ئاتمىش مىڭغا ھۆسىن تۈزىتىمەن دەپ مېيىپلىق كىنىشكى ئالغان ئايال
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5810:قېتىم كورۇلدى
   لىن خانىم بۇ يىل 23ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا، دوستلىرىنىڭ تۇنۇشتۇرۇشى ئاستىدا، لىن خانىم شىنجىن شەھىرى نەنشەن رايونىدىكى ئىنجىنا ھۆسىن تۈزەش ئامبۇلاتۇرىيەسىگە كىلىپ، ياردەمچى كۈمۈرچەك سۆڭەڭ بۇرۇن كۆتۈرۈش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرغان؛ ئويلىمىغان يەردىن، ئىككى قېتىملىق ئوپراتسىيەدىن كىيىن، لىن خانىمنىڭ بۇرۇن شەكلى ئېغىر دەرىجىدە ئۆزگىرىپ كەتكەن.
   بۇندىن بۇرۇن، ئىنجىنا ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ئامبۇلاتورىيەسى، لىن خانىمنىڭ بۇرۇن كۆتۈرۈش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرۇش سەۋەبىدىن  كىلىپ چىققان مەسىلىگە قارىتا، ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئامبۇلاتورىيەنىڭ مەسئۇلى ناھايىتى ئاكتىپ پوزۇتسىيەدە بولغان. بۇ سەۋەپلىك، ئىككى تەرەپ ئاخىرىدا بىرلىكتە ئۈچىنچى تەرەپ تىببى باھالاپ بىكىتىش ئورگانلىرىغا، لىن خانىمنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا تىببى جەھەتتىن باھالاپ بىكىتىش ھاۋالىسى سۇنۇشنى قارار قىلغان.
   بۇ يىل 5-ئايدا، لىن خانىمنىڭ باھالاپ بىكىتىش دوكلاتى ئاخىرى چىققان؛ نەتىجىدە، ئىنجىنا داۋالاش ئامبۇلاتۇرىيەسىنىڭ  پوزۇتسىيەسى 180گىرادوس ئۆزگەرگەن. لىن خانىمنىڭ مۇخبىرلارغا دىيىشىچە، ئىككى تەرەپ، گۇاڭدۇڭ جۇڭيى ئەدىلىيە باھالاپ بىكىتىش مەركىزىگە باھالاپ بىكىتىشنى ھاۋالە قىلغان بولۇپ، لىن خانىم تەمىنلىگەن باھالاپ بىكىتىش دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: باھالاپ بىكىتىش ئوبىكتىنىڭ بۇرۇن ئۇچى ئولتۇرۇشۇپ، بۇرۇن كىچىك تۈۋرۈكى قىسمى كەملەپ كەتكەن، مېيىپلىق دەرىجىسى بولسا ئونىنچى دەرىجىگە يەتكەن؛ ئامبۇلاتورىيەنىڭ خاتالىقى، لىن خانىمدا شەكىللەنگەن يامان ئاقىۋەت بىلەن ئاساسلىق سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتى ھاسىل قىلىدىغان بولۇپ، ئىنجىنا ئامبۇلاتورىيەسى تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتى %90-%61 ئارىسىدا بولغان.
    لىن خانىمنىڭ دىيىشىچە، ئۇ دوكلاتنى ئېلىپ ئىنجىنا ئامبۇلاتورىيەسىنىڭ مەسئۇلى بىلەن ئالاقىدار ئىشلارنى مەسلىھەتلەشكى بارغاندا، قارشى تەرەپ ئۇنىڭغا تۆلەم بىرىش لايىھەسىنىلا ئوتتۇرىغا قويۇپ، لىن خانىمغا 5000يۈەن روھى ئازاپ تۆلىمى بىرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
   بۇرنىنى داۋالىتىپ ئەسلىگە ئەكىلىش ئۈچۈن، لىن خانىممۇ شاڭخەي شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىغا بېرىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرغان؛ دوختۇرنىڭ لىن خانىمغا دىيىشىچە، ئەسلىگە ئەكىلىش ئوپراتسىيە قېتىم سانى 10-5قېتىم ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن؛ ئوپراتسىيە جەريانىدىمۇ لىن خانىم ناھايىتى كۆپ رىيازەتلەرنى چەككەن.
   لىن خانىمنىڭ جاراھىتى ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، ھازىر باھالاپ بىكىتىش نەتىجىسىمۇ چىقتى، ھۆسىن تۈزەش دوختۇرخانىسى ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كىرەك ئىكەن؛ ئۇنداقتا لىن خانىم يەنە نىمىشقا بۇنداق ئامالسىز ئەھۋالدا قالىدۇ؟ ھۆسىن تۈزەش ئوپراتسىيەسى جەريانىدا، ئىنجىنا ھۆسىن تۈزەش ئامبولاتورىيەسىدە يەنە قانداق مەسىلىلەر ساقلانغان؟
