 38خىل دورا، داۋالاش سۇغۇرتىسى ئاتچوت قىلىش دورا تىزىملىكىگە يېڭىدىن كىرگۈزۈلگەن.
   بۇندىن باشقا، 109خىل غەرپچە دورا بىلەن 19خىل جۇڭيىچە دورا، داۋالاش سۇغۇرتىسى ئاتچوت قىلىش دائىرسىگە كىرگۈزۈشنى سۆھبەتلىشىپ بېكىتىش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن؛ بۇ دورىلار ئاساسلىقى، راك كېسەللىكى، ئاز ئۇچرايدىغان ئېغىر دەرىجىدىكى كېسەللىكلەر، Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى، يۇقىرى قان بېسىمى، دىئابىت كېسەللىكى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن دورىلار، دۆلەتلىك تىبابەت دورىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىنقى يىللاردىن بويان يېڭىدىن تەستىقلاپ ئىشلەپ چىقارغان دورىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ بۇندىن باشقا يەنە؛ دۆلەت ئىچىدىكى مۇھىم دەرىجىدىكى ئىجادىي دورىلارمۇ بار.
يېڭى نۇسخىدىكى ئاتچوت قىلىنىدىغان دورا مۇندەرىجە تېزىملىكى، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويىلىدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号