"كۆڭلى" نامرات ئەرگە ياتلىق بولسىڭىز، بىر ئۆمۈر جاپا تارتىسىز
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5813:قېتىم كورۇلدى
    ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەمىلىيەتتە ئۇلار كۆڭلىدە ناھايىتى ئىنىق چۈشىنىدۇ: دۇنيادىكى ئەرلەرنىڭ ھەممىسى پۇلدار، ئىقتىسادى ئاساسى ياخشى كەلگەن ئەمەس؛ كۆپ قىسىم ئەرلەر يەنىلا ئايلىق ئىشلەپ جاننى جان ئىتىدىغانلار. شۇڭلاشقا، ئاياللار ئۆزىگە لايىق تاللىغاندا، كۆپىنچە ئاياللارنىڭ ئويلىشىدىغىنى، ئۇنىڭ ئىقتىسادى ئاساسى بار يوقلۇقى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئەركىشىنىڭ كەلگۈسىدە ئۆزىگە ئۈمىد ئېلىپ كىلەلەيدىغان ياكى كىلەلمەيدىغانلىقى. ئەگەر بۇ ئەر كىشى بىلەن بىرگە بولغاندا، ئۇ بىر ئۆمۈر نامرات پېتى ئۆتۈپ، ھەركۈنى يىمەك-ئىچمەك، ياكى بالىنىڭ سۈت پاراشوكى ئالدىغان پۇلنىڭ غېمىنى قىلىپ ئۆتىدىغان ئىش بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ يەنىلا بويتاق ئۆتكىنى ياخشى.
    ئەمىلىيەتتە، ئاياللار پۇلغا ئۇنداق بەك بىرىلىپ كەتكەن ئەمەس؛ ئەگەر سىزنىڭ يەنە باشقا ئارتۇقچىلىقلىرىڭىز بار بولسا، ھەمدە ئۇنىڭغا سىز بىلەن بىرگە بولسا ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈمىدى بار بولغان تۇيغۇ بىرەلىسىڭىز، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ماددى تەلىپىمۇ ئۇنداق يۇقىرى بولۇپ كەتمەيدۇ؛ بىراق، ئاياللار تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل "كۆڭلى نامرات" ئەرگە ياتلىق بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەيدۇ.
قىلچىلىك ئالغا ئىنتىلىش روھى بولمىغان ئەرلەر
    ئاياللار ئەگەر ئەر كىشىنىڭ ئىقتىسادى ئاساسىدىن باشقا ئالاھىدىلىكلىرىنى ئويلاشماقچى بولسا، ئۇ چوقۇم بۇ ئەر كىشىنىڭ ئالغا ئىنتىلىش روھى بار يوقلىقىغا ۋە تەرەققى قىلىش ئىستىقبالى بار يوقلىقىغا قارايدۇ؛ بۇمۇ دەل، نۇرغۇن ئاياللارنىڭ گۈلدەك ياشلىق مەزگىللىرىدە ئىرىگە ھەمرا بولۇپ ئەڭ جاپالىق كۈنلەرنى بىللە ئۆتكۈزۈشنى خالىشىنىڭ سەۋەبىدۇر. چۈنكى، ئاياللارنىڭ نەزىرىدە، پەقەت ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشسە، بۇنىڭ بىلەن بىرگە كەلگۈسىگە قارىتا ئازدۇر-كۆپتۇر ئۈمىد بار بولسا، ئازراق جاپا تارتساق ياكى ھېرىپ-چارچىساق ھېچۋەقەسى يوق دەپ قارايدۇ. ئەكسىچە، ئەگەر ئۇلار ئۇچراتقان ئەر كىشى قىلچىلىك ئالغا ئىنتىلىش روھى يوق، كەلگۈسى ئاساسى جەھەتتىن بىكىتىلىپ قالغان، تېخىمۇ ياخشى ھالەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئىمكانىيىتى يوق بولۇپ قالسا، بۇ خىل ئەر كىشى ئەمىلىيەتتە، "كۆڭلى نامرات" ئەر كىشى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىمۇ تەرەققى قىلىپ كىتىشى ناتايىن بولىدۇ.
