قان بېسىمنى كونتىرول قىلىشتىكى خاتا قاراشلار
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5819:قېتىم كورۇلدى
    ئادەمنىڭ قان بېسىمى خۇددى سۇ تۇرۇبىسىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر قىممەت چېكى بار بولىدۇ؛ ئەگەر بۇ قىممەت چېكىدىن ئېشىپ كەتسە، قان بېسىم يۇقىرى ئۆرلەپ قان تۇرمۇرلىرى دىۋارىغا چۈشۈرگەن بېسىمنى ئاشۇرۋىتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، قان تۇمۇرلىرىدا كۆپۈپ قېلىش ۋە ئاجىز نوقتىلار كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى بار بولۇپ، بۇ جايلاردا ھەر ۋاقىت يېرىلىش ۋە توسۇلۇپ قېلىش كۈرۈلىشى مۇمكىن. ئەگەر قان تۇمۇردىكى قانلار سىزىپ چىقىپ مىڭە ئورگانىزىمىغا كىرىپ قالسا، بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولمايدۇ.
    تۇرمۇشىمىزدا، نۇرغۇن كىشىلەردە يۇقىرى قان بېسىمىغا قارىتا بەزىبىر خاتا قاراشلار بار؛ بۇ سەۋەپلىك، ئۇلارنىڭ قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ياكى كونتىرول قىلىش جەريانى ئۈنۈملۈك بولماي قالىدۇ.
بىرىنچى خىل خاتا قاراش: قان بېسىمى ئىرسىيەتتىن كىلىدۇ
   يۇقىرى قان بېسىمى، تۇرمۇش ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر خىل كىسەللىكتۇر. بۇ كىسەللىكنىڭ گەرچە ئىرىسىيەت بىلەن بەلگىلىك مۇناسىۋىتى بار بولسىمۇ، ئەمما ھەرگىز "چوقۇم" دەپ جەزىملەشتۈرۋىتىشكە بولمايدۇ؛ ئادەتتە ساغلام بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلىساقلا، يۇقىرى قان بېسىمى كىسەللىكى كۈرۈلۈشتىن ساقلىنىشقا بولىدۇ.
ئىككىنچى خىل خاتا قاراش: ئۈزۈم ھارىقى قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ
   تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئاز مىقداردا ھاراق ئىچىپ بىرىش، قان تۇمۇرلىرىنى كېڭەيتىپ قاننى جانلاندۇرۇشقا ۋە ھارغىنلىقنى يوقىتىشقا پايدىلىق ئىكەن. شڭا، قىش پەسىللىرىدە ۋە ھېيت-بايرام كۈنلىرىدە، ئىسپىرت تەركىبى تۆۋەن بولغان ئۈزۈم ھارىقى، سېرىق ھاراق قاتارلىقلارنى ئىچىپ بەرسەك، بەدىنىمىزگە بەلگىلىك دەرىجىدە پايدىسى بار.
    بىراق، يۇقىرى قان بېسىمى كىسەللىكى بىمارلىرىنىڭ ھاراق ئىچىش مەسىلىسى، ئادەمگە قاراپ ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئاز مىقداردا ھاراق ئىچىشنى ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرۇشنى، تاجىسىمان يۈرەك كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى داۋالاش ئۇسۇلى قىلىۋالماسلىق لازىم؛ ھاراققا خۇمار بولۇپ قېلىشنىڭ بەدەنگە ئېلىپ كىلىدىغان زىيىنىغا تېخىمۇ سەل قارىماسلىق كىرەك.
ئۈچىنچى خىل خاتا قاراش: يۇقىرى قان بېسىمى كىسەللىكى بىمارلىرى، مۇتلەق تۈردە دەم ئېلىشى كىرەك
    ھەرىكەت قىلغاندا، گەرچە قان بېسىمدا دەرھال يۇقىرى ئۆرلەش كۆرۈلسىمۇ، ئەمما قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدىغان ۋە كونتىرول قىلىدىغان دورىلارنى ئىچكەن ئەھۋال ئاستىدا، ھەرىكەت قىلغاندىكى قان بېسىم ئۆرلەپ كىتىش ئەھۋالى بەك ئېغىر بولۇپ كەتمەيدۇ. ئوكسىگىنلىق ھەرىكەت قىلىش، يۇقىرى قان بېسىمى كىسەللىكى بىمارلىرىغا نىسبەتەن يەنىلا زۈرۈر ھىسابلىنىدۇ.
تۆتىنچى خىل خاتا قاراش: ھەرقانداق تۈردىكى ھەرىكەتلىنىشنىڭ ھەممىسى، يۇقىرى قان بېسىمى كىسەللىكلىرى بىمارلىرىغا پايدىلىق بولىدۇ
    ئۇزۇن مەزگىل مۇۋاپىق تۈردە ھەرىكەت قىلغاندا، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىشكە بولىدۇ، يەنە تېخى بەدەندىكى ئىنسولىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ياخشىلاپ، قاننىڭ شىكەر مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ دىئابىت كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
   ئەمما، ھەرقاندا تۈردىكى ھەرىكەتنىڭ ھەممىسىلا يۇقىرى قان بېسىمى كىسەللىكى بىمارلىرىغا ماس كىلىۋەرمەيدۇ. مەسىلەن، تىز سۈرئەتتە مېڭىپ ئىگىزگە چىقىش، تاغقا يامىشىش، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش، تىز يۈگرەش، سېتكا توپ مۇسابىسقىسى قاتارلىق ھەرىكەتلەر، يۇقىرى قان بېسىمى كىسەللىكى بىمارلىرىغا ماس كەلمەيدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号