ئېينىشتىيىننىڭ چوڭ مېڭىسى نىمىشقا ئۇنداق ئالاھىدە؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 10623:قېتىم كورۇلدى
   ئېينىشتىيىن نېمە ئۈچۈن ئۇنداق ئەقىللىق؟ ئۇنىڭ مىڭىسىنىڭ ئېچىۋېتىلىشى نىسبىتى، نېمە ئۈچۈن ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىگە قارىغاندا يۇقىرى؟ چوڭ مېڭىنىڭ سىرىنى يىشىپ چىقىش ئۈچۈن، تەتقىقاتچىلار ئېينىشتىيىننىڭ چوڭ مىڭىسىگە قارىتا ئىنچىكە كۆزىتىش ئېلىپ بارغان ھەمدە ئاخىرىدا ئىككى تۈرلۈك خۇلاسىنى يېغىنچاقلاپ چىققان.
   ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، چوڭ مېڭە، ئادەم بەدىنىدىكى قۇرۇلمىسى ئەڭ مۇرەككەپ، ئىقتىدارى ئەڭ كۆپ خىللاشقان قىسىم بولۇپ، ئۇ بىزنى باشلاپ ھەرخىل مەسىلىلەر ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزىدۇ. ئىلگىرى، بەزىبىر ئاسترونوملار، چوڭ مېڭىنىڭ ئىچىدە كۆپ خىل ھۈجەيرىلەر ۋە كۆپلىگەن سىستېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، ئوخشاش بولمىغان ھۈجەيرىلەر ئارىسىدىكى باغلىنىش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقى، ئوخشاش بولمىغان سىستېمىنىڭ ئوخشاش بولمىغان روللارنى ئۆتەيدىغانلىقى ۋە ئوخشاش بولمىغان ئۈنۈملەرنى كۆرسىتىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئادەمنىڭ مېڭىسىنى مىكرو تىپتىكى كائىناتقا، كائىناتنى بولسا غايەت بىر چوڭ مېڭىگە ئوخشاتقان.
   يەر شارى ھازىر 4مىليارد 600مىليون ياشقا كىردى؛ ئۇنىڭ 3مىليارد 600مىليۇن يىلغا يېقىن جانلىق يېتىشتۈرۈش تارىخى بار بولۇپ، شۈبھىسىزكى، ئىنسانلار ئۇ جانلىقلار ئارىسىدىكى ئەڭ ئالاھىدە بولغان بىر خىل جانلىق. چۈنكى، ئىنسانلار تەدرىجىي تەرەققى قىلىپ، ئەقىل-پاراسەتكە ئىگە جانلىققا ئايلانغان ھەمدە ئۆزگىچە بولغان تەپەككۇر ئىقتىدارى ۋە ئىجادچانلىققا ئىگە بولغان، بۇ ئالاھىدىلىكلەر باشقا جانلىقلاردا مەۋجۇت ئەمەس. تەدرىجىي تەرەققى قىلىپ ئەقىل-پاراسەتكە ئىگە جانلىققا ئايلانغاندىن كىيىن، ئىنسانلار بۇ سەۋەبلىك قانائەتلىنىپ قالمىغان ھەم مەغرۇرلىنىپ كەتمىگەن؛ ئەكسىچە، تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرلەپ ھەم تەرەققىي قىلىپ، ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا تەبىئەت دۇنياسىدىكى باشقا جانلىقلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، يەر شارىنىڭ خوجايىنىغا ئايلانغان.
   تارىخى ماتېرىياللارغا بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا، يەر شارىنىڭ ئىلگىرىكى خوجايىنلىرى، كۆپىنچە تەبىئىتى قەبىھ ھەمدە بەدەن شەكلى غايەت زور بولغان جانلىقلار بولغان؛ ئەمما ئىنسانلار ئۇلاردىن كۆرۈنەرلىك پەرقلىنىدۇ، شۇڭا ئىنسانلارنىڭ يەر شارىنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنالىشىدىكى تۈپكى سەۋەب، ئىنسانلارنىڭ ئەقىل-پاراسەتكە تولغان كاللىغا ئىگە بولغانلىقىدا. گەرچە كۆپ قىسىم جانلىقلارنىڭ ھەممىسى مېڭە قىسىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما بۇ مېڭىلەر بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ؛ ئىنسانلارنىڭ مېڭىسى باشقا جانلىقلارغا قارىغاندا كۆپ ئەپچىل ھەم مۇرەككەپ. ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسى، يەككە تەنگە يىتەكچېلىك قىلىپ مەسىلىلەرنى تەپەككۇر قىلىدۇ، ھېسياتنى ھېس قىلىدۇ، سۆزلەپ ئاۋاز چىقىرىدۇ ۋە ھەرخىل ھەرىكەتلەرنى ئىشلەيدۇ؛ چوڭ مېڭە، ئادەم بەدىنىدىكى "باش قوماندان"لىق رولىنى ئوينايدىغان بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىچكى قىسم ئىقتىدارلىرىنىڭ نورمال ئايلىنىشى ۋە سىرتقى ئىپادىلىرىنىڭ ھەممىسى چو مېڭىنىڭ كونتروللىقىدا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەمگە نىسبەتەن، چوڭ مېڭە كەم بولسا بولمايدىغان ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە؛ ئەگەر چوڭ مېڭە بولمىسا، ئىنسانلارنىڭ ئىقتىدارى بەلكىم غايەت زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن.
