ئاياللارنىڭ ئىرىنىڭ ئۆيىدىكى ئورنىنى بۇ تۆت نوقتا بەلگىلەيدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5748:ئادەم ئۆگەندى
   نۇرغۇن ئاياللار توي قىلغاندىن كىيىن، ئۇلاردا  ئازدۇر-كۆپتۇر غېرىپلىق تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ قالىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار، ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئائىلىدىن ئايرىلىدۇ ھەم بۇندىن كىيىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ئىرىنىڭ ئائىلىسىگە تۇلۇق سىڭىشىپ كىرىپ بولالمايدۇ. ئەگەر ئىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى بەك يېقىن بولغان دەرىجىگە يىتىپ بولالمىغان بولسا، خاتىرجەم تۇرغۇدەك بىرەر جاي تاپالمايدىغان ئەھۋال ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە ئۆزلۈكسىز تۈردە يامراشقا باشلايدۇ. بىراق، بەزى ئاياللاردا ھەرگىز بۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلمەيدۇ، ئۇلار ئىرىنىڭ ئۆيىگە ياتلىق بولۇپ كىرگەندىن كىيىنمۇ، يەنىلا بىر خىل ئىناقلىققا تولغان ئىللىقلىق ھىس قىلىپ يىتەلەيدۇ. نىمە ئۈچۈن بۇنداق پەرق كۆرىلىدۇ؟ بۇنىڭدا بەلكىم، تۆۋەندىكىدەك تۆت نوقتا ئاساسلىق سەۋەپ بولۇشى مۇمكىن.
ئىرىگە تۇتقان پوزۇتسىيەسى
    ھەممە ئائىلە، ئەلۋەتتە بىر كۈيۈمچان كىلىن ئەكىرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ ئەڭ مۇھىم بولغىنى، ئىرىگە كۈيۈنىدىغان، ئۇنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئالالايدىغان بولۇشى كىرەك. سىز ئىرىڭىزگە چىن كۆڭلىڭىزدىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەر كۈنى ئۇنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىپ ۋە ئۇنىڭغا تەملىك تاماقلارنى ئىتىپ بىرىپ، ئۇنىڭغا بەخىت ۋە شىرىنلىك ھىس قىلدۇرالىسىڭىز، ئىرىڭىزنىڭ ئۆيىدىكىلەر بۇنى كۆرۈپ ئەلۋەتتە سىزدىن خۇشال بولىدۇ. بىراق ئىش بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ قالسا، ھەمىشە ئىرىڭىزنى ئىشقا سالسىڭىز، ھەمدە ئۇنى ماڭا خۇشامەت قىلىپ تۇرمىدىڭىز دەپ ئاغرىنىپ يۈرسىڭىز، ئىرىڭىزنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ ئەلۋەتتە ئاچچىقى كىلىدۇ، سىزمۇ ئۇلارنىڭ كۆزىگە سىغمايسىز. ئىرىڭىز ئۆزى خالاپ شۇنداق قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ نارازىلىقىدىن قۇتۇلالمايسىز.
ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئەمىلىي كۈچىنىڭ تەسىرى
   گەرچە مۇھەببەت ئالدىدا ئەر-ئايال مۇھەببەتنىڭ ئەركىن بولۇشىنى تەرغىپ قىلسىمۇ، ئەمما توي تۇرمۇشىغا چېتىلغاندىن كىيىن، نەزەردىن ئەڭ ساقىت قىلىشقا بولمايدىغىنى، پۇل ۋە ئەمىلىي كۈچتۇر. ئەگەر ئىككى تەرەپ ئائىلە شارائىتى كۆپ پەرقلەنمەيدىغان بولسا، ئۇنداقتا تۇتقان پوزۇتسىيىسى نىسبەتەن باراۋەر بولىدۇ؛ بىراق، ئەگەر ئائىلە شارائىتىدە پەرق چوڭراق بولسا، ئۇنداقتا تۇتقان پوزۇتسىيەسى قەتئى ئوخشاش بولمايدۇ. ئەگەر ئايال كىشىنىڭ ئائىلىسىنىڭ شارائىتى ياخشى، ئەمىلىي كۈچى كۈچلۈك بولسا، ئۇنداقتا، بەزىدە نارازى بولغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتكۈزۈۋىتىدۇ. ئەمما ئايال كىشىنىڭ ئائىلە شارائىتى ئادەتتىكىچە،  بولسا، ئۇنداقتا ياتلىق بۇلۇپ كىرگەن بۇ كىلىنگە تەلەپ قاتتىق قويۇلىدۇ؛ چۈنكى، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇ كىلىنى يۇقىرىغا ياماشقان بولىدۇ.
ئۆزىنىڭ پوزتسىيىسى ۋە تەلەپلىرى
   بارلىق يول قويۇش ۋە كەڭ قوساق بولۇشلارنىڭ ھەممىسىلا قارشى تەرەپنىڭ توغرا چۈشىنىشىگە ئىرىشەلەيدىغان ئەمەس، ھەربىر قېتىملىق يول قويۇش، قارشى تەرەپنىڭ نەزىرىدە سىزنىڭ ئاجىز قورقۇنچاقلىقىڭىز بولۇپ كۆرۈنۈشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزىڭىزنىڭ پوزۇتسىيىسى بار بولۇش، توي تۇرمۇشى ئىچىدە ناھايىتى مۇھىم. قولىقى يۇمشاق بەك گەپ ئاڭلايدىغان كىلىن، قېينئانىسىنىڭ ھەر خىل ئورۇنسىز تەلەپلىرىگە يۈزلىنىشتىن باشقا ئاقىۋەت كۆرمەيدۇ ھەمدە ئۇنىڭ نەزىرىدە باشتىن ئاخىرى ياخشى بولالمايدۇ. ئۆزىمىزنىڭ چەك-پىرىنسىپىنى ساقلاپ قالغاندا، ئاندىن ھەرقانداق بىر بۆلەك مۇناسىۋەتنى دەل جايىدا بىتەرەپ قىلىپ كىتەلەيمىز. ئائىلىدىكىلەر ئارىسىدا ئۆز-ئارا ھۆرمەتلىشىپ، بىر-بىرىمىزگە ئىشەنچ بېغىشلىغان ۋە كۆڭۈل بۆلگەن ۋاقىتتا، ئاندىن ئىناق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.
مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارى
   بولۇپمۇ ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە، مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارى بار بولۇش ئىنتايىن مۇھىم. رىئاللىق ۋە بېسىم ئالدىدا، كىشىلەر ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئايال كىشى دىگەن ئۆي تۇتىدۇ دەپ تۇرۋالمايدىغان بولۇپ قالدى؛ ياكى مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھازىر ئاياللار تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ئىقتىدارغا ئىھتىياجلىق، يەنى، ئۆي تۇتۇش بىلەن بىرگە، بەلگىلىك ئىقتىسادى ئىقتىدارى بار بولۇشى كىرەك. ئەگەر توي قىلغاندىن كىيىن، سىز ئۆيىڭىزدىلا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلمىسىڭىز، ئائىلىنىڭ كىرىم يارىتىشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپىسىنى ئىرىڭىزگىلا تاشلاپ قويسىڭىز، ئىرىڭىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇنىڭدىن ئىنىقلا نارازى بولىدۇ. ھەتتا سىزنى كىرەكسىز بىر ئادەم چاغلاپ، سىزگە ئۇچۇق چىراي ئاچماي، سىزنى مالاي ئورنىدا ئىشقا سالىدۇ.

