بىر ئايالنىڭ يازغان يىللىق "خىزمەت" خۇلاسىسى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5822:قېتىم كورۇلدى
    يىللار ئاتقان ئوققا ئوخشايدۇ. ئاياللارغا تەۋە بولغان ۋاقىت تېخىمۇ رەھىمسىزرەك بولۇپ، بولۇپمۇ 30ياشتىن ئاشقان ئاياللار بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆي تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ ۋاقتى ۋە جىسمانىيىتىنى چەكتىن ئارتۇق خورىتىۋىتىدىغان بولغاچقا، ئاسانلا تىز قېرىپ كىتىدۇ.
-1-
    ئۆتكەن يىلى، يەنە بىر نامرات ھەم ھارغىنچىلىقتا ئۆتكەن يىل بولدى.
    ئاياللار ئانا بولغاندىن كىيىن، بارغانسىرى نامراتلىشىپ كىتىدۇ. تاپقان پۇل ئاز ئەمەس، لىكىن ھەر قېتىم بىرەر نەرسە ئېلىشنى ئويلاشقان ۋاقىتتا، بالىنىڭ يىمەك-ئىچمەك، كىيىم-كىچەك، ئوقۇشتىن سىرتقى تەربىيەلەش سىنىپلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە پۇل كىتىدىغانلىقى ۋە ئۆينىڭ قەرزى ئىسىمگە كىلىپ، يانچۇقۇمنى چىڭ سىقىمداپ تۇرۇپ قالىمەن.
    ئۆتكەن يىلى ئەڭ كۆپ بارغان يىرىم بولسا، تاللا بازارلىرىدىكى باھا چۈشۈرۈپ سېتىش رايونلىرى بولدى؛ ئۈندىدار توپىدا بىرەر تال قىزىل بولاق تالىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ قالسام تولىمۇ خوش بولۇپ كەتتىم. ئۇن، ياغ، گۈرۈچ دىگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە پۇلنى ئىنچىكە ھىسابلاپ خەجلىمەي بولمايدۇ؛ سىرتلارغا چىققاندا ئاپتۇبۇس بىلەن مىتروغا يۈگرەيدىغان گەپ، بىر يىل ئىچىدىكى تاكسىغا ئولتۇرغان ۋاقىت 10قېتىمغىمۇ يەتمەيدۇ.
     تۇتىدىغان ئۆيى بار ھەر بىر ئايال كىشى، ئىنتايىن تىجەشلىك بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدۇ؛ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ئاسانغا توختىمايدۇ، ئەمما ئۇلار ئۆز رازىلىقى بىلەن بۇنداق "نامرات" ھالەتتە ئۆتۈشنى خالايدۇ.
    ئۈستىدە چوڭلار، ئاستىدا كىچىك بالىلار بار، ئوتتۇرلۇقتا يەنە تېخى ئىرىنىڭ سىرتتا باققان ئاياللىرى بار؛ شۇڭا ئايال كىشى ناھايىتى ھارغىنچىلىق ئىچىدە ياشايدۇ، تېخىمۇ كۆپ بولغىنى كۆڭۈل ھارغىنچىلىقى بولىدۇ. ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە، ئاياللارمۇ ئائىلىنىڭ ئىقتىسادى مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشىپ بىرىدۇ؛ خىزمەت مەيدانى ئاياللارغا نىسبەتەن رەھىمسىز كىلىدۇ، جان تىكىپ تىرىشمىغاندا ھەرۋاقىت شاللىنىپ كىتىشى مۇمكىن. سىرتتا خىزمەت مەيدانىدىكى كۈچلۈك ئايال بولىدۇ، ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئائىلە ئايالى بولىدۇ.
    ئاياللار قۇشقا ئوخشايدۇ؛ كۈندۈزى چىقىپ ئۇزۇقلۇق ئىزدەيدۇ، كەچلىكى قايتىپ كىلىپ ئائىلىسىنى باقىدۇ؛ ئىرى ۋە بالىسى ۋىچىقلىشىپ تۇرغان قۇش بالىسىغا ئوخشايدۇ؛ ئايال كىشى بىركۈن خىزمەت قىلىپ قايتى كەلگەندىن كىيىن، ئۆيىدە يەنە ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ كەچلىك تاماق تەييارلايدۇ، خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ ئۆزىلا بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر بۇۋاقىتتا، بالا گەپ ئاڭلىمىسا، ئىرى ئۇلارنىڭ جاپاسىنى چۈشەنمىسە، ئاياللار كۆڭۈل قېتىدىن ھارغىنلىق ھىس قىلىدۇ.
     لىكىن، ئاياللار يەنە ئاسانلا قانائەتلىنىدىغان كىلىدۇ؛ ئۇلار ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بەخىتلىك ئۆتكىنىنى كۆرگىنىدە، ئۇلارنىڭ چىرايىدىن كۈلكە سىمالىرى ئۈزۈلمەيدۇ.

