ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرسىدا پەقەت ئون مىنۇتلا كۇپايە
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5720:ئادەم ئۆگەندى
    تۆۋەندىكى ھىكايە، نۇرغۇنلىغان ئەر-خوتۇنلارغا كۆپلىگەن نەرسىلەرنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.
   ئەركىشى بىر تاكسى شوپۇرى بولۇپ، ھەركۈنى كۈندۈزى ھەممىلا جايغا قاتراپ، كەچتە ئۆيىگە كەلگەندە چارچاپ بولالماي قالىدۇ. ئەمما ئايالى ھەرقېتىم ئۇ قايتىپ كىلىشىگىلا، ئۇنىڭغا بېشىنى ئاغرىتىپ تاغدىن باغدىن سۆزلەپلا كىتىدىغان بولۇپ، ئۇ خوشياقمىغاندەك نەچچە ئېغىز سۆز قايتۇرۇپلا بولدى قىلىدۇ.
    ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ئايالى بارغانسىرى خاپا بولۇپ، ئىلگىرىكىدەك تاماق ئىتىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ ئۆتىۋىرىدىغان، ئەمما ئۇنىڭغا بەك پەرۋا قىلىپ كەتمەيدىغان بولۇپ قالغان، مىجەزىمۇ تىرىككەك بولۇپ قالغان. ھەدىسىلا، ئۇنىڭ ئىشلەتكەن نەرسىسىنى جايىغا قويۇپ قويمىغانلىقى ئۈچۈن، ناگاندا بىر بىرەرتال تاماكا چەككەنلىكى ئۈچۈن....دىگەنگە ئوخشاش كىچىك ئىشلار ئۈچۈن ھەمىشە ئۇنىڭغا ئاچچىقلىنىپ قالىدىغان بولۇپ قالغان.
    كۈندە بۇنداق ئۆتىۋىرىپ، ئەرنىڭ بارغانسىرى ئىچى پۇشۇپ، ھەتتا بىر خىل تىنىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغاندەك بولۇپقالغان. ئۇنىڭ چۈشەنمىگەن يىرى، ئۆزىنىڭ سىرتتا ھېرىپ-چارچاپ ئىشلىشى، ئايالىنىڭ راھەتراق تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن تۇرسا، ئايالى يەنە نىمىشقا ئۇنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمەيدىغانلىقى ئىدى.
   بىر كۈنى چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا، ئۇ باشقا بىر كونا شوپۇر بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۆزىنىڭ توي تۇرمۇشىغا بولغان ئۈمىدسىزلىنىشىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ كونا شوپۇر بولسا، ئۇنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ، "بۇرادەر، ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن، ھەرقانچە ھېرىپ كەتكەن بولساڭمۇ، روھىڭنى ئۇرغۇتۇپ ئايالىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ بەرگىن، كۆپ ئەمەس، پەقەت ئون مىنۇت بولسىلا كۇپايە قىلىدۇ" دەپ يول كۆرسەتكەن.
   ئۇ بۇنىڭغا بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي، شۇ كۈنى كەچتە ئۆيىگە قايتقاندىن كىيىن، گەرچە ناھايىتى چارچاپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ تۇرۇپ، "خوتۇن، مەن قايتىپ كەلدىم" دەپتۇ.
   ئايالى ئاشخانىدىن بېشىنى چىقىرىپ،  ئاددىيغىنە  بىر ئېغىز "قايتىپ كەلدىڭىزمۇ" دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.
   كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن، ئۇ ئادەتتىكىگە ئوخشاش سافادا يېتىۋالماي، ئاشخانىغا كىرىپ ئايالىغا "خوتۇن، جاپا چەكتىڭىز، ئەكىلىڭ مەن قىلاي" دەپتۇ.
   ئايالى بولسا ئۇنىڭغا "سىز نىمە قىلالايتتىڭىز" دىگەچ، ئۇنىڭغا بىر تال غولپىيازنى تۇتقۇزۇپ، غولپىيازنى ئاقلاپ يۇيۇشنى بۇيرۇپتۇ.
   ئۇ كۈنى، ئۇ ئاشخانىدا تۇرۇپ، ئايالىغا ماشىنا ئەترىتىدىكى قىزىقارلىق ئىشلارنى، ئۆزى ئۇچراتقان ھەرخىل قىزىقارلىق خېرىدارلارنىڭ ئىشلىرىنى سۆزلەپ بىرىپتۇ. ھەتتا كىچىك ۋاقتىدىكى ئىشلىرىنىمۇ سۆزلەپ بىرىپتۇ.
   ئايالى بىرتەرەپتىن ئاڭلىغاچ يەنە بىر تەرەپتىن قورۇما قورۇپتۇ.
   كەچلىك تاماق ۋاقتىدا، ئايالى ئۇنىڭ قاچىسىغا قورۇمىلاردىن ئېلىپ بىرىپ، "ماشىنا ھەيدەپ جاپا چەكتىڭىز، كۆپرەك يەڭ" دەپتۇ.
   بىر كەچقۇرۇن، ئۇلار بىر تەرەپتىن تاماق يىگەچ بىر تەرەپتىن پاراڭلاشقاچ، شۇنداق ئازادىلىك ھىس قىلىپتۇ.
   كەچلىك تاماقتىن كىيىن ئۇ قاچىلارنى يېغۇشتۇرماقچى بولغان ئىكەن، ئايالى ئۇنى توسىۋىلىپ، "سىز بىر كۈن ئىشلەپ چارچىدىڭىز، مەن ئۆزۈم يېغىشتۇراي" دەپ قاچىلارنى يېغىشتۇرۇپ ئاشخانىغا كىرىپ كىتىپتۇ.
   ئاشخانىدا سۇنىڭ شاقىرغان ئاۋازى بىلەن بىرگە، ئايالىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغىلى ئۇزۇن بولغان ناخشا ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ.
   شۇ كۈندىن باشلاپ، ئۇ ھەركۈنى ئىشتىن قايتىپ كىلىپ، ئالدى بىلەن ئايالىغا ھەمرا بولۇپ بىردەم پاراڭلىشىپ، ئۇنىڭغا ياردەملىشىدىغان ھەمدە ئۇنىڭ خىزمەت جەريانىدا يولۇققان ئىشلىرىنى پاراڭلىشىدىغان بولۇپتۇ.
   بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرغاندىن كىيىن، ئۇلار ئۇزۇن پاراڭلاشمايلا، ئايالى ئۇنى "سىز بىر كۈن ئىشلەپ چارچىدىڭىز، ئارام ئېلىۋىلىڭ" دەپ ئاشخانىدىن چىقىرۋىتىدىغان بولۇپتۇ.
   ئۇنى تېخىمۇ خۇشال قىلغىنى، ئايالى ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆيۈنىدىغان بولۇپ كىتىپتۇ.
   ئۇنى ياخشى كۆرگەن ئىكەنسىز، ئۇنىڭغا چىن كۆڭلىڭىزدىن ھەمرا بولىشىڭىز كىرەك؛ كۆپ ئەمەس، پەقەت ئون مىنۇت بولسىلا كۇپايە.
   ئاياللارنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنى كۆپ ئەمەس، پەقەت ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان، كۆڭلىدە ئۇ بار بولغان بىر ئىرى بولسا، ھەمدە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، ئۇنىڭغا سىرتتا كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بەرسىلا كۇپايە.
 

