ناشتىلىققا بۇ خىلدىكى يىمەكلىكلەرنى يىمەڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5755:ئادەم ئۆگەندى
    ناشتىلىق ياخشى بولسا، بەدەندىكى ئارتۇق گۆشلەر تەبىئىلا ئازىيىدۇ؛ بەدەننىڭ ساغلاملىقى، سېمىز ۋە ئۇرۇقلۇقى، ھەممىسى ئەتىگەنلىك ناشتا بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇندىن كىيىن ئەتىگەنلىك ناشتىدا، تۆۋەندىكىدەك تۆت تۈرلۈك يىمەكلىكلەرنى يىمەڭ؛ بولمىسا، سەمىرىپ كىتىسىز ھەم تىز قېرىپ كىتىسىز.
مايلىق يىمەكلىكەر
    مايلىق يىمەكلىكلەر، ئادەتتە بىز كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان پىلتە قۇيماق، غولپىياز قاتلىمىسى قاتارلىق، ماينى كۆپ ئىشلىتىدىغان يىمەكلىكلەرنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ خىلدىكى يىمەكلىكلەرنىڭ ماي تەركىبى نىسبەتەن يۇقىرى؛ بۇ خىل يىمەكلىكلەرنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلغاندا، ئادەمنى سېمىرتىپلا قالماي، يەنە تېخى قاننىڭ ماي تەركىبى يۇقىرى بولۇش، تاجىسىمان يۈرەك كىسەللىكى قاتارلىق كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    يىمەكلىكلەرنى مايدا داغلاش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى بۇزۇلۇپ كىتىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن ئائىلىلەردە، يىمەكلىك داغلاشقا ئىشلەتكەن ماينى ئېلىپ قويۇپ، قايتا قايتا ئىشلىتىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ساغلام ئەمەس. ماينى قايتا-قايتا قىزىتىپ ئىشلەتسەك، ماي تەركىبىدە راك كىسەللىكى پەيدا قىلغۇچى ماددىلار پەيدا بولۇپ، ئادەمنىڭ ساغلاملىقىغا زور تەھدىت ئېلىپ كىلىدۇ.
ئۇزۇقلۇق تەركىبى بىر خىل بولغان يىمەكلىكلەر
    بىز ئادەتتە كۆپ ئۇچرىتىدىغان قۇرۇق شىفەن بىلەن تۇزلانغان كۆكتات، دەل مۇشۇنداق ئۇزۇقلۇق تەركىبى يەككە بىر خىللا بولغان يىمەكلىكلەر قاتارىغا كىرىدۇ. شىفەننىڭ تەركىبى ئاساسلىقى كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، باشقا ئۇزۇقلۇق ماددا يوق؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئادەم بەدىنىگە ھەركۈنى ئىھتىياجلىق بولغان ئۇزۇقلۇقلارنى قامدىيالمايدۇ.
    تۇزلانغان ياكى چىلىغان كۆكتات بولسا، كۆپىنچە تۇز تەركىبى يۇقىرى كىلىدۇ؛ يەنە بەزى ئورالمىلىق چىلىغان كۆكتاتلارغا بولسا، ساقلاش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىسى قوشىلىدۇ. بۇ خىلدىكى يىمەكلىكنى ئۇزۇن مەزگىل ئىستىمال قىلغاندا، ئادەنىڭ بۆرەك ۋە جىگەر ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەمدە بەلگىلىك دەرىجىدە راك كىسەللىكى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋىپى بولىدۇ.
    ئەتىگەندە بىرەر تال تۇخۇم ياكى بىرەر مانتىلا يەپلا ناشتا قىلىشمۇ، ئۇزۇقلۇق تەركىبى يەككە تۈردە بولغان يىمەكلىك ئىستىمال قىلغانلىق بولىدۇ. تۇخۇم پەقەت ئاقسىللا تۇلۇقلىيالايدۇ؛ بولاق مانتىمۇ پەقەت كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ۋە بىر قىسىم ۋىيتامىنلارنىلا تۇلۇقلىيالايدۇ. شۇڭلاشقا، ئەتىگەنلىك ناشتىدا يىمەكلىكلەرنىڭ تۈرىنى كۆپرەك قىلىش، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، مىۋە-كۆكتات، ئاقسىل ۋە قاتتىق پوستلۇق مىۋە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدىن ئازراقتىن ئىستىمال قىلىش كىرەك.
قەنت مىقدارى يۇقىرى يىمەكلىكلەر
    نۇرغۇن كىشىلەر قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، ئەتىگەنلىكى بىرەر ئىستاكان مىۋە شەربىتى سىقىپ ئىچىپلا بولدى قىلىدۇ. بىراق، يىڭى سىقىلغان مىۋە شەربىتى تەركىبىدىكى قەنت مىقدارى، مىۋىسىگە قارىغاندا كۆپ يۇقىرى بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، مىۋە شەربىتى مىۋىگە ئوخشاش تۇيۇنۇش تۇيغۇسى ئېلىپ كىلەلمىگەچكە، ئادەم ئاسانلا كۆپ ئىچىپ قويىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئەگەر بەك كۆپ مىۋە شەربىتى ئىچىۋەتسەك، بەدەنگە قوبۇل قىلىنىدىغان قەنت مىقدارى چەكتىن ئېشىپ كىتىپ، چۈشلۈك تاماق ۋە كەچلىك تاماقنىڭ مىقدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
    قەنت تەركىبى بار دانلىق زىرائەتلەر، قايماقلىق تورت قاتارلىقلارنىڭمۇ قەنت تەركىبى يۇقىرى بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىل بۇ خىل يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلغاندا، قوبۇل قىلغان قەنت مىقدارى ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە قوبۇل قىلىنغان ئۇزۇنلۇق تەركىبلىرى تەڭپۇڭ بولالماي، ئاسانلا دىئابىتى كىسىلى، يۈرەك قان تومۇر كىسەللىكى قاتارلىق كىسەللىكلەر كىلىپ چىقىدۇ.
كۆپ قېتىم پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يىمەكلىكلەر
    ھامبۇرگ بولكىسى، ئارىسىغا گۆش قىستۇرۇلغان بولكا ۋە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۆش تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنىڭ تەمى گەرچە ياخشى بولسىمۇ، ئەمما ماي تەركىبى يۇقىرى، تۇز تەركىبىمۇ ئادەتتىكى گۆش تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ؛ بۇ خىل يىمەكلىكلەرنى ئۇزۇن مەزگىل ئسىتىمال قىلغاندا، راك كىسەللىكى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەتىرى بار بولىدۇ. شۇڭا ئەتىگەنلىكى ئەڭ ياخشىسى، پىششىپقلاپ ئىشلەنمىگەن گۆش تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى ۋە توخۇ گۆشى، بېلىق گۆشى قاتارلىق ئاق رەڭلىك گۆشلەرنى ئىستىمال قىلىشقا ئادەتلىنىش كىرەك.