-2-
     ئۆتكەن يىلى، "ئاياللار ئوتتۇرا ياشقا يەتكەندە ئىتچىلىكمۇ بولالمايدۇ" دىگەن گەپ چىققان ئىدى؛ ئەمما مىنىڭچە بولسا، ئاياللار ئوتتۇرا ياشقا يەتكەندە كالىدەك كۈچلۈك بولۇپ كىتىدۇ.
    گەرچە، ئاياللار ئوتتۇرا ياشقا يەتكەندە زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەت ئېغىرلاپ، تۇرمۇشى ئالدىراشىلىق ھەم ھارغىنچىلىقتا ئۆتىدىغان بولسىمۇ، ئەمما مەلۇم نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئەھۋال دەل ئاياللارنىڭ ئورنىنىڭ بارغانسىرى قىممىتى ئېشىپ كىتىپ بارغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ قۇۋۋىتىنىڭ بارغانسىرى كۈچلۈك بولۇپ كىتىپ بارغىنىنى ئىسپاتلايدۇ. ھەر بىر ئائىلە ئايال كىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئايال كىشىدىن ئايرىلسا قالايمىقانلىشىپ كىتىدۇ؛ ئاياللار بىر ئائىلىنىڭ خۇشاللىقىدۇر.
   يىللارنىڭ ئاياللارغا بەرگىنى، ئىچ-ئىچىدىن نامايەن بولۇپ چىقىدىغان پىشىپ-يىتىلىش بولۇپ، تەجىربىسى مول، مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزۇتسىيىسىمۇ تېخىمۇ يېراقنى كۆرەر بولىدۇ. ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولغان ئايالنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار بولغاچقا، ئۇلار شۇڭا ئائىلە ئەزارلىرىدىن تۇلۇق خەۋەر ئالىدۇ.
    ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار بىر گۆھەردۇر. ئاياللارنىڭ ئەجىر سىڭدۈرۈشى بولمىسا، بۇ بىر يىلدىن بويان، ئائىلىنىڭ تەرەققىياتىمۇ بۇنداق بارغانسىرى ياخشى بولۇپ كەتمەيدۇ. ئوتتۇرا ياشقا يەتكەن ئاياللار ھەرگىز ئۆزىنى تۆۋەن چاغلاپ قالماسلىقى كىرەك؛ ئەكسىچە، يىڭى بىر يىلدا تېخىمۇ غەيرەت قىلىپ، ئەڭ ياخشى بولغان ئۆزىگە ئايلىنىشى لازىم.

-3-
    بىر يىل ئۆتكەندىن كىيىن، تېخىمۇ قانائەتچان بولۇپ قالدىم ھەمدە ئاددى تۇرمۇش ۋە سالامەتلىكنى تېخىمۇ قەدىرلەيدىغان بولدۇم. ھاياتلىق كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرگە تولغان بولۇپ، بەزىلەرنىڭ ئائىلىسى بىر كىچىدىلا خانىۋەيران بولىدۇ، بەزىلەر تۇيۇقسىزلا يېراقتىكى بالىسىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، ھەتتا چىرايىنىمۇ كۆرەلمەيدۇ؛ قىسقىسى، بالايى-ئاپەت ھەرۋاقىت يۈز بىرىپ تۇرىدۇ. شۇڭا بىز ھايات تۇرۇشنىڭ ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يىتىشىمىز كىرەك، چۈبكى بىر ئائىلە كىشىلىرى ساق-سالامەت بىرگە ياشاش، ئەڭ چوڭ بەخىتتۇر.
    بىر يىل ئۆتكەندىن كىيىن، ئۆزۈمگە تېخىمۇ ئىشىنىدىغان بولدۇم. بېشىمدىن ئۆتكەن ئىسسىق-سۇغۇقلار كۆپەيگەنسىرى، جاسارىتىم ۋە ئىشەنچىم شۇنچە ئاشتى؛ كەلگۈسىدە مەيلى قانچىلىك كۈتۈلمىگەن ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرسۇن، مىنىڭمۇ بۇنىڭغا قارىتا ئىدىيە تەييارلىقم بار بولدى، شۇڭا ئەمدى قورقۇپ قالمايمەن ھەم ئامالسىزمۇ قالمايمەن. ئاياللارنىڭ تەبىئىتى ئەسلىدە ئاجىز كىلىدۇ، ئەمما ئانىلىق مىھرىنىڭ كۈچىگە ھېچنىمە تەڭ كەلمەيدۇ؛ ئانا بولۇش، خوتۇن بولۇش، بۇ ئەسلىدىنلا بىر ئۆزۈلۈكسىز تۈردە قەيسەرلىشىپ بارىدىغان جەرياندۇر.
    بالا، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بىر ئانىغا مۇھتاج؛ بۇنىڭدا ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ؛ ئەر كىشى جاسارەتلىك خوتۇنغا مۇھتاج بولىدۇ، بۇنىڭدا ئۇلارنىڭ ئىگىلىكى تېخىمۇ تەرەققى قىلىدۇ. ئاياللار بولسا، ئارقا سەپتە ئۈن-تىنسىز بارلىقىنى تەقدىم قىلىدىغان، ھەممە تەييارلىقلارنى پۇختا قىلىپ بىرىدىغان ئادەمدۇر؛ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشى، ئاياللارنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازانغانلىقىغا باراۋەردۇر.

