بۇ كۆكتاتلارنى دائىم ئىستىمال قىلىسىڭىز قەۋزىيەتنى ياخشىلايدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 45206:قېتىم كورۇلدى
   ياز پەسلىنىڭ يېقىنلىشىشغا ئەگىشىپ ھاۋا ئىللىشقا باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما ھاۋانىڭ قۇرغاقلىشىپ كىتىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. بۇنداق قۇرغاق ھاۋا كىلىماتى ئاستىدا، ئەگەر يەنە يىمەك-ئىچمەك مۇۋاپىق بولماسلىقتەك ئەھۋال كۆرۈلسە، ئادەمدە ئاسانلا قەۋزىيەت كۆرىلىدۇ.
   يىڭى چىققان كۆكتاتلار بىزنىڭ ئۈچەي يوللىرىمىزنىڭ ئىقتىدارىنى تەڭشەشكە پايدىلىق بولۇپ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ شۇڭا ئەگەر قەۋزىيەت كۆرۈلۈپ قالسا، بىز يىمەكلىك جەھەتتىن ئامال ئىزدەپ، يىمەكلىك ئارقىلىق تەڭشەش ئېلىپ بارساق بولىدۇ.
كەرەپشە
   كەرەپشە تۇرمۇشىمىزدا بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ. كەرەپشىنىڭ تەركىبىدە، ۋىيتامىنلار، تالا ماددىلىرى، كالتسىي ۋە فوسفور قاتارلىق مىكرو ئىلمىنتلار نىسبەتەن مول بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن، بولۇپمۇ قەۋزىيەتنى ياخشىلاشقا نىسبەتەن پايدىلىق ئۈنۈم كۆرسىتىدۇ.
   كەرەپشە تەركىبىدىكى مو تالا ماددىلىرى، ئۈچەي يولىنىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ، بىزنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ۋاستىلىق ھالدا ئاشۇرغانغا بارەۋەر بولىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى سۇ تەركىبلىرىمۇ مول بولۇپ، ئۈچەي يولى قىمىرلىپ ھەزىم قىلىش جەريانىدا، ئۇ نۇرغۇنلىغان كىرەكسىز ماددىلارنى بىللە ئېلىپ چىقىپ كىتەلەيدۇ.
تەرخەمەك
   تەرخەمەكنى مەيلى خام پېتى ئىستىمال قىلايلى ياكى پىشۇرۇپ ئىستىمال قىلمايلى، ئوخشاشلا كۆپچىلىك ياقتۇرۇپ يەيدىغان بىر خىل كۆكتات ھىسابلىنىدۇ. بۇمۇ ئوخشاشلا، تەركىبىدە سۇ تەركىبى ۋە تالا ماددىسى ئىنتايىن مول بولغان بىر خىل كۆكتات بولۇپ، ئۆتەيدىغان رولى ئاساسى جەھەتتىن كەرەپشە بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. ئەگەر بەلگىلىك بىر مەزگىل، كۈندە تەرخەمەك ئىستىمال قىلىشنى داۋاملاشتۇرساق، ئۇنداقتا قەۋزىيەت ئالامەتلىرى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ياخشىلىنىشقا ئىرىشەلەيدۇ.
تاتلىق ياڭيۇ
   ئەمىلىيەتتە، تاتلىق ياڭيۇغا ئوخشاش يىرىك ئاشلىق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر، ھازىرقى زامان كىشىلىرىدىكى قەۋزىيەتنى ياخشىلاشتىكى ئەڭ ياخشى "دورا" ھىسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى يىرىك تالا ماددىلىرى، ئۈچەي يوللىرىنىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە تېخى ھەزىم قىلىش جەريانىدا كۆپ مىقداردىكى مىتابولىزىم كىرەكسىز ھاسىلاتلىرىنى بىللە ئېلىپ كىتىپ، چوڭ تەرەتنىڭ ھەجىمىنى ئاشۇرىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك قەۋزىيەتنى ياخشىلاش ئۈنۈمى كۆرسىتىدۇ.
   بىراق دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىش شۇكى، تاتلىق ياڭيۇ گەرچە ئىنىرگىيە تەركىبى تۆۋەن، بەدەنگە پايدىلىق بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇق تەركىبىنىڭ تۈرى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ. شۇڭا، ناگاندا بىر ئىستىمال قىلساق بولىدۇ، ئەمما بىردىنبىر ئاساسى تائام قىلىۋىلىشقا بولمايدۇ، بولۇپمۇ ئۇرۇقلاۋاتقان كىشىلەر تېخىمۇ ھەم شۇنداق. ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل تاتلىق ياڭيۇنى ئاساسى يىمەكلىك ئورنىغا ئالماشتۇرۋالساق، بەدەندە ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك كىلىپ چىقىدۇ.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

ئوغۇل بالىلىق بولىمەن دەپ چىقارغان بۇ قالايمىقانچىلىقنى كۆرۈڭ

بىراق، بەزى كىشىلەر، ھەرقانچە قىلىپ باقسىمۇ، ئۈمىد قىلغىنىدەك ئوغۇل پەرزەنتلىك بولالمايدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك بەزىبىر قاملاشمىغان ئامال

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号