بۇ يىمەكلىكلەر قېرىشنى ئاستىلىتىپ تىرىنى ياشارتىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7032:قېتىم كورۇلدى
   ياشنىڭ ئۆزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ھەربىر ئادەم قېرىشتىن ئىبارەت مەسىلىگە دۇچار بولىدۇ. گەرچە بەزىبىر قىممەت يۈز مەلھەملىرى ۋە دورىلىرى، ئىشلەتكەندىن كىين تىرىنى ياشلىقىنى ساقلاش ئۈنۈمى كۆرسەتسىمۇ، ئەمما سىز يەنە يىمەكلىكلەر ئارقىلىقمۇ بەدەننىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىش ۋە تىرىنى ياشارتىش ئۈنۈمىگە ئىرىشەلەيسىز.
   ئادەتتە، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ماددىلىرى، ۋىيتامىنC، D، E، K قاتارلىق ماددىلار، خولىن ۋە فولىن كىسلاتا قاتارلىق تەركىبلىرى بار يىمەكلىكلەر، ھۈجەيرە قاتلىمىدىن سىزنىڭ بەدەن ئورگانىزىمىزنىڭ ياش ھالىتىنى ساقلىيالايدۇ. بۇ خىل يىمەكلىكلەر يەنە راك كىسەللىكىگە گىرىپتار  بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە يۈرەك قان تۇمۇر كىسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇنداقتا بۇ خىل يىمەكلىكلەردىن قايسىلار بار؟
قارا شاكىلات
   تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، كاكائو تالقىنى(可可粉) تەركىبىدە بەزىبىر ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار بار بولۇپ، تىرىنى ئۇزۇقلاندۇرۇپ قۇۋۋەتلەشكە پايدىلىق ئىكەن. ئەگەر سىز ھەركۈنى ئازراقتىن قارا شاكىلات يەپ بەرسىڭىز، ئۇنداقتا بەلگىلىك مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن، تىرىڭىزنىڭ ئىلگىركىدەك ئۇنداق يىرىك ئەمەسلىكىنى بايقايسىز ھەمدە تىرىڭىزنىڭ ئاپتاپتا كۈيۈشكە قارشى تۇرۇش ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزىرايدۇ.
    كاكائو تالقىنى ئىستىمال قىلىشنىڭ يەنە بىر ياخشى تەرىپى، ئۇ قان ئايلىنىش سېستىمىسىنى ياخشىلاپ، بۇ ئارقىلىق تىرىگە تېخىمۇ كۆپ مۇھىم ئۇزۇقلۇقلارنى تەمىنلەپ بىرىدۇ.
   ئەمما، قارا شاكىلات ئىستىمال قىلغاندا، ئەڭ ياخشىسى تەركىبىدىكى كاكائو مىقدارى %70دىن يۇقىرى بولغانلىرىنى ئىستىمال قىلىش كىرەك. قارا شاكىلاتنىڭ قەنت مىقدارى نىسبەتەن تۆۋەن بولۇپ، بۇ سىزنىڭ ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن پايدىلىق بولىدۇ. چۈنكى، ئەگەر بەدەنگە قوبۇل قىلغان قەنت مىقدارى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، بەدەندىكى كوللاگىنلىق ئاقسىلنى پارچىلىۋىتىدۇ.
شوخلا
   شوخلىنىڭ تەمى ياخشى، پايدىلىق ئۈنۈملىرى كۆپ. سىز شوخلا ئىستىمال قىلغاندا، كۆپ مىقداردىكى ۋىيتامىنCغا ئىگە بولىسىز؛ ۋىيتامىنC بولسا، كوللاگىنلىق ئاقسىلنىڭ ئۆسۈپ كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قورۇقچە چۈشۈش ۋە قېرىپ كىتىشكە قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى كۆرسىتىدۇ.
   بىراق تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، شوخلا تەركىبىدە كاروتىن، كىسانتوفىل، لىكوپىن قاتارلىق كاروتىن تىپىدىكى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار، تىرىنى قۇياش نۇرىنىڭ زىينىغا ئۇچراشتىن ساقلايدۇ. بۇ يەردە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىكى شۇكى، ئەگەر يىمەكلىك تەركىبىدىكى كاروتىن تۈرىدىكى ماددىلارنى بەدەنگە تۇلۇق سۈمۈرۈلسۇن دىسەك، ئۇنداقتا مەلۇم خىل ياغلار بىلەن بىرلىكتە ئىستىمال قىلىش كىرەك.
ياڭاق
   ياڭاق تەركىبىدە زور مىقداردا تويۇنمىغان ياغ كىسلاتالىرى بار، بولۇپمۇ Omega-6 ۋە Omega-3 تويۇنمىغان ياغ كىسلاتا تەركىبى ئىنتايىن يۇقىرى. بۇندىن باشقا يەنە، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلاردىن ۋىيتامىنE، ۋىيتامىنC ۋە سېلىن قاتارلىقلار بار. ياڭاق، ياغلارنىڭ بەدەنگە سۈمۈرلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىنىڭ قۇرغاق بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە چىراي گۈزەل لەشتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.
تاتلىق ياڭيۇ
   β-كاروتىن بولسا بىر خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا بولۇپ، ئادەمنىڭ تىرىسىنىڭ قۇياش نۇرىنىڭ زەخمىسىگە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئەگەر سىز بۇ خىل كاروتىن ماددىسىنى پەقەت سەۋزە تەركىبىدىلا بار دەپ ئويلىغان بولسىڭىز، خاتالاشقان بولسىىز. تاتلىق ياڭيۇ تەركىبىدىمۇ زور مىقداردا كاروتىن ماددىسى بار بولۇپ، تىرىنىڭ ئولتىرا بىنەپشە نۇرغا قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئاپتاپتا كۈيىشىڭىزنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

مۇھەببەتنى 32يىل دۈمبىسىدە يۈدۈپ ئۆتكەن ئايال

مۇھەببەتلىشىش ئەسلىدە بەخىتلىك ھەم گۈزەل بىر ئىش، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز مۇھەببەت ئەسلىمىلىرى بار. بۈگۈن كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەر

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

بۇ دادا قىزىغا ھەقىقەتەن بەك ئامراق ئىكەن

قىزىنىڭ ئارزۇسىنى قانائەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، دادا ئىككى مىليۇن يۈەن پۇل سەرپ قىلىپ، ئۆيىنىڭ ئىچى سىرتىنى پۈتۈنلەي قايتىدىن زىننەتلەپ ياسا

ئىممونت كۈچى، دۇنيادىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك دورا

نۇرغۇن كىشىلەر بۇ مەزگىلدە ئاسانلا زۇكام بولۇپ قالىدۇ. گەرچە بۇ بەلگىلىك دەرىجىدە كىلىمات تىمپىراتۇرا پەرقى سەۋەپلىك بولسىمۇ، ئەمما ئە

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号