-4-
     يىڭى يىل كىرىپ بولدى! بۇ، ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، يەنە بىر قېتىملىق يۇقىرى ئۆرلەشنىڭ باشلىنىشىدۇر. يىڭى بىر يىلدا، مەن ئۆزۈمگە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل پىلاننى تۈزدۈم:
ئۆزۈمنى ياخشى سۈيۈش ۋە ياخشى ئاسراش
    ئۆزۈمنى ئاسراشقا ۋە ئۆزۈمنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىمەن. بالا ۋە ئىرىم ئەلۋەتتە مۇھىم، ئەمما ئۆزۈمنىڭ بەخىتلىك بولۇشى، ئاندىن باشقا ھەممە بەخىتىنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر. شارائىت يار بەرگەن ئەھۋالدا، ياخشى يەپ ياخشى ئىچىپ، خەجلەشكە تىگىشلىك بولغان يەرگە خەجلەپ، تۇرمۇش سەۋيەمنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشىمەن.
روھى كەيپىياتىمنى تەڭشەپ، يىللارغا كۈلۈمسىرەپ يۈزلىنىمەن
    ياش مەزگىلى، ئاياللارنى چەكلەپ قويىدىغان شەرت ئەمەس؛ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، مۇلايىم ئاياللار ھەممىدىن گۈزەل. سىزنىڭ لاتاپىتىڭىز، ئېغىزىڭىزدىن چىققان گەپلەردە، يۈرۈش-تۇرۇشىڭىزدا ۋە سالاپىتىڭىزدە، يەنە سىزنىڭ ئاقكۆڭۈللۈك قىلمىشلىرىڭىزدا. يىڭى بىر يىلدا، تېخىمۇ ساپالىق بولۇپ ئۆزگىرىپ، بالىڭىزغا ياخشى ئۈلگەن بولىمەن.
ئېقىمغا ئەگەشمەي ۋە ئالدىراقسانلىق قىلماي، ئۆزۈمنىڭ رولىنى ياخشى ئۆتەيمەن
    باشقىلارنىڭ قانداق ئۆتۈشىگە ھەۋەس قىلماڭ، ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى ئۆتكۈزسىڭىزلا بولىدۇ. مەنمۇ ياخشى بىر ئانا بولۇپ، مۇناسىپ ئۇسۇل بىلەن بالامنى ياخشى تەربىيەلەشكە تىرىشىمەن؛ ياخشى خوتۇن بولۇپ، ئەقىللق كاللام بىلەن ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىمىزنى ياخشى ساقلايمەن.
    خوتۇن ۋە ئانا، دۇنيادىكى ئەڭ جاپاكەش ئادەمدۇر، شۇنداقلا ھەم ئەڭ ئۇلۇغ ئادەمدۇر.
    يىڭى بىر يىلدا، ئۆيىڭىزدىكى ئايال خوجايىنغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشىڭىز، ئەڭ ياخشى ھەمرالىقىڭىز ۋە ماختاشلىرىڭىزنى بىرىشىڭىزگە تىلەكداشمەن! چۈنكى بۇ، ئۇلارنىڭ ئۆمۈرلۈك شان-شۆھرىتى.
يىللارنىڭ بوران-چاپقۇنلىرى ئىچىدە قەيسەرلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرلەۋاتقان ھەر بىر ئايالنىڭ، يىڭى بىر يىلدا داۋاملىق غەيرەت قىلىشىغا تىلەكداشمەن.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

دادىنىڭ قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرىلىگەن ئىجادىي سۈرەتلىرى

ئۇلارنى بېلىق بىلەن بىللە يۇيۇنغىلى ۋە بۆرە بىلەن بىللە ھۇۋلىغىلى قويۇپ بەرگەن؛ بۇ قىزلارنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل تۈردە ناھايىتى قىزىقارلىق

ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ

ھازىرقى جەمئىيەتتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھارغىنلىق ھالە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号