شەندۇڭدىكى 67ياشلىق موماي قىز بوۋاقتىن بىرنى ئوڭۇشلۇق تۇغدى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5851:قېتىم كورۇلدى
   25-دېكابىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شەندۇڭ ئۆلكىسى زاۋجۇاڭ شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسىدا، بىر مەيدان يۇقىرى ياش بۆلىكىدىكى ئەھۋالى خەتەرلىك بولغان ھامىلدار ئايالغا قارىتا بولغان تۇغۇت ئوپېراتسىيەسى ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى. بۇ ۋاقىتتا، 68ياشلىق خۇاڭ ئەپەندىم، تۇغۇت بۆلۈم ئوپېراتسىيە ئۆيىنىڭ سىرتىدا، ئىچىدە ئوپېراتسىيە قىلىنىۋاتقان ئايالى-67 ياشلىق تىيەن خانىمنى ساقلاۋاتاتتى.
    يۇقىرى ياش بۆلىكىدىكى ئەھۋالى خەتەرلىك بولغان ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ۋاقتى كەلدى، بەختكە يارىشا، بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بالا ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇپ، ئانا-بالا ئىككەيلەن بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كەتتى.
   25-دېكابىر كۈنى ئەتىگەن سائەت توققۇزدا، 67ياشلىق تىيەن خانىم ئوپېراتسىيە ئۆيىگە ئەكىرىپ كېتىلدى. نەخ مەيداندىكى زاۋجۇاڭ كۈندىلىك گېزىتى مۇخبىرىنىڭ كۆزىتىشىچە، تىببىي خادىملارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئاسرىشى ئاستىدا، تىيەن خانىمنىڭ چىرايى قىپقىزىل، روھى ھالىتى ياخشى ئىدى.
   ئۇنىڭ جۆرىسى خۇاڭ ئەپەندىم تۇغۇت ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ ساقلاۋاتقان بولۇپ، جىددىيلەشكەنلىكىدىن ئىككى قوللىرىنى چىڭ يۇمۇۋالغان، كۆڭلىدە بولسا ئايالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان ئىدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 10مىنۇت ئۆتكەندە، تىيەن خانىمنىڭ قورساقنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى رەسمىي باشلاندى.
   بۇنداق بىر مەيدان يۇقىرى ياش بۆلىكىدىكى ئەھۋالى خەتەرلىك بولغان ھامىلدار ئايالغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تۇغۇت ئوپېراتسىيەسى، ئۆلكە ۋە شەھەر ئىككى دەرىجىلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومتىتىنىڭ ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشىگە ئېرىشكەن بولۇپ، شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساغلاملىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسى، ئۆلكىلىك ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شىيېتۇڭنى بۇ قېتىملىق ئوپېراتسىيەدىكى باش دوختۇر بولۇشقا مەخسۇس تەكلىپ قىلغان ھەمدە بۇ ئارقىلىق تىيەن خانىمنىڭ ئوڭۇشلۇق تۇغۇشىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتكە ئىگە قىلغان.
   چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:30دىن ئاشقاندا، ئۆلكىلىك ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسى باشلىقى ۋاڭ شىيېتۇڭ بىلەن زاۋجۇاڭ شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لىيۇ چىڭۋېن، ئوپېراتسىيە ئۆيىدىن بىرلىكتە چىقىپ كەلدى. مۇخبىرلار ئۇلارنى زىيارەت قىلغاندا، ۋاڭ شىيېتۇڭ مۇنداق دېدى: "بۇ قېتىملىق ئوپېراتسىيە ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى، دەسلىپىدىكى مۇزاكىرە جەريانىدا ئىككى مەسىلە كۆرۈلگەن ئىدى، بىراق ئوپېراتسىيە جەريانىدا ھەممىسى ھەل قىلىنىپ كەتتى. ھازىر ئانا-بالا ھەر ئىككىسى ساق-سالامەت، تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ قان بېسىمى ۋە يۈرەك سوقۇشى نورمال، بالىنىڭ ئەھۋالىمۇ ياخشى بولۇپ، تەخمىنەن بەش يېرىم جىڭ ئەتراپىدا تۇغۇلدى". ۋاڭ شىيېتۇڭنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇنداق يۇقىرى ياش بۆلىكىدىكى ئەھۋالى خەتەرلىك ھامىلدار ئايالنىڭ ئوڭۇشلۇق تۇغۇشىنى، بىر مۆجىز دەپ قاراشقا بولىدىكەن. ھازىر زاۋجۇاڭ شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسى تىببىي خادىملىرى، تىيەن خانىمنىڭ ئەھۋالىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى قوغداش چارىلىرىنى قوللانغان ھەمدە مەخسۇس گۇرۇپپا تەشكىللەپ، ئۇنىڭغا قارىتا 24سائەتلىك ئۈزلۈكسىز تۈردە كۆزىتىش ئېلىپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرغان.

   دوختۇرخانا تەرەپ، تىيەن خانىمنىڭ 67ياشقا كىرىپ قالغان ئەمەلىيىتىنى ۋە ئىلگىرى كېسەللىككە گىرىپتار بولغانلىقىنى، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئايغا توشمىغانلىقى قاتارلىق ئامىللارنى كۆزدە تۇتۇپ، نۆۋەتتە تۇغۇتلۇق ئايال ۋە بوۋاق ھەر ئىككىسى، ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۆزىتىش ئېلىپ بارماقچى بولغان. ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، تىيەن خانىمنىڭ 67ياشقا كىرىپ قالغان يۇقىرى ياش مەزگىلىدە تەبىئىي ھامىلدار بولۇپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا تۇغۇشى، دۆلىتىمىزدە تېخى تۇنجى قېتىم ئىكەن.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号