تاللا تاماق يىگەندە بۇ ئۈچ خىل يىمەكلىكنى كۆپ ئېلىۋالماڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5801:قېتىم كورۇلدى
   تۇرمۇش سەۋيىسىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، بىزنىڭ تاللاپ ئىستىمال قىلىشىمىزغا بولىدىغان تائام تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ كەتتى؛ بۇنداق ئەھۋالدا، نۇرغۇن كىشىلەردە نىمە يىيىشىنى بىلەلمەي قالىدىغان ئەھۋال كۆرىلىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك، تاللا تاماق(自助餐) بۇنداق ۋاقىتتىكى ئەڭ ياخشى تاللاشقا ئايلىنىپ قالىدۇ. چۈنكى، تاللا تاماق يىگەن ۋاقتىمىزدا، بىز ئۆزىمىزنىڭ يىگۈسى بار نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى خالاپ تاللاپ يىيەلەيمىز. بىراق، گەرچە تاللا تاماقتا نىمىنى يىگۈسى كەلسە شۇنى خالاپ ئېلىپ يىيشكە بولسىمۇ، ئەمما تۆۋەندىكى ئۈچ خىل يىمەكلىكنى كۆپ ئېلىۋىلىشقا بولمايدۇ.
     بىرىنچى خىلى، تاتلىق تۈرۈملەر. ھازىر، نۇرغۇنلىغان تاللا تاماقخانىلاردىكى كۆزگە ئىتتىك كۆرۈنىدىغان ئورۇنلاردا، نۇرغۇنلىغان نەپىس قىلىپ پىشۇرۇلغان تاتلىق تۈرۈملەرنى تىزىپ قويىدۇ. بۇ خىلدىكى تاتلىق تۈرۈملەرنىڭ سىرتقى ياسىلىشى ناھايىتى نەپىس ھەم چىرايلىق بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلار تەرپىدىن جەلپ قىلىنىپ، نەچچە تال ئارتۇق يىگۈسى كىلىدۇ. بىراق، بۇ خىل تاتلىق تۈرۈملەر قارىماققا چوڭ ئەمەستەك كۆرۈنگىنى بىلەن، قوساقتا بەك چوڭ بوشلۇق ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ خىل تاتلىق تۈرۈملەر ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا زور مىقداردىكى قايماق ۋە قەنت تۈرىدىكى خۇرۇچلارنى ئىشلىتىدىغان بولغاچقا، بۇ خىل تاتلىق تۈرۈملەر ساغلام بولمايلا قالماستىن، يەنە ئادەمنىڭ ئىشتىھانى تۇتىدۇ. شۇڭا، بۇ خىلدىكى تاتلىق تۈرۈملەرنى كۆپ يەۋىلىشقا بولمايدۇ.
    ئىككىنچى خىلى، مىۋە-چىۋىلەر. ھەرقانداق بىر تاللا تاماقخانىسىدا، ئاساسەن دىگۈدەك مىۋە-چىۋە تەمىنلەش ئورۇنلىرى بار بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئادەتلىنىش خارەكتىرلىك كۆپرەك يەپ قويىدۇ. مىۋە-چىۋىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش ئەلۋەتتە ياخشى، بىراق بۇنداق مىۋە-چىۋىگىلا قارىۋىلىش تازا ياخشى ئەمەس. بەزى كىشىلەر، مىۋە-چىۋىلەرنىڭ سىرتتىكى باھاسى ئەرزان ئەمەس، شۇڭا بۇ يەردە كۆپرە ئىستىمال قىلىۋالاي دەپ ئويلىشى مۇمكىن؛ يەنە بەزىلەر بولسا، مىۋە-چىۋىلەر تازىلىق ياكى باشقا جەھەتلەردە، تاللا تاماقخانىسىدىكى باشقا تائاملارغا قارىغاندا تېخىمۇ ساغلام دەپ ئويلىشى مۇمكىن. بىراق ئەمىلىيەتتە، تاللا تاماقخانىسىدىكى مىۋىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئالدىنئالا توغراپ قويۇلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ يىڭى مىۋە ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، مىۋە-چىۋىلەرنىڭ سۇ تەركىبى كۆپ بولغاچقا، كۆپ يەۋالغاندىن كىيىن، ۋاقتىنچە تويۇنۇش ھىس قىلىمىز، ئەمما ناھايىتى تىزلا قوسىقىمىز يەنە ئېچىپ كىتىدۇ. شۇڭلاشقا، تاللا تاماقخانىلارغا بارغاندا، مىۋە-چىۋىلەرنىمۇ كۆپ يەۋالماسلىق كىرەك.
    ئۈچىنچىسى بولسا، سۇغۇق ئىچىملىكلەردۇر. گەرچە نۇرغۇن كىشىلەر، تاللا تاماقخانىلاردا ئىچىملىكنى كۆپ ئىچىۋىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، ئەمما تاللا تاماقخانىدىكى تاماقلارنى كۆپىنچىسىنىڭ تەمى نىسبەتەن ئېغىر(تۇزلۇق ياكى ئاچچىق  ۋە ياكى مايلىق دىگەنلەرگە ئوخشاش) بولغاچقا، كىشىلەر يەنىلا ئۆزىنى تۇتالماي سۇغۇق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچىپ قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، تاللا تاماقخانىلارغا بارغاندا، ئېغىر تەملىك يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

تاللا تاماق يىگەندە بۇ ئۈچ خىل يىمەكلىكنى كۆپ ئېلىۋالماڭ

تاللا تاماق يىگەن ۋاقتىمىزدا، بىز ئۆزىمىزنىڭ يىگۈسى بار نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى خالاپ تاللاپ يىيەلەيمىز. بىراق، گەرچە تاللا تاماقتا نىمى

بۇ خىل ئسىتاكانلاردا سۇ ئىچسىڭىز زەھەر ئىچكەنگە باراۋەر

سۇ ئىچىش، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرسى بولۇپ، سۇ ئىچكەن ئىستاكان، ئىچكەن سۇنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر

مۇناپىق دادا قىزىنى ئاياغ ئاستى قىلىپ ھامىلدار قىلىپ قويدى

ئەنگىلىيە "قۇياش گىزىتى"نىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، ۋىيتناملىق بىر "مۇناپىق دادا"، ئايالى سۈت بېزى راكى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن، ئ

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

سېلىشتۇرمىسا كۆڭۈل ئاغرىمايدۇ

بىرەر مەسىلىنى ئەڭ ئوبرازلىق ھالدا تەسۋىرلەپ بىرىشتە، ئۇنى باشقا بىر نەرسە بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەسۋىرلەش، ئەڭ ئۈنۈملۈك بىر ئۇسۇلدۇر.

تۆت يۈز جىڭلىق يىگىت ئۇرۇقلىدى، ئەمما ئازراقمۇ خۇشال بولالمىدى

نۇرغۇن كىشىلەر سەمىرىپ كىتىشكە باشلىغان بولۇپ، كۆپ قىسىم كىشىلەر خىزمەت ۋاقتىدا ئورۇنداقتا ئولتۇرۇپ ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن، سېمىزلەرنىڭ س

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号