ساغلاملىق ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىنتىلىدىغان بىر مەسىلە بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك؛ بولۇپمۇ ئەتىگىنى ئورنىمىزدىن تۇرغان ۋاقىتتىكى بەزىبىر ياخشى ئادەتلەر، بىزنىڭ روھى كەيپىياتىمىزنىڭ تولۇپ تاشقان بولۇشىغا ۋە بەدىنىمىزنىڭ ساغلام بولۇپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىشىمىزگە پايدىلىق بولىدۇ.
بەدەننى سوزۇش
ئەتىگىنى ئويغانغاندىن كىيىن ئورنىمىزدىن دەرھال تۇرۇپ كەتمەي، كارۋاتتا بىردەم يېتىۋىلىشىمىز ھەمدە پۇت قوللىرىمىزنى سوزۇپ كىرىلىۋىلىشىمىز كىرەك؛ بۇنىڭدا، بەدەندىكى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەننىڭ تەدرىجى ھالدا نورمال خىزمەت ھالىتىگە ئۆتۈشىگە پايدىلىق بولىدۇ.
يوتقاننى ئېچىپ قېقىۋىتىش
نۇرغۇن كىشىلەر ئورنىدىن تۇرۇپلا يوتقاننى يېغىپ قاتلىۋىتىدۇ، ئەمىلىيەتتە، بۇ بىر ياخشى ئادەت ئەمەس. چۈنكى بىر ئاخشاملىق ئۇخلاشتىن كىيىن، يوتقان ئىچىدە سۇ ھورى شەكىللىنىپ، ئاسانلا باكتىرىيە ۋە كانا پەيدا بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەتىگىنى ئورنىمىزدىن تۇرغاندىن كىيىن، ئەڭ ياخشىسى يوتقاننى ئېچىپ سىلكىپ قېقىۋەتسەك، يوتقان شامالداپ، ۋىرۇسلارنىڭ بەدەنگە يۇقۇملىنىش ئېلىپ كىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
يۈز قىسىمنى تازىلاپ ئۇۋۇلاپ بىرىش
بىر ئاخشاملىق ئۇيقۇدىن كىيىن، ئادەمنىڭ يۈز قىسمىدا نۇرغۇنلىغان زەھەرلىك ماددىلار پەيدا بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا يۈز قىسىمنى پاكىزە يۇيۇپ تازىلاپ يۈز قىسىمنى پاكىزە ساقلىساق، تىرىمىز تېىىمۇ پاقىراق بولۇپ كىتىدۇ. بۇندىن باشقا، يۈز قىسمىمىز ۋە بېشىمىزنى مۇۋاپىق تۈردە ئۇۋۇلاپ بەرسەك، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قېرىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق بولىدۇ.
بىر ئىستاكان ئىلمان قايناقسۇ ئىچىش
ئادەم ئۇخلاش جەريانىدا، بەدىنى نۇرغۇن كىرەكسىز ئەخلەتلەرنى ھاسىل قىلىدۇ، قانمۇ قويۇلۇپ كىتىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا بىر ئىستاكان ئىلمان قايناقسۇ ئىچىپ بەرسەك، قاننى سۇيۇلدۇرۇشقا بولۇپلا قالماي، يەنە تېخى ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جىگەر ۋە بۆرەكتىكى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىلىشىغا پايدىلىق بولىدۇ ھەمدە قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ناشتىنى ياخشى قىلىش
ئەتىگەندە بەدەننىڭ ئۇزۇقلۇق سۈمۈرۈش ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ئەگەر ئەتىگەنلىك ناشتىدا ئۇزۇقلۇق تەمىنلەش كەمچىل بولسا، ئادەمدە ئاسانلا ئۇزۇقلۇق تەڭپۇڭ بولماسلىق ئەھۋالى كىلىپ چىقىپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۇزۇقلۇق يىتىشمەلىك ئەھۋالى كىلىپ چىقىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك بەدەننىڭ ئىممونت كۈچى ۋە كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ.
ئەتىگەندە چوڭ تەرەت قىلىش
ئەتىگەندە چوڭ تەرەت قىلىش ئادىتىنى يىتىلدۈرگەندە، بەدەندىكى قالدۇق ماددىلار ۋە ئەخلەت زەھەرلىك ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىشكە بولىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئاشقازان ئۈچەينىڭ يۈكىنى يىنىكلىتىپ، ئىچكى ئاجرالما مۇھىتىنىڭ پاكىزە بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.
ياخشى كەيپىياتنى ساقلاش
ئۈمىدۋار كەلگەن روھى ھالەتمۇ ئادەمنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىشىگە پايدىلىق؛ ئەگەر بىز ئەينەك ئالدىدا كۆپرەك كۈلۈمسىرەپ بەرسەك، كەيپىياتنى ياخشىلاپ، سىرتقى مۇھتىنىڭ غىدىقلىشىغا قارشى تۇرۇش كۈچىمىزنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولىدۇ.