ئاشنا دېگەن نېمە؟ ئاشنا قانداق بولىدۇ؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5810:قېتىم كورۇلدى
   ئاشنا دېگەن نېمە؟ ئاشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى بىنورمال مۇناسىۋەت ئەمەس، قاش-كۆز ئوينىتىشىپ غەيرى مۇناسىۋەتتە بولۇشمۇ ئەمەس؛ ئاشنا دېگەن، بىر-بىرىنى چۈشىنىدىغان، بىر-بىرىنى قەدىرلەيدىغان كىشىلەردۇر. ھەقىقى ئاشنا، مۇناسىۋەتنى لايىقىدا قىلىدۇ، ئالاقىدە ئارىلىق ساقلاشنى بىلىدۇ؛ ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما كۆزىگە كىرىشىۋالمايدۇ؛ بىر-بىرى ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدۇ، ئەمما جاۋاب كۈتمەيدۇ.
   ھەقىقى ئاشنا، سىزنىڭ پۇل قاپچۇقىڭىزدىن ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ ئادىمىيلىك ئەخلاقىڭىز تەرپىدىن جەلپ قىلىنغان بولىدۇ.
   ھەقىقىي ئاشنا، سىز بىلەن دوستىڭىزغا ئوخشاش ئالاقىلىشىدۇ، ئائىلىڭىزدىكىلەرگە ئوخشاش سىزگە كۆيىنىدۇ، جۆرىڭىزگە ئوخشاش سىزنى قەدىرلەيدۇ.
   ھەقىقى ئاشنا، ئۇنىڭ كۆڭلىدە پەقەت سىزلا بار بولىسىز، ئۇ ئەزەلدىن سىزنى تەڭقىسلىققا قويمايدۇ؛ سىزنى چۈشىنىدۇ ۋە سىزگە كۈينىدۇ، ئەزەلدىن سىزگە ئازاپ ئېلىپ كەلمەيدۇ؛ سىزنى ئاسرايدۇ ۋە كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىدۇ، ئەزەلدىن سىزنى ئالدىمايدۇ؛ ئۇ سىزگە بىر ئۆمۈر يۆلەنچۈك ۋە تايانچ بولۇپ ئۆتۈشنى خالايدۇ، سىزگە ھەمرا بولۇپ ھاراق ئىچىشىپ بىرەلەيدۇ ھەمدە سىزنىڭ دەردىڭىزگە دەرمان بولالايدۇ.
   ھەقىقىي ئاشنا، سىزنىڭ بەختلىك بولشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ ئۆزى ئۇۋالچىلىق تارتىشقا رازى بولسا بولىدۇكى، سىزنىڭ ئۈمىدىڭىزنى يەردە قويمايدۇ؛ ئۆزى ئازابلىنىشقا رازى بولسا بولىدۇكى، ھەرگىز سىزنى چېتىۋالمايدۇ؛ سىزنىڭ دەردىڭىزگە دەرمان بولىدۇ، سىز ئۈچۈن ئىش قىلىدۇ؛ سىز ئۈچۈن پەقەت بەدەللا تۆلەيدۇ، ئەمما سىزدىن جاۋاب كۈتمەيدۇ.
   ھەقىقىي ئاشنا، ئۇنىڭ كۆڭلىدە پەقەت سىزلا بار بولىسىز، ئەمما ئۇ كۆزىڭىزگە كىرىشىۋالمايدۇ؛ ھەمىشە سىزنى سېغىنىدۇ، ئەمما سىزگە دەخلى قىلمايدۇ؛ سىزدىن پايدىلىنىۋېلىشنى ئويلىمايدۇ، پۇل-بايلىقىڭىزنىمۇ كۆزلىمەيدۇ؛ ئۇلار پەقەت بىر نىيەت بىر مەقسەتتە سىزگە ياخشى مۇئامىلىدە بولۇپ، كۈچىنىڭ يېتىشىچە سىزگە ھەمدەمدە بولىدۇ.
   ھەقىقىي ئاشنا، ئۇ ئەزەلدىن سىزنىڭ ئائىلىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىشنى ئويلىمايدۇ، سىزگە ئازاپ ئېلىپ كىلىدىغان ئىشنىمۇ ئەزەلدىن قىلمايدۇ؛ دوستىڭىزغا ئوخشاش سىزنى قەدىرلەيدۇ، ئائىلىڭىزدىكىلەرگە ئوخشاش سىزنى ئاسرايدۇ، جۆرىڭىزگە ئوخشاش سىزگە ساداقەتمەن بولىدۇ.
   بۇنداق ئاشنىنى، ئۇچرىتىشقا بولىدۇ، ئەمما تەلەپ قىلىپ ئەكەلگىلى بولمايدۇ؛ بۇنداق ئاشنىغا ھەممە ئادەم ئىرىشىشنى ئويلايدۇ، بۇنداق ئاشنا، ئاندىن ھەقىقىي ئاشنا ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ بۇنداق ئاشنىڭىز بار بولسا، ياخشى قەدىرلەڭ، بۇنداق مۇناسىۋەت ھالىتىنى بۇزىۋەتمەڭ؛ ئەگەر يوق بولسا، يېنىڭىزدىكى ئادەمنى ياخشى قەدىرلەڭ، جۆرىڭىزنى ئۇۋالچىلىق تارتقۇزۇپ قويماڭ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

دادىنىڭ قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرىلىگەن ئىجادىي سۈرەتلىرى

ئۇلارنى بېلىق بىلەن بىللە يۇيۇنغىلى ۋە بۆرە بىلەن بىللە ھۇۋلىغىلى قويۇپ بەرگەن؛ بۇ قىزلارنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل تۈردە ناھايىتى قىزىقارلىق

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号