قىرىققا يەتكەندە پۇلىڭىز بولمىسىمۇ بۇ ئۈچ نەرسىڭىز كەم قالمىسۇن
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5692:ئادەم ئۆگەندى
    قىرىق ياش، ئادەمنىڭ ئۆمرىدىكى بىر بۇرۇلۇش نوقتىسىدۇر. بۇ ۋاقىتتا، ئوتتۇرا ياش مەزگىلى كىرزىسى يىتىپ كىلىدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەردە خاتىرجەمسىزلىنىش بىلەن تەشۋىشلىنىش كۆپرەك ئۇچرايدۇ.
    بەزىلەر، قىرىق ياشقا كىرگەندە چوقۇم پۇلۇم بار بولۇشۇم كىرەك، شۇنىڭدا قېرىغاندىكى تۇرمۇشۇمدىن ئەنسىرمەيمەن دەيدۇ.
   پۇل، گەرچە تۇرمۇش سەۋيىسىنى ئۆلچەيدىغان بىر ئۆلچەم بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا سىزنىڭ كىشىلىك ھايات سۈپىتىڭىزنى بەلگىلەشكە ئاجىزلىق قىلىدۇ. نۇرغۇن قىممەتلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ھەقسىز، مەسىلەن ھاۋا، قۇياش نۇرى، ياخشى روھى كەيپىيات دىگەنلەرگە ئوخشاش.
    قىرىق ياشقا كىرىپ قالغىنىڭىزدا، پۇلىڭىز بولمىسىمۇ، سىزنىڭ كۆڭلىڭىز خاپا ھالەتتە ئۆتىشىڭىز ناتايىن؛ ئەمما بەزى نەرسىلەر سىزدە چوقۇم بولمىسا بولمايدۇ.
    قىرىق ياشقا يەتكەندە، پۇلىڭىز بولمىسا مەيلى، ئەمما ساغلاملىق بولمىسا بولمايدۇ.
   نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىدا، قىرىق ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن ئاندىن مەسىلە كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. ئىلگىرىكى ھەرخىل جاپا-مۇشەققەتلەر، قىرىق ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن بەدەندىكى ھەرخىل ئاغرىقلارغا ئايلىنىدىغان بولۇپ، مەلۇم بىر تۈرلۈك تىببى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاشقازان كىسىلى، ئۆسمە، ھەتتا راك كىسەللىكلىرىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى، قىرىق ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئېشىپ كىتىدىكەن. بۇ، ياشقا چوڭۇپ قالسا مەسىلە كۆپ كۆرىلىدىغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى ئاسراشنى ئۇنتۇپ قالىدىغانلىقىڭىز سەۋەبىدىن بولىدۇ.
    قىرىق ياشقا يەتكەندە كۆپ پۇلىڭىز بولمىسىمۇ بولىدۇ، ئەمما ساغلاملىق بولمىسا بولمايدۇ؛ پەقەت ساغلام بولغان ۋاقتىڭىزدىلا، ھاياتلىقنىڭ ئاندىن داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەش مۇمكىنچىلىكى بار بولىدۇ.
    قىرىق ياشقا يەتكەندە پۇلىڭىز بولمىسىمۇ بولىدۇ، ئەمما ئاز دىگەندە بىر تۈرلۈك تېخنىكا-ماھارىتىڭىز بولمىسا بولمايدۇ.
    بىر تۈرلۈك تېخنىكا-ماھارىتى بار ئادەم، ئىنتايىن باي پۇلدار بولۇپ كىتەلمىگەن تەقدىردىمۇ، ھېچبولمىغاندا تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان بولىدۇ.
   بۇنداق كىشىلەر مەڭگۈ ئاچ قالمايدۇ. تېخنىكا ماھارەت، ئادەمنىڭ ھايات كەچۈرۈشتىكى تۈپ ئاساسى بولۇپ، ئۇ شۇنداقلا ھەم بىر ئادەمنىڭ ھۆرمىتىدۇر. بىز كىچىكىمىزدىنلا "جەمئىيەتكە پايدىلىق ئادەم بولۇش" تەربىيىسىنى ئاڭلاپ كەلگەن؛ بىز ئادەتتە باشقىلارنى ئاز ئاۋارە قىلىپ، جەمئىيەتكە ئاۋارىچىلىق قوشمىساقلا، ئەڭ ئاساسى بولغان "جەمئىيەتكە پايدىلىق ئادەم" بولغان ھىسابلىنىمىز.
    قىرىق ياشقا يەتكەندە پۇلىڭىز بولمىسىمۇ بولىدۇ، ئەمما روھى ئىنتىلىشىڭىز بولمىسا بولمايدۇ.
   قىرىق ياشقا يەتكەندە، بەلكىم ئىگىلىكىڭىز تەرەققى تاپقان، تۇراقلىق ھەم ئىللىق بىر ئائىلىڭىز بار بولغان بولۇشى، ئەمما ئىچكى دۇنيارىڭىز قۇرۇق، خۇددى ئۆزىڭىزنىڭ نىشانىنى تاپالمايۋاتقاندەك بولۇپ قالغان بولىشىڭىز مۇمكىن. سىز بۇ ۋاقىتتا بەلكىم ئۆزىڭىزنى "ئوتتۇرا ياش ئازغۇنلۇق مەزگىلى"گە كىلىپ قالدىم ئويلىشىڭىز مۇمكىن، بىراق سىز شۇنى ئۇنتۇپ قالىسىزكى، ئادەم مەيلى قايسى ياش مەزگىلىگە يەتمىسۇن، روھى جەھەتتىن بىرەر ئىنتىلىشى بولمىسا بولمايدۇ.
    مەسىلەن، سىزنىڭ بىرەر قىزىقىشىڭىز—يەنى، بېلىق تۇتۇش، رەسىم سىزىش، ھەتتا ناخشا ئوقۇش دىگەنلەرگە ئوخشاش ھەۋىسىڭىز بار بولۇش كىرەك.
    تۇرمۇشىڭىز مۇقىملاشقاندىن كىيىن، ياشلىق مەزگىلىڭىزدە بەك ئالدىراش بولۇپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن تاشلىنىپ قالغان غايىلىرىڭىزنى قايتىدىن باشلاپ، ئۆزىڭىز ئويلىغاندەك ھالەتتە ياشاڭ. ئادەم قىرىق ياشقا يەتكەندە، پۇل بولمىسىمۇ ھېچۋەقەسى يوق، ئەمما روھى جەھەتتىكى ئىنتىلىشى بولمىسا بولمايدۇ.
    مىنىڭچە، قىرىق ياش ئادەمنىڭ يىڭى بىر ھاياتلىقىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا پىشىپ-يىتىلىپ بولغان سىز، بەخىتنىڭ پۇل بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى، ئەمما روھى ھالەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ يىتەلەيسىز.

لى جىياچىڭنىڭ سودا ساھەسىدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش سىرى

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خاتىرسىدە، 70يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان لى جىياچىڭ ئەزەلدىن ئۇتتۇرۇپ باقمىغان، زىيان تارتىپ

ئاشقازان ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ناچار ئادەتلەر

ئەگەر ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە ئاشقازان ئاقسىل ئىنزىمى ئاجرىتىپ چىقارغان ۋاقىتتا، ئاشقازاندا بۇلارنى نىتراللاشتۇرىدى

26جىڭ ئالتۇن ئېسىپ يۈرىدىغان باينىڭ ساختىلىقى ئاشكارىلىنىپ قالدى

بىراق، بۇ يىل 36ياشقا كىرگەن ۋىيتناملىق ئەر چىن ۋىنفۇ، ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنى "جىڭ" بويىچە ھىسابلايدىغان بولۇپ، ئۇ ھەركۈنى كوچىغا چىق

ئىرىڭىز بۇ ئۈچ ئىشنى سۈرۈشتە قىلمىسا ئەھۋال چاتاق

كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېن

بۇ كالپۇكلارنى كۆرسە ئادەمنىڭ سۆيگۈسى كىلەرمۇ ياكى يىگۈسىمۇ

سەنئەتنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، سەنئەتكارلارنىڭ ئىدىيىسىمۇ بارغانسىرى ئېچىلىپ كەتتى، كىشىلەرنىڭ زوقلىنىش ئۆلچىمىمۇ بۇ

ئاتمىش كىلوگىرام كىلىدىغان بۇ قىز سىز ئويلىغاندەك كۈرۈمسىز ئەمەس

بىراق، دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر ئىشنى مۇتلەقلەشتۈرۋەتكىلى بولمايدۇ؛ بوي ئېگىزلىكى 155سانتىمىتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 120جىڭ كىلىدىغان گىرمان

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号