قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ پايدىلىق "تەمىناتلىرى" كەلدى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 10778:قېتىم كورۇلدى
   ئىشىنىمەنكى، كۆپچىلىكنىڭ ماشىنىغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى كۈنسايىن ئېشىپ بارماقتا؛ مەيلى ماشىنىنىڭ ئۆزىگە بولسۇن ياكى ماشىنىغا ئائىت سىياسەت، بەلگىلىمىلەر بولسۇن، كۆپ قىسىم كىشىلەر بۇلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. بولۇپمۇ قاتناش قائىدىسى جەھەتتە، ئەگەر يېڭىدىن بىرەر نومۇر تارتىدىغان بەلگىلىمە چىقسا، سەللا دىققەت قىلماي قالساق، نۇرغۇن شوپۇر دوستلار قائىدىگە خېلاپ قىلمىش خاتىرىسىنى بىتەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. مانا بۇ، يېقىندا جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يېغىنى چاقىرىپ، ماشىنا، شوپۇرلۇق كېنىشكىسى قاتارلىق جەھەتلەردە، بىر نەچچە تۈرلۈك يېڭى بەلگىلىمىلەرنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
شوپۇرلۇق كېنىشكا نومىرى 12نومۇر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ
   ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، شوپۇرلۇق كېنىشكىسىدە بىر يىل ئىچىدە پەقەت 12نومۇرلار بار؛ بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئەگەر بىز دىققەت قىلماي خالىغان بىرەر قائىدىگە خېلاپلىق قىلىپ قويساقلا 6نومىرىمىز تارتىلىپ كېتىدۇ، ئەگەر يەنە بىر قېتىم قوشۇلۇپ قالسا، 12 نومىرىمىز پۈتۈنلەي تارتىلىپ، كېنىشكىمىز ئەمەلدىن قالىدىغان ئەھۋالغا دۇچ كېلىپ قالىمىز. بۇ قېتىمقى جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ ئۇقتۇرىشىغا ئاساسلانغاندا، بۇندىن كىيىنكى شوپۇرلۇق كېنىشكە نومىرى، 12نومۇر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىكەن.
   شوپۇر دوستلار، سۇئالغا جاۋاپ بىرىش ياكى ئۆگىنىش، ۋە ياكى قاتناش قائىدىسىگە خېلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىش ئارقىلىق، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا نورمىدىن سىرت 6نومۇرغا ئىرىشكىلى بولىدىكەن ھەمدە ئادەتتىكى قاتناش قائىدىسىگە خېلاپ قىلمىشلارنى بىتەرەپ قىلىشتىكى نومۇر تارتىشقا ئىشلىتىشكە بولىدىكەن. كونكرىتنى ئەھۋالنى، كۆپچىلىك ئۆزىمىز تۇرۇشلۇق جايدىكى قاتناش ساقچى ئەترەتلىرىدىن سوراپ باقساق بولىدۇ.
ماشىنىنى قايتا "يىللىق تەكشۈرۈش قىلدۇرۇش" كەتمەيدۇ
   بۇ يەردە ئېيتىلغان يىللىق تەكشۈرۈش قىلدۇرۇش كەتمەيدۇ دېگەنلىك، ماشىنىنى تەكشۈرتمىسەكمۇ بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى، ماشىنىلارغا چاپلىنىدىغان يىللىق تەكشۈرۈش قەغەز چاپلىقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقنى كۆرسىتىدۇ. بۇندىن كېيىن، ماشىنىغا يىللىق تەكشۈرۈش قەغەز چاپلىقىنى چاپلىمىساقمۇ بولىدۇ (قىسمەن جايلار ئاللىقاچان سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇشنى باشلاپ بولدى). ھازىر، ماشىنىنىڭ يىللىق تەكشۈرۈش ئەھۋالى ئۇچۇرلىرى، بىۋاستە تورغا يوللىنىدۇ.
ماشىنا نومۇر تاختىسى
   ماشىنا سېتىش 4S دوكانلىرىدا، ھازىر ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى بىجىرىشكە بولۇپلا قالماي، رەسمىي نومۇر تاختىسى بىجىرىشكىمۇ بولىدۇ. ئىستىمالچىلار پەقەت يېڭى ماشىنا سېتىۋالسىلا ھەمدە تىزىمغا ئالدۇرۇش شەرتىگە چۈشسىلا، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارغا ئاساسەن، 4Sدوكىنىدا بىۋاستىلا ماشىنا تەكشۈرۈش، نومۇر تاللاش، يول يۈرۈش كېنىشكىسى بىجىرىش ۋە نومۇر تاختىسى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش قاتارلىق كەسىپلەرنى بىجىرەلەيدۇ، بورۇنقىغا ئوخشاش ماشىنا سېتىۋالغاندىن كىيىن، يەنە ئاپتومبىللارنى باشقۇرۇش ئورنىغا بېرىپ ئۆچرەتكە تىزىلىپ كەسىپ بىجىرىش كەتمەيدۇ.
قائىدىگە خېلاپ قىلمىشلىرىنى باشقا تەۋەلىكتىمۇ بىتەرەپ قىلىشقا بولۇش
   نۇرغۇن ماشىنا ئىگىلىرى، ماشىنا ھەيدەپ سىرتقى رايونلارغا بارغان ۋاقىتتا، ئەينى جاينىڭ قاتناش قائىدىلىرىنى ياخشى بىلمىگەنلىك سەۋەبىدىن، ئاسانلا قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ قويىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئەگەر نومۇر تارتىلىدىغان قائىدىگە خېلاپ قىلمىشلارغا چېتىلىپ قالسا، شۇ جايدىكى ئاپتومبىللارنى باشقۇرۇش ئورنىغا بېرىپ قائىدىگە خېلاپ قىلمىشىنى بىتەرەپ قىلىشقا توغرا كېلىپ، ۋاقىت ئىسراپ بولغاننى ئاز دەپ، ئىنتايىن ئاۋارىچىلىق بولىدۇ. لېكىن، يېقىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى بەلگىلىمىلەر ئىچىدە، قائىدىگە خېلاپ قىلمىشىنى، قائىدىگە خېلاپ قىلغان جايدىن باشقا جايدىمۇ بىتەرەپ قىلىشقا بولىدىغان بىر بەلگىلىمە يولغا قويۇلغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان شوپۇر دوستلارنىڭ باش قېتىنچىلىقىنى ھەل قىلغان.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号