لى جىياچىڭنىڭ سودا ساھەسىدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش سىرى

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خاتىرسىدە، 70يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان لى جىياچىڭ ئەزەلدىن ئۇتتۇرۇپ باقمىغان، زىيان تارتىپ

ئاشقازان ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ناچار ئادەتلەر

ئەگەر ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە ئاشقازان ئاقسىل ئىنزىمى ئاجرىتىپ چىقارغان ۋاقىتتا، ئاشقازاندا بۇلارنى نىتراللاشتۇرىدى

ئىرىڭىز بۇ ئۈچ ئىشنى سۈرۈشتە قىلمىسا ئەھۋال چاتاق

كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېن

ئەرلەرنىڭ قەلبىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى

ھەقىقى مۇھەببەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلىمەيمىز، پەقەت ھەرىكىتىمىز ئارقىلىقلا ئاندىن مۇھەببەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكىمىزنى ئىپادىلى

بۇ خىل ئسىتاكانلاردا سۇ ئىچسىڭىز زەھەر ئىچكەنگە باراۋەر

سۇ ئىچىش، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرسى بولۇپ، سۇ ئىچكەن ئىستاكان، ئىچكەن سۇنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر

گازىر چېقىشقا ئامراقلار كۆرۈپ بىلىۋىلىڭ

گازىر، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئىستىراھەت يىمەكلىكى بولۇپ، ئۆزى كىچىك ئادەتتىكىچە بولغان بىلەن، تەمى خۇمالىق بولغاچقا، ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号