جىياڭيۇ سېتىۋالغاندا قانداق تاللاشنى بىلەمسىز؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 9169:قېتىم كورۇلدى
   جىياڭيۇ، ئۆيىمىزدە كەم بولسا بولمايدىغان خۇرۇچ ماتېرىيالىنىڭ بىرى؛ ئۇنداقتا، سىز جىياڭيۇنى قانداق تاللاپ سېتىۋىلىشنى بىلەمسىز؟ بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، جىياڭيۇ تاللاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
ماركا قەغىزىگە قاراش
   دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئۆلچەملىرىگە ئاساسەن، بازارغا سېلىنغان جىياڭيۇدا، "ئىچىتىلغان جىياڭيۇ" ئىكەنلىكى ياكى "رىتسىپلىق تەڭشەلگەن" جىياڭيۇ ئىكەنلىكى چوقۇم ئەسكەرتىلىشى كېرەك. ئىچېتىلغان جىياڭيۇ، دادۇرنى ئەسلى خام ماتېرىيال قىلىپ، ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ئېچىتىپ پىششىقلاپ ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ؛ رىتسىپلىق تەڭشەلگەن جىياڭيۇ بولسا، سۇدا ئىرىشچان ئاقسىللارنى تەڭشەش ئارقىلىق ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان بولۇپ، ئۇزۇقلۇق تەركىبى جەھەتتە ئېچىتىلغان جىياڭيۇغا يەتمەيدۇ، تەم جەھەتتىمۇ ئېچىتىلغان جىياڭيۇدىن كۆپ پەرقلىنىدۇ. شۇڭا جىياڭيۇ سېتىۋالغان ۋاقىتتا، بىز ئېچىتىلغان جىياڭيۇ تاللاپ سېتىۋېلىشىمىز كېرەك.
تەركىب جەدۋىلىگە قاراش
   جىياڭيۇنىڭ تەمى ۋە ئۇزۇقلۇق قىممىتى، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى "ئامىنو كىسلاتا ھالىتىدىكى ئازوت"نىڭ مىقدارىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى تەرپىدىن بەلگىلىنىدىغان بولۇپ، ئادەتتە، "ئامىنو كىسلاتا ھالىتىدىكى ئازوت" مىقدارى قانچە يۇقىرى بولسا، جىياڭيۇنىڭ سۈپەت دەرىجىسى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. جىياڭيۇ ئېچىتىشقا ئائىت ئالاقىدار دۆلەت ئۆلچىمىگە ئاساسلانغاندا، لاياقەتلىك مەھسۇلات ھېسابلىنىدىغان ھەر يۈز مىللىگىرام جىياڭيۇنىڭ تەركىبىدىكى "ئامىنو كىسلاتا ھالىتىدىكى ئازوت" مىقدارى، 0.4گىرامدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. بۇندىن باشقا، مەھسۇلات ئۆلچەم نومىرىنىڭ GBئىككى ھەرپ بىلەن باشلانغان باشلانمىغانلىقىغا قارايمىز؛ ئەگەر مەھسۇلات ئۆلچەم نومىرى GBدىن باشلانغان بولسا، جىياڭيۇنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، بۇ خىلدىكى جىياڭيۇنى سېتىۋالغاندا تېخىمۇ خاتىرجەم بولالايمىز.
چايقاپ بېقىش
   جىياڭيۇنى تاللىغان ۋاقىتتا ئۇنى يىنىك چايقاپ، كۆپۈك ئۆرلەش دەرىجىسىنى كۆزىتىپ باقساق بولىدۇ. ئادەتتە، ئەلا سۈپەتلىك جىياڭيۇنى چايقىساق كۆپۈكچىسى كۆپ ئۆرلەيدۇ ھەمدە كۆپۈكنىڭ تارقاپ كېتىشىمۇ ئاستا بولىدۇ، رەڭگى قىزغۇچ قوڭۇر رەڭلىك بولىدۇ؛ ئەكسىچە، سۈپىتى ناچار جىياڭيۇنى چايقىغان ۋاقىتتا، بەك كۆپ كۆپۈكچە ئۆرلىمەيدۇ، تارقاپ يوقاپ كېتىشىمۇ تىز بولىدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

دادىنىڭ قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرىلىگەن ئىجادىي سۈرەتلىرى

ئۇلارنى بېلىق بىلەن بىللە يۇيۇنغىلى ۋە بۆرە بىلەن بىللە ھۇۋلىغىلى قويۇپ بەرگەن؛ بۇ قىزلارنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل تۈردە ناھايىتى قىزىقارلىق

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号