   ھەرخىل گۇمانى قاراشلار ۋە سۇئاللارنىڭ تۈرتكىسىدە، لىن خانىم ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە مۇخبىرنىڭ ھەمراھلىقىدا، نەنشەن رايونىغا جايلاشقان  ئىنجىنا ھۆسىن تۈزەش ئامبۇلاتورىيەسىگە يەنە بىر قېتىم كەلدى. ئويلىمىغان يەردىن، ئىككى تەرەپ يۈز كۆرىشىشى بىلەنلا كەيپىيات ناھايىتى جىددى ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.
    لىن خانىمنىڭ قولىدىكى باھالاپ بىكىتىش دوكلاتىغا قارىتا، ئىنجىنا ھۆسىن تۈزەش ئامبۇلاتورىيەسىنىڭ مەسئۇلى، دوكلات نەتىجىسىنى ئىتراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئىككى تەرەپمۇ بۇ مەسىلە توغرىسىدا نۇرغۇن قېتىم مەسلىھەتلىشىپ كىلىشىش ئېلىپ بارغان ھەمدە دوختۇرخانىمۇ لىن خانىمنىڭ بۇرنىنى ئوڭشاپ ئەسلىگە ئەكىلىش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئالغان؛ بىراق، لىن خانىم بىراق 620مىڭ يۈەن تۆلەم تەلەپ قىلغان بولغاچقا، ئىنجىنا دوختۇرخانا تەرەپ بۇنى قوبۇل قىلالمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىككى تەرەپ كىلىشەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، لىن خانىم دوختۇرخانىغا كىلىپ غەلۋە كۆتۈرۈپ جىدەل قىلغان بولغاچقا، دوختۇرخانا تەرەپ ئامالسىز قانۇنى يول ئارقىلىق بىتەرەپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان.
    لىن خانىمنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بىرىشىچە، ئۇ ئۆزى ئەينى ۋاقىتتا ئوپراتسىيە قىلغان دوختۇر بىلەن كۆرۈشۈپ پىكىرلەشمەكچى بولغان، بىراق دوختۇرخانا تەرەپ ئۇنىڭ تۇرۇشلۇق ئورۇن ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلەشنى رەت قىلغان. ئىلگىرى، لىن خانىم ئەھۋالنى نەنشەن رايونلۇق تازىلىق نازارەتچىلىك پونكىتىغىمۇ ئىنكاس قىلغان بولۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرى نەخ مەيدانغا كىلىپ ئوپراتسىيە جەريانىغا قارىتا تەپسىلى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەمدە دوختۇرخانىنىڭ قائىدىگە خىلاپ مەشغۇلات ئېلىپ بارغانلىقى بايقالغان بولغاچقا، قانۇن ئىجرا قىلىش ئورۇنلىرى تەرپىدىن 292مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلغان.
   بۇنىڭغا قارىتا، ئادۇۋكاتلار، كىلىشەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئىستىمالچىلار قانۇنى يول ئارقىلىق بىتەرەپ قىلىشنى تاللاپ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قوغدىسا بولدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ بىراق يەنە بۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۆلەم تەلەپ قىلغان ۋاقىتتا، تەلەپ قىلغان تۆلەمگە قارىتا ئالاقىدار ئىسپاتلارنى تەمىنىلىشى كىرەك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

ئوغۇل بالىلىق بولىمەن دەپ چىقارغان بۇ قالايمىقانچىلىقنى كۆرۈڭ

بىراق، بەزى كىشىلەر، ھەرقانچە قىلىپ باقسىمۇ، ئۈمىد قىلغىنىدەك ئوغۇل پەرزەنتلىك بولالمايدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك بەزىبىر قاملاشمىغان ئامال

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号