ئىچى تار پىخسىق ئەرلەر
   تۇرمۇشتا بىر خىل ئەر كىشى بار بولۇپ، مەيلى ئەر كىشى بولسۇن ياكى ئايال كىشى بولسۇن، ھەممىسى بۇنداق ئادەمدىن يېراق تۇرىدۇ. مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا، ھەممىدىن بەك ئالقىشقا ئىرىشەلمەيدىغان ئادەم، ئىچى تار ھەم پىخسىق كەلگەن، ھەرقانداق ئىشتا ئىنچىكە ھىساب قىلىپ تۇرۋالىدىغان ئەركىشىلەردۇر.
   ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇنداق ئەرلەر ئەزەلدىن ئۆزىدىن يامان ئادەملەر بىلەن بەسلەشمەيدۇ؛ ئەكسىچە ئۆزىنى ئەڭ ناچار ئادەملەر بىلەن سېلىشتۇرۇشقا ئامراق كىلىدۇ. پەقەت ئۆزىدىنمۇ ناچار ئادەمدىن بىرسى بولسىلا، ئۇلار ئۆزىنى قالتىس چاغلايدۇ. بۇنداق ئەرلەر بىلەن مۇھەببەتلىشىپ قالغان قىزلار ھېچقانداق بىرەر ئۈمىد ئۇچقۇنى كۆرەلمەيدۇ؛ شۇڭا ئۇلار ئادەتتە، ئۆزىنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشىنى ئويلىشىپ، بۇنداق ئەرلەر بىلەن ئايرىلىپ كىتىشنى ئويلىشىدۇ.
پۇل تېپىشنى ئويلاشماي، پۇل تىجەشنىلا ئويلىشىدىغان ئەرلەر
   ئىلگىرى، بىر ئائىلىگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، تىجەشلىك بولۇش بولسا، بىر خىل ئەنئەنىۋى گۈزەل پەزىلەت ھىسابلىناتتى؛ ئەمما ھازىر، بەزى قاراشلارنى ئۆزگەرتىشىمىزگە توغرا كىلىدۇ. ھازىر، ئەگەر سىز قانداق قىلىپ پۇل تېپىشنى ئويلاشماي، پەقەت تىجەشلىك بىلەن ئۆي تۇتۇشنىلا ئويلاشسىڭىز، بىر ئاماللارنى قىلىپ پۇلنى ئازراق چىقىم قىلىشقا ئۇرۇنسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ كەلگۈسىدە ھېچقانداق تەرەققىيات ئىستىقبالىڭىز بولمايدۇ.
    شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاياللار لايىق تاللاش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ ئالدىن ئويلىشىدىغىنى، ھەر خىل ئاماللارنى قىلىپ پۇل تىجەشنى ئويلىشىدىغان ئەر كىشى ئەمەس، بەلكى ئالغا ئىنتىلىش روھى بار ئەرلەردۇر. چۈنكى، ئەگەر بىر ئەركىشى بىر ئاماللارنى قىلىپ تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىش ئۈستىدە ئويلاشماي، ئەكسىچە پۇل تىجەش ئۈچۈنلا زىھنىنى سەرپ قىلىپ ئۆتسە، بۇنداق ئەر كىشى ئاخىرقى ھىسابتا ھېچقانداق نەتىجىگە ئىرىشەلمەيدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

دادىنىڭ قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرىلىگەن ئىجادىي سۈرەتلىرى

ئۇلارنى بېلىق بىلەن بىللە يۇيۇنغىلى ۋە بۆرە بىلەن بىللە ھۇۋلىغىلى قويۇپ بەرگەن؛ بۇ قىزلارنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل تۈردە ناھايىتى قىزىقارلىق

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号