چەتئەللىك قىزنىڭ قوسىقىدىن 11جىڭلىق غەلىتە ئۆسمە چىقتى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5807:قېتىم كورۇلدى
    روسىيەلىك بىر قىزنىڭ قوسىقى ھامىلدار ئايالنىڭ قورسىقىغا ئوخشاش چوڭۇپ كەتكەن بولۇپ، يېقىندا ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ، ئاشقازىنىدىكى 11جىڭ ئېغىرلىقتىكى "غەلىتە مەخلۇق"نى ئېلىۋەتكەندىن كىيىن، ئاندىن جېنىنى ساقلاپ قالدى.
   ئەنگىلىيە "كۈندىلىك پوچتا گىزىتى"نىڭ 29-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ قىز بۇيىل 16ياشقا كىرگەن بولۇپ، سىبىريەدىكى تومسوك شەھىرىدىن، ئىسمىنى مەخپى تۇتۇشنى تەلەپ قىلغان؛ ئۇ ئاشقازان ئۈچەي يولى توسۇلۇپ قېلىشنىڭ قىينىشىغا ئۇچراپ، قوسىقى كۆپۈپ، ئالتە ئايلىق بولغان ھامىلدار ئايالغىلا ئوخشاپ قالغان.
    ئۆيىدىكىلەر قىزنى ئېلىپ تومسوك شەھىرى ئىكىنچى دوختۇخانىسىغا ئېلىپ بارغان؛ Xنۇرىدا تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ ئاشقازىنىنىڭ %80قىسمى نامەلۇم ماددىغا تولۇپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ماددا يەنە توختىماي "ئۆسۈپ يوغىناش" ھالىتىدە تۇرغان. مەسئۇل دوختۇر ئاندىرىي.كارۋايىف، قىزنى ئوپراتسىيە قىلىش تەكلىۋىنى بەرگەن ھەمدە ئۆزى شەخسەن باش بولۇپ ئوپراتسىيە قىلىپ، قىزنىڭ ئاشقازىنىدىن 11جىڭ ئېغىرلىقتىكى تۈكلۈك بىر "غەلىتە مەخلۇق"نى ئالغان؛ بۇ غەلىتە مەخلۇق، ئۇزۇنچاق ھەم قانۇنىيەتسىز شەكىلدە بولۇپ، قۇيرۇق قىسمى ئۈچەي يولىغا كىرىۋالغاچقا، ئۈستىگە قان يۇقۇپ قالغان. بۇ غەلىتە مەخلۇق ئەمىلىيەتتە چىگىلىشىۋالغان چاچ بولۇپ، ھەربىر تال چاچنىڭ ھەممىسى، بىمارنىڭ ئۆزىدىن كەلگەن.
    قىزنىڭ ئۆيىدىكىلەر بۇنى كۆرگەندىن كىيىن ئاندىن ئەھۋالنى چۈشەنگەندەك بولغان. ئەسلىدە بۇ قىز، "چاچ يىيىش خۇمارى" بار غەلىتە ئۇزۇقلىنىش كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، 6ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا ئۆزىنىڭ چېچىنى يۇلۇپ يەۋىلاتتىكەنتۇق؛ بۇنداق ئەھۋالنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا ھازىرغىچە ئون يىل بولغان. چۈنكى چاچ ئاشقازان كىسلاتاسى چاچنى ئىرىتەلمەيدىغان بولغاچقا، ھەزىم بولماي، ئاشقازاندا تۈكتىن ھاسىل بولغان بىر توپچىنى شەكىللەندۈرىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئۈچەي ياللۇغى، ئۈچەي تىتىلىش، بەدەن ئېغىرلىقى يىنىكلەپ كىتىش، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى، ۋە سوقۇر ئۈچەي قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ئاشقازان ۋە ئۈچەي يوللىرى پۈتۈنلەي تۇسۇلۇپ، ئاشقازان ياكى ئۈچەي تىشىلىپ كەتسىلا، ئادەمنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يىتىدۇ.
    مەسئۇل دوختۇرنىڭ دىيىشىچە، بۇ قىز، بۇ رايوندا 25يىلنىڭ مابەينىدە ئىككىنچى قېتىم كۆرۈلگەن "چاچ يىيىش خۇمارى" بار بىمار ئىكەن. قىزنىڭ ئوپراتسىيەدىن كىيىن ئەسلىگە كىلىشى ياخشى بولغان، ئەمما دوختۇرلار ئۇنىڭغا پىسخىكا جەھەتتىنمۇ داۋالاش ئېلىپ بارغاندا، ئاندىن چاچ يىيىش ئادىتىنى ئۈزۈل-كىسىل ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ دەپ قارىغان.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

ئوغۇل بالىلىق بولىمەن دەپ چىقارغان بۇ قالايمىقانچىلىقنى كۆرۈڭ

بىراق، بەزى كىشىلەر، ھەرقانچە قىلىپ باقسىمۇ، ئۈمىد قىلغىنىدەك ئوغۇل پەرزەنتلىك بولالمايدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك بەزىبىر قاملاشمىغان ئامال

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号