لى جىياچىڭنىڭ سودا ساھەسىدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش سىرى

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خاتىرسىدە، 70يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان لى جىياچىڭ ئەزەلدىن ئۇتتۇرۇپ باقمىغان، زىيان تارتىپ

ئاشقازان ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ناچار ئادەتلەر

ئەگەر ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە ئاشقازان ئاقسىل ئىنزىمى ئاجرىتىپ چىقارغان ۋاقىتتا، ئاشقازاندا بۇلارنى نىتراللاشتۇرىدى

26جىڭ ئالتۇن ئېسىپ يۈرىدىغان باينىڭ ساختىلىقى ئاشكارىلىنىپ قالدى

بىراق، بۇ يىل 36ياشقا كىرگەن ۋىيتناملىق ئەر چىن ۋىنفۇ، ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنى "جىڭ" بويىچە ھىسابلايدىغان بولۇپ، ئۇ ھەركۈنى كوچىغا چىق

ئادەم ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا نەچچە كۈن ئۇخلىماي بەرداشلىق بىرەلەيدۇ

ئادەم نىمە ئۈچۈن ئۇخلايدۇ مەسىلىسىگە كەلسەك، ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، بۇ خۇددى باتارىيەگە توك قاچىلىغانغا ئوخشاش بولۇپ، بۇنىڭدا بىزن

ئاچ قوساققا يىيىشكە بولمايدىغان تۆت خىل يىمەكلىك

نۇرغۇنلىغان ياشلارنىڭ يىمەك-ئىچمەك ئادىتى تەرتىپسىز بولۇپ، ئۇششاق يىمەكلىكلەرنى كۆپ يەۋىلىپ تاماق يىگۈسى كەلمەيدىغان، ياكى قورسىقى ئا

ئىرىڭىز بۇ ئۈچ ئىشنى سۈرۈشتە قىلمىسا ئەھۋال چاتاق

كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېن

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号