سېمىزلار ئۇرۇقلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەمدۇ؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5852:ئادەم ئۆگەندى
   ئالىملار يېقىندا، تۇنجى قېتىم ھۈجەيرىنىڭ ياغ مىقدارىنىڭ ئۇنىڭ ئۆمرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق بايقاش، ئىلىم پەن ساھەسىنى نەچچە ئون يىلدىن بىرى قىيناپ كىلىۋاتقان مەسىلىنى—يەنى، نىمە ئۈچۈن سېمىزلارنىڭ ئۆلۈپ كىتىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن، ئەكسىچە ئۇرۇق كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كىتىش نىسبىتى سېمىزلارنىڭىگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ دىگەن مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. بىر تۈرلۈك ئەڭ يىڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، تىرى گىلىتسىرىن(TAG، يەنى ئىنسانلار ۋە ھايۋاناتلار بەدىنىدىكى ياغلارنىڭ ئاساسلىق تەركىبى) مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان يىئاسىت ھۈجەيرىسى تېخىمۇ ئۇزۇنغىچە ياشىيالايدىكەن؛ بىراق، ھۈجەيرىنىڭ تىرى گېلتسىرىن بىرىكتۈرۈشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ تېخىمۇ ئۇرۇق بولغان ۋاقىتتا، ئۇلەر ئەكسىچە بالدۇرلا ئۆلۈپ كىتىدىكەن. مىچىگىن شىتاتى داشۆسىدىكى بىر كوللىكتىپمۇ ئوخشاشلا، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن سېمىز كىشىلەرنىڭ بەدىنىدىكى يىئاسىت ھۈجەيرىسىدە، ئۆسۈپ يىتىلىش جەھەتتىكى كۆرۈنەرلىك كەمتۈكلۈك يوق ئىكەنلىكىنى ھەمدە نورمال ھۈجەيرىلەرگە ئوخشاش كۆپىيەلەيدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ نەتىجە، ئىلگىرىكى ھۈجەيرە ھاياتلىقىنى ئۇزارتىش ئۇسۇلى بىلەن سېلىشتۇرما شەكىللەندۈرگەن؛ ئەسلىدە، ھۈجەيرىنىڭ  ئۆسۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىش ياكى ھۈجەيرىنى مۇھىتنىڭ بېسىمىغا قارىتا تېخىمۇ سەزگۈر قىلىپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ھۈجەيرە ئۆمرىنى ئۇزارتاتتى.
   ئەلۋەتتە، يىئاسىت ھۈجەيرىسىدىن ئىنسانلار ھۈجەيرىسىگىچە يەنە نۇرغۇن ئارىلىق بار؛ بىراق تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭ ئارىسىدا بەلگىلىك باغلىنىش مەۋجۇت ئىكەن.
   تەتقىقاتچى يازغۇچى مىن خاۋكو مۇنداق دىگەن: "مۇرەككەپ ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، بىز TAGنى كۆپەيتىشنىڭ، ھاياتلىقنى ساقلاپ قالالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتۇق؛ مەيلى يىئاسىت بولسۇن ياكى ئىنسانلار بولسۇن، بۇ خىل مىخانىزىم  باشقا خىلدىكى ئۆمۈرنى تەڭشەش ئۇسۇللىرى بىلەن زور پەرقلىنىدۇ. بىزنىڭ ماقالىمىز يىڭى بىر تۈركۈم تەتقىقاتلارنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، زور ھەم ئۇزۇنغا سۇزۇلغان تەسىر ئېلىپ كىلىدۇ، ئىنسانلار تىبابەت ئىلمىنىڭ يۇشۇرۇن تەرەققىياتىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە". سېمىزلىك پارادوكسى(肥胖悖论)، ئەسلىدىنلا بىر خىل پەرەز بولۇپ، سېمىزلىك مەلۇم بىر خىلدىكى كىشىلەرنى قوغدىيالايدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان قىلالايدۇ دەپ قارايدۇ. ئەلۋەتتە، بەدەن ئېغىرلىقى بەك كۆپ ئېشىپ كەتسە، بۇ ئەھۋال بىر قاتار ساغلاملىق مەسىلىلىرىگە بېرىپ چېتىلىدۇ، شۇڭا بۇ سەۋەپلىك پارادوكسى نەزىريەسى شەكىللەنگەن. بىراق بەزىبىر ئالىملار، بەدەندىكى ئۆلچەمدىن ئارتۇق ماينىڭ بەزىبىر ئەھۋاللارغا قارىتا كونكىرتنى پايدىسى بارلىقىغا يەنىلا ئىشىنىدۇ.
   ئىلگىرى بىر پارچە ماقالىدە، بىر تۈرلۈك تەتقىقات تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتۈلگەن. بۇ تەتقىقات، 3مىليۇندىن ئارتۇق ئادەمنى تەكشۈرۈپ چىققان؛ BMIكۆرسەتكۈچىگە ئاساسلانغاندا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن كىشىلەر، بىراق ئۇلارنىڭ ئۆلۈپ كىتىش ئىھتىماللىقى، بەدەن ئېغىرلىقى نورمال كىشىلەرگە قارىغاندا تۆۋەن چىققان. گەرچە سېمىزلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك بولغان ئۆلۈپ كىتىش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما يىنىك دەرىجىدىكى سېمىز كىشىلەر(BMI كۆرسەتكۈچى 34.9-30ئارىلىقىدا بولغانلار)، بەدەن ئېغىرلىقى نورمال بولغان كىشىلەرگە قارىغاندا ئاسان ئۆلۈپ كىتىدىغان ئەمەس ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىيىشىچە، بۇ دوكلات گەرچە BMI كۆرسەتكۈچى بىلەن ئۆلۈپ كىتىش ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرغا قويغان بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ ھازىرغا كەلگىچىلىك كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تەتقىقات ئەڭ ئىنچىكە ئېلىپ بېرىلغان، 100دىن ئارتۇق تەتقىقاتنى ئانالىز قىلىپ چىققان بىر قېتىملىق تەتقىقات دوكلاتىدۇر. بۇ مەسىلىگە قارىتا، نۆۋەتتە گەرچە بىرلىككە كەلگەن پىكىر بولمسىمۇ، بىراق بۇ، TAG بىلەن يىئاسىت ھۈجەيرىسى ھەققىدىكى ئەڭ يىڭى تەتقىقاتنىڭ كەلگۈسىدىكى تەتقىقاتلارغا نىسبەتەن بولغان قىممىتىنى چەكسىز ئاشۇرۋەتكەن.