كۈنلىرىڭىز قانچە تەسلەشكەنسىرى، بۇ تۆت ئىشتا شۇنچە چىڭ تۇرۇڭ

قىيىنچىلىققا تولغان كۈنلەر، قوش بىسلىق پىچاققا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۈمىدۋار كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ بىر خىل ھەرىكەتلەند

"كۆڭلى" نامرات ئەرگە ياتلىق بولسىڭىز، بىر ئۆمۈر جاپا تارتىسىز

ئاياللار ئۆزىگە لايىق تاللىغاندا، كۆپىنچە ئاياللارنىڭ ئويلىشىدىغىنى، ئۇنىڭ ئىقتىسادى ئاساسى بار يوقلۇقى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئەركىشىنىڭ كە

لى جىياچىڭنىڭ سودا ساھەسىدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش سىرى

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خاتىرسىدە، 70يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان لى جىياچىڭ ئەزەلدىن ئۇتتۇرۇپ باقمىغان، زىيان تارتىپ

ئاشقازان ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ناچار ئادەتلەر

ئەگەر ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە ئاشقازان ئاقسىل ئىنزىمى ئاجرىتىپ چىقارغان ۋاقىتتا، ئاشقازاندا بۇلارنى نىتراللاشتۇرىدى

26جىڭ ئالتۇن ئېسىپ يۈرىدىغان باينىڭ ساختىلىقى ئاشكارىلىنىپ قالدى

بىراق، بۇ يىل 36ياشقا كىرگەن ۋىيتناملىق ئەر چىن ۋىنفۇ، ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنى "جىڭ" بويىچە ھىسابلايدىغان بولۇپ، ئۇ ھەركۈنى كوچىغا چىق

ئادەم ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا نەچچە كۈن ئۇخلىماي بەرداشلىق بىرەلەيدۇ

ئادەم نىمە ئۈچۈن ئۇخلايدۇ مەسىلىسىگە كەلسەك، ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، بۇ خۇددى باتارىيەگە توك قاچىلىغانغا ئوخشاش بولۇپ، بۇنىڭدا بىزن

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号