   نەزىرىيە جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى كۆپ قاتلاملىق رولغا ۋە كۆپ خىل ئىقتىدارغا ئىگە، ئۇنىڭ يۇشۇرۇن كۈچى چەكسىز. بىراق، كۆپ خىل ئامىللارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراش سەۋەبىدىن، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئادەملەر ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ مېڭىسىنى پۈتۈنلەي ئىشلىتەلمەيدۇ. ئادەمنىڭ مېڭىسىنىڭ ئېچىۋېتىلىش نىسبىتى، ئادەتتە %10 ئەتراپىدا بولۇپ، ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مېڭىسىنىڭ ئېچىۋېتىلىش نىسبىتى ئاندىن %18دىن ئاشالايدۇ؛ ئىلىم-پەن تارىخىدىكى ئۇلۇغۋار شەخس ئېينىشتىيىن دەل شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى بولۇپ، ئۇ دۇنيا ئورتاق ئېتراپ قىلىدىغان تالانت ئىگىسى، ئەقلى ئىقتىدارى كۆرسەتكۈچى 146گە يېتىدۇ، ئەمما ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى كۆرسەتكۈچى بولسا، كۆپىنچە 115-85 ئارىلىقىدا بولىدۇ.
   شۇڭلاشقا، ئەمەلىيەتتە، ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ زور بىر قىسمى ئۆچەك ھالىتىدە تۇرىدىغان بولۇپ، مېڭىنىڭ ئۆچەك ھالىتىدە تۇرۋاتقان بۇ قىسىملىرى ئادەم بەدىنىنىڭ ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلىرىگە قاتناشمايدۇ. بۇنىڭغا قارىتا، نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتچى ۋە ئىلىم تەھسىل قىلغۇچىلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئەگەر كەلگۈسىدە چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا قوزغىتپ ئاچالايدىغان ئۇسۇل بايقالسا، بەلكىم ئىنسانلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئىمكانىيەت تۇغۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن، ئىنسانلار جەمئىيىتىمۇ بۇ سەۋەپلىك زو تەرەققىياتقا ئىرىشىشى مۇمكىن ئىكەن.
   ئۇنداقتا، چوڭ مېڭىنىڭ ئۆچەك ھالىتىدە تۇرۋاتقان قىسىملىرىنى قانداق قىلغاندا قوزغاتقىلى بولىدۇ؟ بەزى تەتقىقاتچىلار، ئېينىشتىيىننىڭ چوڭ مىڭىسىدىن ئىلھام ئېلىشنى ئويلاشقان؛ چۈنكى ئۇ، دۇنيادىكى سانى چەكلىك بولغان، چوڭ مىڭىسىنىڭ ئېچىۋېتىلىش نىسبىتى %20گە يەتكەن كىشىلەرنىڭ بىرى. بۇنداق ئەھۋالدا، ئەگەر ئېينىشتىيىننىڭ چوڭ مېڭىسىنى تەتقىقاتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى قىلغاندا، بەلكىم ئوخشاش بولمىغان نەتىجە ۋە ئىلھامغا ئىرىشكىلى بولۇشى مۇمكىن.
   ئېينىشتىيىننىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى مەخپىيەتلىك ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن، دوختۇرخانىدىكى توماس ئىسىملىك بىر پاتولوگىيە ئالىمى، ئېينىشتىيىننىڭ چوڭ مېڭىسىنى ئوغۇرلاپ كەتكەن. بۇ قىلمىشقا قارىتا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ئۆلۈپ كەتكۈچىنى ھۆرمەتلىمىگەن دەپ ئەيىبلىگەن؛ لېكىم توماس بۇنداق دەپ قارىمىغان، ئۇنىڭ قارىشىچە، تالانت ئىگىسىنىڭ چوڭ مېڭىسىنى يىنىكلىپ قىلىپ كۆيدۈرۋېتىش، ئاندىن ئېينىشتىيىنغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك ھېسابلىنىدىكەن. ئېينىشتىيىننىڭ چوڭ مېڭىسىنى ئېلىپ كەتكەندىن كىيىن، توماس ئۇنى كىسىپ بىتەرەپ قىلغان، كىيىنچە چوڭ مېڭىنىڭ كىسىلگەن پارچىسىنى فورمالىن دورا سويۇقلۇقىغا چىلاپ قويغان. چوڭ مېڭىنىڭ سىرى ئۈستىدە تېخىمۇ ياخشى ئىزدىنىش ئۈچۈن، توماس ئەينى ۋاقىتتىكى داڭلىق چوڭ مېڭە تەتقىقاتچىسى مارىئاننى كۆزىتىشكە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغان؛ چۈنكى مارىئانمۇ، ئىنتايىن داڭلىق بىر نىرۋا مۇتەخەسسىسى ئىدى.
   ئېينىشتىيىننىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن، مارىئان 30يىل ۋاقىت سەرپ قىلغان. ئاخىرىدا، ئۇ ئېينىشتىيىننىڭ مېڭىسىنىڭ ئىككى خىل ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىنى خۇلاسىلاپ چىققان: بىرىنچىسى، مېڭە قىسىم نىرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى نىسبەتەن كۆپ بولۇپ، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىگە قارىغاندا %73 ئارتۇق؛ ئىككىنچىسى، ئۇنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ چوققا ياپراقچىسىمۇ، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىگە قارىغاندا %15كۆپ ئىكەن.
   بۇ يەرگە كەلگەندە، سىز قانداق ھېس تۇيغۇدا بولدىڭىز؟ توماسنىڭ قىلمىشىغا قوشۇلامسىز؟

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

دادىنىڭ قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرىلىگەن ئىجادىي سۈرەتلىرى

ئۇلارنى بېلىق بىلەن بىللە يۇيۇنغىلى ۋە بۆرە بىلەن بىللە ھۇۋلىغىلى قويۇپ بەرگەن؛ بۇ قىزلارنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل تۈردە ناھايىتى قىزىقارلىق

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号