قورۇما قورىغاندا تۇزنى قايسى ۋاقىتتا قوشۇش كىرەك

يىمەكلىك تۇزى، تۇرمۇشىمىزدىكى كەم بولسا بولمايدىغان خۇرۇچ ماتىريالى بولۇپ، ئەگەر تۇز قوشۇلمىسا، ھەرقانچە يىيىشلىك يىمەكلىكمۇ تەمسىز ت

چەتئەللىك ئايال ئوڭۇشلۇق ھالدا بەشكىزەك قىز تۇغدى

ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، ئامىرىكا خىيوستوندىكى بىر دوختۇرخانىدا، بىر ھامىلدار ئايال بەشكىزەك قىز تۇغقان بولۇپ، بۇ، يېقىنقى 50يىلدىن بىر

بىر ئايالنىڭ يازغان يىللىق "خىزمەت" خۇلاسىسى

يىللار ئاتقان ئوققا ئوخشايدۇ. ئاياللارغا تەۋە بولغان ۋاقىت تېخىمۇ رەھىمسىزرەك بولۇپ، بولۇپمۇ 30ياشتىن ئاشقان ئاياللار بىر تەرەپتىن خىزم

كۈنلىرىڭىز قانچە تەسلەشكەنسىرى، بۇ تۆت ئىشتا شۇنچە چىڭ تۇرۇڭ

قىيىنچىلىققا تولغان كۈنلەر، قوش بىسلىق پىچاققا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۈمىدۋار كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ بىر خىل ھەرىكەتلەند

قان بېسىمنى كونتىرول قىلىشتىكى خاتا قاراشلار

بۇنداق ئەھۋالدا، قان تۇمۇرلىرىدا كۆپۈپ قېلىش ۋە ئاجىز نوقتىلار كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى بار بولۇپ، بۇ جايلاردا ھەر ۋاقىت يېرىلىش ۋە توسۇلۇ

"كۆڭلى" نامرات ئەرگە ياتلىق بولسىڭىز، بىر ئۆمۈر جاپا تارتىسىز

ئاياللار ئۆزىگە لايىق تاللىغاندا، كۆپىنچە ئاياللارنىڭ ئويلىشىدىغىنى، ئۇنىڭ ئىقتىسادى ئاساسى بار يوقلۇقى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئەركىشىنىڭ كە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号