يېقىندا، دالىيە شەھىرىدىكى 13ياشلىق بىر زەھەرخەندە ئوغۇلنىڭ، ئوخشاش بىر ئولتۇراق رايوندا ئولتۇرۇشلۇق 10ياشلىق بىر قىز بالىنى ئۆلتۈرۋەتكەنلىك ھادىسىسى يۈز بىرىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئېچىندۇردى ھەمدە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ، ھەتتا يۇقىرى قاتلامدىكى رەھبەرلەرنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى.
مەن ناھايىتى كەمبەغەل. بەزىلەر مېنى ئەخمەق دېيىشىدۇ؛ چۈنكى، ئىلگىرى كۆپلىگەن شىركەتلەر مېنى يۇقىرى مائاش بىلەن تەكلىپ قىلغان، لېكىن بۇ شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى كومپىيوتىر ياكى يانفون ئويۇنلىرىنى لايىھەلەپ بازارغا سالىدىغان شىركەتلەر بولغاچقا، مەن بۇ خىزمەتلەرنىڭ ھەممىنى رەت قىلدىم ھەمدە كىيىنچە قىسقىچە تەرجىمىھالىمغا، ئويۇن لايىھەلەش پروگراممىرلىق خىزمىتىنى قوبۇل قىلمايمەن دەپ ئېنىق ئەسكەرتىپ قويدۇم.

ئالدى بىلەن، نۆۋەتتىكى ھەرخىل كومپىيوتىر ۋە يانفون ئويۇنلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەيلى. ھازىر دۆلىتىمىزدە بازارغا سېلىنىۋاتقان ئويۇنلارنىڭ باشلىنىشىدىلا، ئادەمنى قىزىقتۇرىدىغان سۈرەتلەر ۋە تۇنۇشتۇرۇشلار قىستۇرۇلغان بولۇپ، بۇلاردىن ئويۇننىڭ مەزمۇنىنى پەرەز قىلىپ يەتكىلى بولىدۇ؛ مەسىلەن، قىمار خاراكتېرىدىكى ئويۇنلار، "سېرىق" مەزمۇندىكى ئويۇنلار، زوراۋانلىق ۋە قەبىھلىك مەزمۇنلىرىغا تولغان ئويۇنلار... ئادەتتە بۇ ئويۇنلارنى تەشۋىق قىلغاندا، "بىرىنچى دەرىجىگە ئېرىشسىڭىز خوتۇن ئالىسىز (ئويۇن ئىچىدە)، بەشىنچى دەرىجىگە يەتسىڭىز، پادىشاھلاردەك ساناقسىز خانىش ۋە توقاللىرىڭىز بار بولىدۇ"، "زەھىرى بولمىسا ئەركەك ھېسابلانمايدۇ"، "جەمئىيەتتە ئوينىغاندا، قان ئاققۇزۇپ نام چىقىرىش كېرەك" دېگەنلەرگە ئوخشاش ئېدىيەلەرنى تەرغىپ قىلىپ، كىشىلەرنى ئويۇنغا پۇل قاچىلاشقا قىزىقتۇرىدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل ئويۇنلارنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى ياكى پايدىسى يوق، ئەمما زىيانلىق تەسىرى ئىنتايىنمۇ چوڭ.
ئېلىكتىرونلوق ئويۇنغا خۇمار بولۇش سەۋەبىدىن يېتىشىپ چىققان "قورامىغان يەتمىگەن داشقاللار"نىڭ سانى ھازىر ئاز ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتماقتا؛ مەسىلەن، بىز باشلىنىشتىلا سۆزلەپ ئۆتكەن دالىيەن شەھىرىدە يۈز بەرگەن ۋەقە.
شۈبھىسىزكى، ئويۇن لايىھەلەش ساھەسىنىڭ مائاشى ئىنتايىن يۇقىرى. لېكىن بىز ئۆگەنگەن مەدەنىيەت بىلىملىرى، لايىھەلەش ۋە پروگرامما يېزىش ماھارەتلىرى، مۇشۇنداق ئويۇنلارنى لايىھەلەپ بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈنمۇ؟ ئادەمنىڭ ئۆمۈرى ئۇزۇن بولمايدۇ، ئەجىبا قىسقىغىنا ئۆمرىمىزدە مۇشۇندا ئىشنى قىلىمىزمۇ؟ مەن بۇنداق بولۇشىنى ئەلۋەتتە قوبۇل قىلمايمەن. ئەلۋەتتە، مېڭىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ۋە تەسەۋۋۇر كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق ئويۇنلارمۇ بار؛ ئەمما ھازىر دۆلىتىمىزدە بۇ خىل ئويۇنلار ئىنتايىن ئاز. ھازىر دۆلەت ئىچىدە ئەۋج ئېلىۋاتقان ئويۇنلارنىڭ ھەممىسى، ئۇرۇشىدىغان، زوراۋانلىقنى ۋە بويسۇندۇرۇشنى تەرغىپ قىلىدىغان، قىمار تىپىدىكى ئويۇنلار كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
ئېلىكترونلۇق ئويۇن، كارتون ساھەسىنىڭ بىر تارمىقى، كارتون بولسا مەدەنىيەت خۇسۇسىيىتىگە ئىگە؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز پۇل ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىمىزنى ئۇنتۇپ قالماي، ئىلغار، ئاكتىپ ۋە ساغلام بولغان مەدەنىيەتكە قاراپ يۈزلىنىشىمىز كېرەك.
كارتون لايىھەلىگۈچى ۋە پىروگرامما يازغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن پەقەت مائارىپ تىپىدىكى دەرسلىك لايىھەلەش، سۈرەت شەكىل ھېسابلاش ئۇسۇلىغا ئوخشاش خىزمەتلەرنى قىلسام دەيمەن ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىمەن. بىراق، قولۇم ھەرقانچە قىسقا بولۇپ قەلەندەر بولۇپ كەتسەممۇ، قورسىقىم ئاچسا توپا يىيىشكە رازىمەنكى، ھەرگىز ۋىجداننى يوقاتقان ئېلىكترونلۇق ئويۇن ساھەسىنىڭ يۇقىرى مائاشلىق خىزمىتىنى قوبۇل قىلمايمەن.
