ئادەتتە بىز ئۆزىمىزنىڭ ۋە ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ يىمەكلىك بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن ئىتىبار بىلەن قارايمىز؛ تۇرمۇشتا، مۇھىت تازىلىقىغا ئەھمىيەت بىرىپلا قالماي، يەنە يىمەكلىك تازىلىقىغىمۇ دىققەت قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. چۈنكى، كۆپ قىسىم ۋاقىتلاردا كىسەللىك ئېغىزىمىزدىن بەدەنگە ئۆتۈپ، ھەرقايسى ئەزالارغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يىمەكلىككە قارىتا ئىھتىياتچانلىق پوزۇتسىيەسىنى ھەرۋاقىت ساقلاش كىرەك. كۈندىلىك تۇرمۇشتا، يىمەكلىك ئەڭ كۆپ ساقلىنىدىغان جاي توڭلاتقۇ بولۇپ، ئۇ يىمەكلىكنىڭ يىڭى پېتى تۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇ يەنە باكتىرىيە ۋىرۇسلار تېخىمۇ كۆپيىىدىغان بىر جايدۇر. ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، تۆۋەندىكى ئۈچ خىل يىمەكلىكنى توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلاشقا بولمايدۇ؛ بولمىغاندا، ئاسانلا كىسەل بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

بەنشىرنى توڭلاتقۇغا بىۋاستە سېلىشقا بولمايدۇ
ئالدى بىلەن، بەنشىرنى گۆش بىلەن بىرگە قويۇشقا بولمايدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، بەنشىرنى يەنە بىۋاستە توڭلاتقۇغا قويۇشقىمۇ بولمايدۇ. بولمىغاندا، بەنشىر ئاسانلا بۇزۇلۇپ قالىدۇ، بەزىدە ھەتتا خېمىرسى يۇمشاپ بىر-بىرىگە چاپلىشىپ قالىدۇ. شۇڭا، بەنشىرنى چوقۇم مەخسۇس بەنشىر قاچىلايدىغان قاچىغا سالغاندىن كىيىن ئاندىن توڭلاتقۇغا سېلىش كىرەك. بۇنىڭدا، بەنشىرنىڭ بىر-بىرىگە چاپلىشىۋىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، يەنە باشقا يىمەكلىكلەرنىڭ پۇرىقىنىڭ سىڭىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ.

ئىسسىق بەلباغ مىۋىلىرى ۋە كىسىپ پارچىلىۋىتىلگەن مىۋىلەرنى توڭلاتقۇغا بىۋاستە سېلىشقا بولمايدۇ
توڭلاتقۇغا تاماق تەييارلايدىغان يىمەكلىكلەرنى سېلىپ ساقلىغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە مىۋە-چىۋىلەرنىمۇ سېلىپ ساقلىغىلى بولىدۇ؛ بۇنىڭدا مىۋىلەرنى يىڭى ساقلاشقا بولىدۇ، بۇنىڭ بىر ۋاقىتتا، ياز كۈنلىرى توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلانغان مىۋىلەرنى يىسە، ئادەمگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. بىراق، ئىسسىق بەلباغدا ئۆسكەن بەزىبىر مىۋىلەرنىڭ تۆۋەن تىمپىراتۇرغا بولغان ماسلىشىشچانلىقى ناچارراق بولغاچقا، بۇ خىلدىكى مىۋىلەرنى ئامال بار توڭلاتقۇغا سالمىغان ياخشى؛ ئادەتتە بۇ خىل مىۋىلەرنى كۈن چۈشمەيدىغان جايدا قويۇپ، يىيىشنىڭ ئالدىدا توڭلاتقۇغا بىردەم سېلىپ قويغاندىن كىيىن يىسەك بولىدۇ. بۇندىن باشقا، بەزىبىر كىسىپ پارچىلىۋەتكەن مىۋىلەرنىمۇ توڭلاتقۇغا بىۋاستە سالماي، يىڭى ساقلاش پىلاستىرىغا ئوراپ ئاندىن سېلىش كىرەك؛ بۇنىڭدا باشقا يىمەكلىكلەرنىڭ پۇرىقىنىڭ سىڭىپ قېلىشى ۋە باكتىرىيە ۋىرۇسلارنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

ئىچىگە يىمەكلىك سېلىنغان پىلاستىر خالتىنى توڭلاتقۇغا بىۋاستە سېلىشقا بولمايدۇ
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بىر خىل ئادىتى بار بولۇپ، ئادەتتە بازاردىن سېتىۋالغان مىۋە كۆكتاتلارنى، قاچىلانغان پىلاستىر خالتىسى بىلەنلا توڭلاتقۇغا بىۋاستە سېلىپ قويىدۇ. بىراق ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، پىلاستىر خالتا دىگەندەك پاكىزە ئەمەس بولۇپ، يۈز قىسمىدا باكتىرىيە ۋە چاڭ-توزان بىرقەدەر كۆپ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەتتە پىلاستىر خالىتىنى، مەخسۇس ئىشلىتىدىغان يىمەكلىك قاچىلاش قاچىلىرىغا ئالماشتۇرغاندىن كىيىن ئاندىن توڭلاتقۇغا سالساق، ئاندىن تېخىمۇ پاكىزە ھەم ساغلام بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، پىلاستىر خالتىنىڭ ئۆزىمۇ، زىيانلىق ماددىلارنى قويۇپ بىرىدۇ؛ شۇڭلاشقا، ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن، بۇ ئىشتا بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ.

بۇلارنىڭ ھەممىسى تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان مەسىلىلەر بولۇپ، ئادەتتە كۆپچىلىك بۇنىڭغا بەك ئىتىبار بىرىپ كەتمەيدۇ؛ بىراق، بۇ خىل مەسىلىلەر ئەمىلىيەتتە، بىزنىڭ تەن سالامەتلىكىمىزگە ئاستىرتتىن يۇشۇرۇن ھالدا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بولىدۇ. شۇڭا، تۇرمۇشتىكى بۇ خىل كىچىك ئىشلارغىمۇ، يىتەرلىك تۈردە ئىتىبار بىلەن قاراش كىرەك.