6-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خەينەن ئۆلىلىك ئانا بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ ئېغىر كىسەللىكلەر بۆلۈمى ئىشك ئالدىدا، سەي خانىم بىلەن ئىرى يىڭى سېتىۋالغان بالىلار كىيىمىنى قولىدا تۇتقىنىچە، بالىسىنى ئۆيىگە قايتۇرۇپ كىتىشنى ساقلاپ تۇراتتى. دوختۇر ئۇلارغا ئېغىر كىسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بەرگەن ۋاقىتتا، سەي خانىم ئۆزىنى تۇتىۋالالماي، "ئوغلۇم مۇشۇنداقلا يوق بولدى" دەپ يىغلاپ كەتتى.
ئىككى كۈنلۈك قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بولماي، بالا يەنىلا بۇ دۇنيادىن كەتتى. دوختۇرلارنىڭ دىيىشىچە، ئەتىگەن سائەت سەككىزدىلا، بالىنىڭ ھاياتلىق ئالامەتلىرى يوق بولۇپ بولغان. بەخىتكە قارشى ئالەمدىن ئۆتكەن بۇ بالا ئەمدى تۆت ياشقا كىرگەن بولۇپ، ۋەننىڭ شەھىرى داماۋ ئالتۇن بۆشۈك يەسلىسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى. 5-ئاينىڭ 30-كۈنى ئەتىگەن 6:40ئەتراپىدا، ئانىسى ئۇنى كۈندىكىگە ئوخشاش يەسلىنىڭ ئاپتۇبۇسىغا سېلىپ قويغان؛ بالا ئەسلىدە سائەت 8ئەتراپىدا مەكتىۋىگە يىتىپ باراتتى، بىراق ئۇ ئاپتۇبۇستا ئۇخلاپ قالغان. شوپۇر ۋېن موۋ بىلەن يەسلىنىڭ بىللە ماڭغان مۇئەللىمى فۇ موۋ ھەر ئىككىسى، كەينىدىكى ئورۇندۇقتا ئۇخلاپ قالغان بالىنى بايقىمىغان.

5-ئاينىڭ 30-كۈنى، شوپۇر ۋىن موۋ، بالىلارنى ئەتىگەنلىك تۇشۇش ۋەزىپىسى تاماملاندى دەپ قاراپ، ماشىنا ھەيدىگىنىچە ئارام ئالغىلى كەتكەن. چۈشتىن كىيىن 13:30 بولغاندا، باشقا يەسلىدىكىلەر بالىلار بايرىمىلىق پائالىيەت ئۈچۈن بۇ يەسلىنىڭ ئاپتۇبۇسىنى ئارىيەت ئالغىلى كەلگەندە، شوپۇر ئاندىن بالىنى كەينى ئورۇندۇقتا ھۇشىدىن كەتكەن ھالەتتە بايقىغان ھەمدە بالىنى دەرھال ۋەننىڭ شەھەرلىك دوختۇرخانىغا قۇتقۇزۇشقا ئېلىپ بارغان.
بالىنىڭ ئانىسى سەي خانىمنىڭ دىيىشىچە، ئۇ چۈشتىن كىيىن 14:45ئۆتكەندە، يەسلى مۇئەللىمىنىڭ تېلفونىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، ئوغلىنىڭ دوختۇرخانىغا قۇتقۇزۇشقا ئېلىپ بېرىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. سەي خانىمنىڭ مۇخبىرلارغا، "بالا ماشىنا ئىچىدە 5سائەتتىن ئارتۇق ئۇنتۇلۇپ قالسا، يەسلىنىڭ مۇئەللىملىرى بۇنى بايقىمىغان، ئەجىبا ئۇلار يوقلام قىلمايدىغانمىدۇ" دىگىنىچە قاقشاپ كەتكەن.
بالىنىڭ دادىسى جوۋموۋنىڭ دىيىشىچە، ئۇلار دوختۇرخانىغا بارغان ۋاقىتتا، بالىنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ ئىششىپ كەتكەن بولۇپ، پۇت قوللىرى مۇزلاپ كەتكەن پېتى ھۇشىدىن كەتكەن ھالدا ياتقىنىنى كۆرگەن. دوختۇرلارنىڭ دىيىشىچە، بالا ماشىنىغا بەك ئۇزۇن ۋاقىت سولىنىپ قالغان بولغاچقا، ئوكسىگىن يىتىشمەي ۋە سۇسىزلىنىپ، نەپەسلىنىش قىيىنلاشقان ۋە بەدەن ئىچ ئەزالىرى ئاجىزلىشىشقا باشلىغان بولۇپ، كىسەللىك ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر، ھەر ۋاقىت ھاياتىغا خەۋپ يىتىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن. شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن تۆت بولغاندا، بالا جىددى ھالدا خەينەن ئۆلىكىلىك ئانا بالىلار دوختۇرخانىسغا يۆتكەن ئاپىرىلىپ قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىلغان.
بىراق، 6-ئاينىڭ 2-كۈنى ئەتىگەندە، ئىككى كۈنلۈك قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي، بالا بەخىتكە قارشى بۇ ئالەمدىن كەتكەن.
يەسلى ئاپتۇبۇس شوپىرى، مۇئەللىم، سىنىپ مەسئۇلى قاتارلىقلار، بۇ قېتىملىق ھادىسىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى، قاننڭ بويىچە، يەسلىنىڭ باشلىقى جاڭ موۋ، سىنىپ مەسئۇلى لىن موۋ، بالىنى ئەكىلىپ ئاپىرىشقا مەسئۇل مۇئەللىم فۇ موۋ، ۋە شوپۇر ۋېن موۋ قاتارلىقلارغا دىلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، فۇ موۋ، ۋېن موۋ، لىن موۋ قاتارلىقلارنى قانۇن بويىچە تۇتۇپ تۇرغان؛ يەسلى باشلىقى جاڭ موۋ بولسا، قوسىقىدا سەككىز ئايلىق ھامىيلە بولغاچقا، قانۇن بويىچە كېپىللىككە قويۇپ بىرىلگەن. مائارىپ ئىدارىسى، بۇ يەسلىگە ئادەم ئەۋەرتىپ، بۇنىڭغا ئوخشاش ھادىسىە قايتا كۆرۈلمەسلىككە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا، ۋاقتىنچە ئوقۇتۇش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ھەمدە بۇ ئوقۇش مەۋسۇمى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، ئوقۇتۇش خىزمىتىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشنى قارار قىلغان.