خىزمەتتە بۇ ئۈچ خىل ئىقتىدارنى ئىگەللەڭ، نەتىجە قازىنالايسىز
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6545:قېتىم كورۇلدى
   خىزمەتتە، ھەممە ئادەم تىرىشىپ ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنىدۇ؛ بىراق، ئىقتىدارىنى ئىسپاتلاش قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا قىلغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس، سىز بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن تىرىشىپ ئىشلەپ بەلگىلىك يېغىندا ھاسىل قىلغان ۋاقتىڭىزدا، ئاندىن ئۆز ئىقتىدارىڭىزنى ئىسپاتلاپ كۆرسىتەلەيسىز. خىزمەت جەريانىدا، ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ قىممىتىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تۇنۇپ يىتىپ، ئۆزىنىڭ نىمىگە ئىھتىياجلىق ئىكەنلىنى چۈشىنىپ يىتىشى كىرەك؛ بۇنىڭدا، ئاندىن توغرا بىر يۆنىلىشنى تېپىپ چىقىپ، مۇۋەپپىقىيەتكە تېخىمۇ يېقىنلاشقىلى بولىدۇ.
    ئادەتتە بىز خىزمەت جەريانىدا، تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك ئىقتىدارىنى ئىگەلىشىمىز كىرەك؛ بۇنىڭدا، بىز ئۆزىمىزنى بارغانسىرى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، نەتىجە قازىنىشقا تېخىمۇ يېقىنلىشالايمىز.
تەتقىقات تىپىدىكى ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش
   تەتقىقات بىلەن ئۆگىنىش بىر قاتلامدىكى نەرسە ئەمەس؛ سىز ئۆگەنگەن بىلىم ۋە تەجىربىلەر، تەتقىقات ئالدىدا ئاددىيلا بىر ئىش بولۇپ، پەقەت ياردەمچىلىك رولىنى ئۆتىيەلەيدۇ. شۇڭا بىز، تەتقىقات تىپىدىكى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى تۇنۇپ يىتىشىمىز كىرەك. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، ياخشى بولغان تەتقىقات تىپىدىكى ئۆگىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە بىر ئادەم، بازارنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تەرەققىياتىغا ئاسانلا ماسلىشىپ كىتەلەيدىكەن؛ چۈنكى، ئۇلار يىتەرلىك دەرىجىدىكى سەزگۈرلۈككە ئىگە ئىكەن.
كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تىل تەسۋىرلەش ئىقتىدارى
   تىل ئارقىلىق تەسۋىرلەشتە ئەڭ مۇھىم بولغىنى، توغرىلىق دەرىجىسى ۋە تۇراقلىق خارەكتىرى بولۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئىنىق قىلىپ ئىپادىلەپ چىقىشىمىز كىرەك. بەزىبىر مۇھىم سورۇنلاردا، بىز ھەمىشە تىل ئىقتىدارىنى ئىشلىتىشكە مۇھتاج بولىمىز؛ چۈنكى، تىل ئىپادىسى پىكىر ئالماشتۇرۇشتىكى كۆۋرۈك بولۇپ، پەقەت ياخشى بىر تىل ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ۋاقتىمىزدىلا، ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ ئىتىبار بىلەن قارىغان ھالىتىمىزنى ئىپادىلەپ چىقىرالايمىز. بۇنىڭدا، قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىز تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.
كۈچلۈك بولغان ئۆزىمىزنى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارى
   ئۆزىمىزگە قاتتىق تەلەپ قويۇش ياكى ئۆزىمىزنى ھەرۋاقىت كونتىرول قىلالايدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىنتايىن تەس؛ بىراق، ھەرقانچە تەس بولسىمۇ، بۇ بىر قەدەمنى ئورۇندىماي بولمايدۇ. چۈنكى، كىشىلىك ھاياتتا ئادەم ھەرخىل پايدا-مەنپەئەتكە تاقىشىدىغان ئىشلارغا ئۇچرايدۇ؛ بەزىبىر پەيدا مەنپەئەتلەر ھەمىشە كۆز ئالدىمىزدا ئىغاڭشىپ، بىزنى ئۆزىگە قىزىقتۇرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، بىز ئۆزىمىزنى قاتتىق كونتىرول قىلىپ، قانۇن-ئەخلاق ۋە ۋىجدانغا مۇخالىپ كىلىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقىمىز كىرەك. بولمىغاندا، كىچىك بىر پايدا-مەنپەئەتلەرنى دەپ، ئۆمۈر بويى پۇشايمانغا قالىدىغان ئەھۋاللار كىلىپ چىقىشى مۇمكىن.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

مۇھەببەتنى 32يىل دۈمبىسىدە يۈدۈپ ئۆتكەن ئايال

مۇھەببەتلىشىش ئەسلىدە بەخىتلىك ھەم گۈزەل بىر ئىش، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز مۇھەببەت ئەسلىمىلىرى بار. بۈگۈن كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەر

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

بۇ دادا قىزىغا ھەقىقەتەن بەك ئامراق ئىكەن

قىزىنىڭ ئارزۇسىنى قانائەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، دادا ئىككى مىليۇن يۈەن پۇل سەرپ قىلىپ، ئۆيىنىڭ ئىچى سىرتىنى پۈتۈنلەي قايتىدىن زىننەتلەپ ياسا

ئىممونت كۈچى، دۇنيادىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك دورا

نۇرغۇن كىشىلەر بۇ مەزگىلدە ئاسانلا زۇكام بولۇپ قالىدۇ. گەرچە بۇ بەلگىلىك دەرىجىدە كىلىمات تىمپىراتۇرا پەرقى سەۋەپلىك بولسىمۇ، ئەمما ئە

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号