جىدەللىشىپ ئۇرۇشۇشنىڭ بۇ يىللىق ئەڭ يېڭى تەننەرخى ئېلان قىلىندى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5855:قېتىم كورۇلدى
قارايسەنغۇ؟
قارىسام نېمە بوپتۇ، نېمە قىلالايتتىڭ؟
   ... ...
   بەزى كىشىلەر بەك قىزىق قان، چۇس مىجەز بولۇپ، پۇت-قوللىرىنى ئىشلىتىشكە ئىمكانىيەت بولسىلا، ھەرگىز تىللىشىپ ئېغىزىنى ئۇپرىتىپ يۈرمەيدۇ. بىراق، جامائەت خەۋپسىزلىك ساقچى تارماقلىرى بىزگە شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇكى، ھەرگىز باشقىلار بىلەن ئۇرۇشماڭ! چۈنكى، ئۇرۇشۇشنىڭ تەننەرخى ئىنتايىن يۇقىرى~
    1. ئۇرۇشۇپ يىنىك دەرىجىدە زەخمىلەندۈرۈشنىڭ تەننەرخى
   بەش كۈندىن ئون بەش كۈنگىچە تۇتۇپ تۇرۇش، 500يۈەندىن 1000يۈەنگىچە جەرىمانە، داۋالىنىش ۋە ئىشتىن قېلىش تۆلىمى، تۇتۇپ تۇرۇلغان مەزگىلدە ئىشقا چىقالمىغانلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان زىيان.
   2. ئۇرۇشۇپ يىنىك دەرىجىدىكى يارىلاندۇرۇشنىڭ تەننەرخى
   ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۆلەم پۇلى، داۋالىنىش ۋە ئىشتىن قېلىش تۆلىمى، قاماققا ئېلىنغانلىق سەۋەبىدىن ئىشقا چىقالماي كىلىپ چىققان زىيان.
   3. ئۇرۇشۇپ ئېغىر دەرىجىدە يارىلاندۇرۇشنىڭ تەننەرخى
   ئۈچ يىلدىن يۇقىرى ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى(ئالاھىدە ئېغىر ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا تېخى مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بىرىلىشى مۇمكىن)، ئىقتىسادىي تۆلەم، جەمئىيەت ۋە ئائىلىگە كەلتۈرگەن ئېغىر دەرىجىدىكى سەلبىي تەسىرى.
   4. جىدەللىشىپ ئۇرۇشۇشنىڭ قوشۇمچە تەننەرخى
   ھەق تەلەپ جاۋاپكارلىقى تۆلىمى(ئەرز قىلىش ھەققى، ئادوۋكات تەكلىپ قىلىش ھەققى، داۋالىنىش ھەققى، ئىشتىن قېلىش تۆلىمى قاتارلىقلار)، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرىدا دىلو خاتىرىسى قېلىش، روھى كەيپىياتى ناچار بولۇش، نام ئابرويى تەسىرگە ئۇچراش، ئۇرۇغ-تۇققان ۋە دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ئەندىشىسى، خىزمەت ۋە تىجارەتكە ئېلىپ كەلگەن سەلبىي تەسىر.
   شۇڭلاشقا، يەنە بىر قېتىم شۇنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرىمىزكى، ھەرگىز جىدەل چىقىرىپ ئۇرۇشماڭ!!!

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号