ئەرلەرنىڭ نەزىرىدىكى توي سىرتىدىكى مۇھەببەت قانداق بولىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8598:قېتىم كورۇلدى
   توي تۇرمۇشى سىرتىدا مۇھەببەتلىشىش، ھازىرقى زاماندىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ھېچقانچىلىك ئىش ئەمەس ھىسابلىنىدىغان بولۇپ قالدى. بىراق، ھەرقانداق بىر ئادەم بۇنداق ئىشقا يولۇقسا، ئۇلارنىڭ بۇنى قوبۇل قىلالىشى ناتايىن.
   نۇرغۇن كىشىلەر، نىمىشقا توي سىرتىدىكى مۇھەببەتنىڭ بۇنچىلىك زور جەلپكارلىقى بارلىقىنى چۈشەنمەيدۇ. ئەمىلىيەتتە، ئەرلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئاتالمىش توي سىرتىدىكى ھەقىقى مۇھەببەت مۇنداق بولىدۇ.
   ئايالىدىن مۇلايىم بولۇپ، ئەركىشىنى بىر خىل چوقۇنۇشقا ئىرىشكەندەك تۇيغۇغا ئىگە قىلىدۇ
  ئەرلەرنىڭ ھەممىسى مۇلايىم ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئايالىنىڭ ئۆزىنىڭ چوڭ ئەرلىك ئىدىيىسىنى ۋە شۆھرەتپەرەسلىكىنى قاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككى ئادەمنىڭ ئالاقە قىلغان ۋاقتى ئۇزۇن بولغانسىرى، بىر-بىرىگە بولغان چۈشىنىشى، بېشىدىن تاپىنىغىچە ناھايىتى ئىنىق بولۇپ كىتىدۇ.
   ئايال كىشى باشلىنىشتا بەلكىم مۇلايىم بولۇشى مۇمكىن، بىراق ئۇزۇن يىللىق بىرگە ئۆتۈش ۋە تۇرمۇشتىكى ھەرخىل ئىشلارنىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن، يەنە داۋاملىق مۇلايىم بولالماي قالىدۇ. مۇھەببەت ۋە تويلىشىش، ئەسلىدىنلا ئىككىسى ئىككى ئىش؛ مۇھەببەتلەشكەن ۋاقىتتا، ئايال كىشى پەقەت قارشى تەرەپنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا دىققەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن.
   بىراق توي قىلغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ كۆرىدىغىنى پەقەت قارشى تەرەپنىڭ كەمچىلىكىلا بولىدۇ، شۇڭا قارشى تەرەپنى ئۆزگىرىپ كەتكەندەك، ئىلگىرىكى ئۆزى تۇنۇيدىغان ئادەم ئەمەستەك ھىس قىلىدۇ. ئادەم پەقەت شۇ ئادەم، پەقەت سىزنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان نوقتىڭىز ئۆزگىرىپ كەتكەن بولىدۇ.
   ئەرلەر شۇنىڭ ئۈچۈن تالاغا قارايدۇكى، ئەمىلىيەتتە باشقا بىر ئايال كىشى ئۇلارنىڭ قەلبىگە سوقۇنۇپ كىرگەن، ئۇنىڭ چوقۇنۇشقا ئىرىشكەن تۇيغۇ ھىس قىلدۇرغان بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ ئەڭ ئىنچىكە تەرەپلىرىنى تىترەتكەن بولغاچقا، ئەرلەر ئاسانلا مۇھەببەت قاينىمىغا چۆكۈپ كىتىدۇ.
ئايالىغا قارىغاندا ئادەمنىڭ كۆڭلىنى بەكرەك چۈشىنىدۇ
   ئەرلەر توي قىلغاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ زور بىر قىسىم كەيپىياتى، مەيلى تۇرمۇش ئادەتلىرى بولسۇن ياكى تۇرمۇش ئۇسۇلى جەھەتتىن بولسۇن، ئايالىنىڭ ئۆزىنى توغرا چۈشەنمىگەنلىكىدىن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا باشقا ئاياللار كۆرۈلگەن ۋاقىتتا، ئۇلار ئاسانلا قارشى تەرەپ تەرپىدىن جەلىپ قىلىنىدۇ.
   شۇنداق، ئۇ بەلكىم ئايالىغا قارىغاندا ئۆزىنى بەكرەك توغرا چۈشىنىشى مۇمكىن. بىراق ئەرلەر بىر مەسىلىنى ئويلاپ باققانمۇ يوق؟ ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا ئايالى بىلەن توي قىلىشنى ئويلاشقان ۋاقىتتا، ئايالىمۇ ئۇلارغا ئوخشاشلا ئادەمنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان بولغىدى ھەقىچان؟
   ئەركىشى تۇرمۇشتا ۋە خىزمەتتە، ھەقىقەتەن توغرا چۈشىنىشكە مۇھتاج؛ بەزىدە ئايالى بۇ تەلەپنى قاندۇرالماسلىقى مۇمكىن، بىراق بۇ ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشنى خالىمىغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئەركىشىنىڭ ئۇنىڭغا بۇنداق پۇرسەت بەرمىگەنلىكىدىن ياكى بولمىسا ئۆز كۆڭلىدىكى سۆزلىرىنى ئايالىغا ئېيتىمىغانلىقىدىن بولىدۇ؛ بۇنىڭدا قانداقمۇ ئايالىدىن ئاغرىنغىلى بولسۇن؟
   توي تۇرمۇشىدا تالاغا قاراش ئەلۋەتتە ئەخلاققا مۇخالىپ بىرئىش؛ مۇھەببەتكە ۋە توي تۇرمۇشىغا ئاسىيلىق قىلغان بىر ئادەمنى، ئاقلاشقا سۆزمۇ تاپالماي قالىمىز. بىراق، توي تۇرمۇشىدا مەسىلە كۆرۈلگەندە، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن قانداق مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى ئىزدەپ چىقىش كىرەك.
  ئەر كىشىنىڭ تالاغا قارىشىدا، ئايالىنىڭ ئازدۇر-كۆپتۇر مەسئۇلىيتى بار؛ بۇ گەپ گەرچە قولاققا بەك يېقىپ كەتمىسىمۇ، ئەمما ئۇ بىر ھەقىقەت. ئەگەر ئايالى يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان ئىككى نوقتىنى ئىشقا ئاشۇرالىسا، بەلكىم توي تۇرمۇشىدا تالاغا قاراش مەسىلىسى كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

ئوغۇل بالىلىق بولىمەن دەپ چىقارغان بۇ قالايمىقانچىلىقنى كۆرۈڭ

بىراق، بەزى كىشىلەر، ھەرقانچە قىلىپ باقسىمۇ، ئۈمىد قىلغىنىدەك ئوغۇل پەرزەنتلىك بولالمايدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك بەزىبىر قاملاشمىغان ئامال

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号