ئۆيىڭىزگە مىھمان كەلسە، تاۋۇزنى بۇ ئۇسۇلدا پىچىڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5823:قېتىم كورۇلدى
    ئادەتتە ئۆيگە مىھمان كەلسە، بىز بەزىبىر مىۋە-چىۋىلەرنى سېتىۋىلىپ مىھماننى كۈتىۋالىمىز؛ ھازىرقى ياز پەسلىدە بولسا، ئۆيگە مىھمان كەلگەندە كۆپىنچە كىشىلەر تاۋۇز پىچىدۇ. بىراق، بەزى كىشىلەر پىچقان تاۋۇزنى يىيىش ئىنتايىن قولايسىز بولۇپ، يۈزلىرىمىزگە سۈيى يۇقۇپلا قالماي، يەنە قوللىرىمىزغا ئېقىپ كىتىدۇ، مىھمانغا كەلگەن ئادەمنىمۇ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان گەپ. بۇ سەۋەپلىك، بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، تاۋۇزنىڭ ئىككى خىل يىڭىچە پىچىشى ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
بىرىنچى خىل ئۇسۇل
   ئاۋال تاۋۇزنىڭ ئاستى، ئۈستى، ئوڭ-سول ۋە ئالدى كەينى ئالتە تەرىپىدىن،  تاۋۇز شاپىقىنىڭ ئازراق قىسىمىنى كىسىپ ئېلىۋىتىمىز؛ بۇ ۋاقىتتا تاۋۇز، خۇددى چوڭ ياسالغان بىر شىشىخالغا ئوخشاپ قالىدۇ. كەينىدىن، تاۋۇزنى قوشۇش شەكلىدە كىسىمىز؛ ئىسىڭىزدە بولسۇن، بىراقلا تىگىگىچە كىسىۋەتمەي، ئۈچتىن ئىككى قىسمىغىچە پىچاق سالساق بولىدۇ. ئاخىرىدا تاۋۇزنى ياتقۇزۇپ، ئادەتتە تاۋۇز پىچقاندەك نىپىزرەك پارچە ھالەتتە پىچساق بولىدۇ. بۇنىڭدا، پىچقان تاۋۇزنى ئىككى قولىمىز بىلەن تۇتمىقىمىز ئاسان بولىدۇ، قولىمىزغىمۇ سۈيى ئېقىپ كەتمەيدۇ.

ئىككىنچى خىل ئۇسۇل
   تاۋۇزنى توغرىسىغا ۋە تىك ھالەتتە كىسىپ ئوخشاش چوڭلۇقتىكى نەچچە پارچىگە بۆلىۋالىمىز؛ كەينىدىن، تاۋۇزنىڭ گۆشى بىلەن شاپىقىنى ئايرىۋىتىپ، گۆشىنى توغرىسىغا ۋە تىك ھالەتتە نەچچە پىچاق سېلىپ پارچىلىۋەتسەك، سالات يىگەنگە ئوخشاش چىش كولىغۇچ بىلەن چوقۇپ ئېلىپلا يىيىشكە بولىدۇ. بۇنىڭدا تاۋۇزنىڭ سۈيى قولىڭىزغا ياكى يەرگە ئېقىپ كەتمەيدۇ.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

ئوغۇل بالىلىق بولىمەن دەپ چىقارغان بۇ قالايمىقانچىلىقنى كۆرۈڭ

بىراق، بەزى كىشىلەر، ھەرقانچە قىلىپ باقسىمۇ، ئۈمىد قىلغىنىدەك ئوغۇل پەرزەنتلىك بولالمايدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك بەزىبىر قاملاشمىغان ئامال

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号