كۈنلىرىڭىز قانچە تەسلەشكەنسىرى، بۇ تۆت ئىشتا شۇنچە چىڭ تۇرۇڭ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5815:قېتىم كورۇلدى
   قىيىنچىلىققا تولغان كۈنلەر، قوش بىسلىق پىچاققا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۈمىدۋار كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ بىر خىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە ئادەمنىڭ ئىرادىسىنى چېنىقتۇرغۇچى؛ ئۇلار قىيىنچىلىققا يۈزلىنىشنى تاللاپ، بۇ پۇرسەتتە پايدىلىنىپ ئىرادىسى تېخىمۇ قەيسەر بولۇپ كىتىدۇ. خارەكتىرى ئاجىز، ئاسان ئۈمىدسىزلىنىدىغان ئادەمگە نىسبەتەن، قىيىنچىلىق خۇددى قىش كۈنلىرىدىكى شىۋىرغانغا ئوخشاش كىلىدۇ. ئۈمىدۋارلىق روھىغا تولغان كىشىلەرنىڭ قىيىنچىلىك كۈنلەرنى سالماقلىق بىلەن يىڭىپ ئۆتۈپ كىتەلىشى، ئۇلارنىڭ باشقىلارغا قارىغاندا تۇغۇلما ئالاھىدىرەك كەلگەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى تۆۋەندىكى تۆت تۈرلۈك ئىشتا چىڭ تۇرغانلىقىدىن بولىدۇ.
ئارزۇ-ئارمان: ئادەم ئارزۇ-ئارمىنى بولغانلىقتىن ئۇلۇغۋار كىلىدۇ.
    ئارزۇ-ئارمان، قاراڭغۇلۇقنى يۇرۇتقۇچى چىراق، ئىچكى دۇنيارىمىزنى يۇرىتىشتىكى ئۈمىد؛ ئارزۇ ئارمان، قىش پەسىلدىكى ئوتقا ئوخشاش بولۇپ، ئەتراپىمزىدىكى سۇغۇقنى ھەيدەيدۇ. كۈنلىرىمىز قانچىكى جاپالىق بولغانسىرى، ئۇچرىغان زەربىمىز قانچىكى قاتتىق ھەم كۆپ بولغانسىرى، ئارزۇ-ئارمىنىمىز تېخىمۇ ئۇلۇغۋار بىلىنىدۇ. ئادەم، ئارزۇ-ئارمانلىرى بولغانلىقتىن ئۇلۇغۋار كۆرۈنىدۇ؛ قىيىنچىلىققا تولغان كۈنلىرىدە، ئارزۇ-ئارمانلىرى ۋە كەلگۈسىنى خىيال قىلىدۇ. دەل بۇ خىل رومانتىكىلىققا تولغان ئارزۇ-ئارمانلىرى سەۋەپلىك، ئۇلار قېتىم-قېتىملاپ ئۈمىد ئۇچقۇنلىرىنى كۈرۈپ يىتىدۇ. پەقەت ئۈمىد يوقىلىپلا كەتمىسە، ھەرقانچە قىيىن بولغان كۈنلەرمۇ، قىش پەسلىدە ئۈمىدۋارلىققا تولغان ھالدا يالقۇنجاپ كۆيىۋاتقان گۈلخانغا ئايلىنالايدۇ.
ئۈگىنىش: بىلىم تەقدىرنى ئۆزگەرتىدۇ
    كۈنلىرىڭىز قىيىنچىلىقتا ئۆتۈۋاتقانلىق سەۋەبىدىن ئۆگىنىشنى تاشلاپ قويماڭ.  پەقەت ئۆگىنىشنى تاشلاپ قويمىغان ئادەملەرلا، ئاندىن بىلىم ئارقىلىق ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ.
    قەدىمقىلەر، چىراق يوق مەزگىللەردە، ئۆينىڭ تېمىنى تىشىپ يۇرۇقلۇق چۈشۈرۈپ كىتاپ ئوقۇغان. بىراق، بىز ھازىر بەخىتكە تولغان بىر زاماندا ياشاۋاتىمىز، كۈنلىرىمىز ھەرقانچە قىيىنچىلىقتا قالسىمۇ، كىتاپ ئوقۇغۇدەك چىراق يۇرۇقى يوق ئەھۋالغا قالمايمىز. بۇنداق شارائىتتا، بىزنىڭ ئۆگەنمەسلىككە يەنە قانداق باھانىمىز بار؟
