دۇنيادا غەلىتە ئىشلار كۆپ. يېقىندا، سەككىزىنچى نۆۋەتلىك دۇنيا بەرەڭگە قەلەمچىسى يىيىش مۇسابىقىسى، كانادانىڭ تورىنتو شەھرىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇسابىقىدە، تۈمەنلىگەن تورىنتو شەھىرى خەلقى، ھەقسىز تارقىتىلغان بەرەڭگە قەلەمچىسىگە ئىرىشەلەيدۇ. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە، 24ياشلىق كارمىن.كىنكوتى، 18جىڭ بەرەڭگە قەلەمچىسى يەپ چىمپىيونلۇققا ئىرىشكەن ھەمدە چىمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ ئىرىشكەن 50مىڭ ئامىرىكا دوللىرى(تەخمىنەن 260مىڭ خەلق پۇلىغا تەڭ) مۇكاپات پۇلىنى، مېيىپ بالىلارغا ياردەم قىلىدىغان ساخاۋەت ئورگىنىغا ئىئانە قىلغان.

مۇسابىقە قاتناشچىلىرى مۇسابىقە مەيدانىغا يېغىلىپ، ھەممىسى بۆرىلەرچە بەرەڭگە قەلەمچىسى يىيىشنى باشلىغان. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ چىمپىيونى كارمىن.كىنكوتى كانادانىڭ شەرقى ۋىنزى شەھىرىدىن، بۇ يىل 24ياش؛ بۇ ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىم بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىشى بولۇپ، ئالدىنقى نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئۇ 3000كانادا دوللىرى مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن. بۇ يىل ئۇ 20.25قاداق (تەخمىنەن 18جىڭ) بەرەڭگە قەلەمچىسى يەپ، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ چىمپىيونلىقىغا ئىرىشكەن. گەرچە ئىلگىرىكى 25.5قاداق بەرەڭگە يەپ بولغان دۇنيا رىكوتىغا سېلىشتۇرغان بەلگىلىك ئارىلىق بار بولسىمۇ، ئەمما ئۇ 20قاداقتىن ئارتۇق بەرەڭگە قەلەمچىسى يەپ بولۇپ، يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان.
ئىلگىرى رىكورت ياراتقان ماھىرنىڭ ئىسمى، جوي.چىسنۇت، بۇ يىلقى چىمپىيون كارمىن.كىنكوتى بولسا ھازىر دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ھەيران قالارلىقى شۇكى، بۇ يىللىق چىمپىيون كارمىن، بەدەن ئېغىرلىقى ئاران 130جىڭ كىلدىغان، نىسبەتەن ۋىجىك كەلگەن بىر يىگىت.
مۇسابىقە قاتناشچىلىرىنىڭ بەزىلىرى قارىماققا ناھايىتى "ئېغىر دەرىجىلىك" كۆرىنىدۇ، ئەمما ئۇلار ئاخىرى، يەنىلا ئاران 130جىڭ كىلىدىغان كارمىنغا يىڭىلىپ قالغان. كارمىننىڭ دىيىشىچە، ئۇنىڭ چىمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ چوڭ سىرى بولسا، كۆزىنى يۇمغىنىچە، ھېچنىمىن ئويلىماستىن توختىماي يىيىش ئىكەن.
كارمىننىڭ دىيىشىچە، ئۇ ئالدىنقى نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە، ئۇنچە كۆپ بەرەڭگە قەلەمچىسىنى يەپ بولغاندىن كىيىن، قوسىقى ئېتىلىپ كەتكىلىۋاتقاندەك ھىس قىلىپ، ھەتتا مىدىرلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىغان؛ ئەمما بۇ يىل، ئۇ يىتەرلىك تۈردە تەييارلىق قىلىپ كەلگەن بولغاچقا، مۇسابىقىدىن كىيىن ھەتتا ئورنىدىن تۇرۇپ ئەركىن ھەرىكەت قىلالىغان ھەم يول ماڭالىغان. تۆۋەندىكى سۈرەتتىكىسى، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ چىمپىيونى كارمىن.كىنكوتى.