    بىز پەقەت ئۆسۈپ-يىتىلىشنى رەت قىلمىساقلا، ئۇنداقتا ئىزچىل تۈردە يىڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىشنى تاللاش ئارقىلىق تەقدىرىمىزنى ۋە ھازىرقى تۇرمۇش ھالىتىمىزنى ئۆزگەرتىپ، تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىشىقا تىرىشىشمىز كىرەك.
يىڭىلىق يارىتىش: يىڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يىڭى چىقىش يولى ئىزدەش
    جاپا-مۇشەققەتلىك كۈنلەرگە دۇچ كەلگەن ۋاقتىمىزدا، كۆز ئالدىمىزدىكى خىزمەتنى پۇختىلىق بىلەن ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرگە، يەنە تېخى ئۆزلۈكسىز تۈردە يىڭى بىلىملەر بىلەن ئۇچرىشىپ، يىڭى چىقىش يولى ئىزدىشىمىز لازىم. پەقەت ئۆزلۈكسىز تۈردە يىڭىلىق يارىتىدىغان ئادەملەرلا، ئاندىن تارىخ تەرپىدىن شاللىۋىتىلمەسلىكى مۇمكىن.
    بالدۇر چىققان قولاقتىن كىيىن چىققان مۈڭگۈز ئېشىپ كىتىدۇ. كونىلىقنى ياقىلايدىغان ئاشۇ ئىدىيەلەر، ئادەملەرنىڭ ئىدىيىسىگە تاقاق سېلىپلا قالماي، يەنە تېخى ئادەملەرنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش ۋە كۈرەش قىلىش روھىنى چەكلەپ قويىدۇ. يىڭىلىق يارىتىشقا تىرىشىش، يىڭىلىق يارىتىش جەريانىدا يىڭى چىقىش يولى ئىزدەش؛ بۇنىڭدا بىز ئاندىن تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ ئۆزگەرتەلەيمىز.
جاپاغا چىداش: جاپا-مۇشەققەتلەرگە چىداشلىپ بىرەلىگەن ۋاقىتتىلا، ئاندىن كىشىلەر ئارىسىدىن ئۈزۈپ چىققىلى بولىدۇ
    ھېچقانداق بىر بەخىت ئاسماندىن چۈشۈپ قالمايدۇ؛ بىكارغا كىلىپ قالىدىغان بايلىقمۇ ھېچيەردە يوق؛ ئاسماندىن ئالتۇن چۈشىدىغا ئىش تېخىمۇ مەۋجۇت ئەمەس.
   تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا ئۇچراپ ياردەمسىز قالغان ۋاقىتتا، بىز جاپاغا چىداشنى ئۆگىنىشىمىز كىرەك. باشقىلار بەرداشلىق بىرەلمىگەن جاپالارغا بەرداشلىق بەرسەك، باشقىلار سىڭدۈرۈشكە قىيمىغان ئەجىرلەرنى سىڭدۈرسەك، بۇ جاپا-مۇشەققەت ۋە ئازاپ-ئوقۇبەتلەرنىڭ ھەممىسى، ئاخىرى بىزنىڭ قىممەتلىك بايلىقىمىزغا ئايلىنىدۇ.
    بىز كەلگۈسىدە، قىيىنچىلىق كۈنلەردىن قۇتۇلۇپ باياشات تۇرمۇشقا ئىرىشكەن ۋاقتىمىزدا، ئاشۇ قىيىنچىلىق كۈنلەرنى تېخىمۇ بەك ئەسلەپ قالىمىز؛ بۇنىڭ بىرگە ھەم، شۇ قىيىنچىلىق كۈنلىرىمىزدىن مىننەتدار بولىمىز.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

دادىنىڭ قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرىلىگەن ئىجادىي سۈرەتلىرى

ئۇلارنى بېلىق بىلەن بىللە يۇيۇنغىلى ۋە بۆرە بىلەن بىللە ھۇۋلىغىلى قويۇپ بەرگەن؛ بۇ قىزلارنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل تۈردە ناھايىتى قىزىقارلىق

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号