رىئاللىقنىڭ رەھىمسىزلىكى | يۈرەكنى ئىزىدىغان ئەڭ ئازاپلىق تاللاش
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5901:قېتىم كورۇلدى
    بىر ئاينىڭ ئالدىدا، چىن لىيوۋنىڭ ئوغلى بىلەن كىلىنى ھەر ئىككىسى كاربون (II) ئوكسىدتىن زەھەرلىنىپ، ھاياتى ئېغىر خەۋپكە ئۇچرىغان بولۇپ، بىر ئوغۇل بىر قىز ئىككى پەرزەنتى يىتىم بولۇش گىردابىغا يىتىپ قالغان. ئىنتايىن قىممەت بولغان داۋالاش ھەققىنى تۆلىيەلمىگەنلىك سەۋەبىدىن، چىن لىيۇۋ ئامالسىز ئوغلىدىن ۋاز كىچىپ، كىلىنىنى قۇتقۇزۇشنى تاللىغان.
    بۇ ۋەقە، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ يەنئەن شەھرىدە يۈز بەرگەن. ئەينى ۋاقىتتا، چېن لىيوۋنىڭ ئوغلى چىن گاڭ ۋە كىلىنى ياڭ خۇڭيەن، مەشكە ئوت قالاپ ئۆيىنى ئىسسىتىش جەريانىدا، بەخىتكە قارشى ھەر ئىككىسى كاربون (II) ئوكسىدتىن زەھەرلىنىپ يېقىلغان؛ ئارىدىن بىر كۈن ئۆتكەندىن كىيىن، ئۇلار ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرغان ئۆينىڭ ئىگىسى ئۇلارنى بايقاپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان. دوختۇرخانىغا كىرگەن 50 كۈندىن بىرى، دوختۇرلار ئوغلى چىن گاڭغا، مىڭىسىنىڭ %50دىن ئارتۇق قىسمى ئۆلگەن دەپ دىئاگونوز قويغان ھەمدە قان يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن، پۇتىنى كىسىۋىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
    كىلىنى ياڭ خۇڭيەننىڭ ئەھۋالى نىسبەتەن ياخشىراق بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا كىسەل كارۋىتىدا يېتىپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالمايتتى.
   ئوغلى بىلەن كىلىنى زەھەرلىنىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندىن بىرى، چىن لىيوۇ توردا ئىئانە يېغىش ۋە ئۇرۇغ-تۇققانلىرىدىن قەرز ئېلىش ئارقىلىق پۇل توپلاپ، دوختۇرخانىغا ئىككى يۈزمىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلىگەن؛ بۇ ۋاقىتتا، ئىقتىسادى جەھەتتىن تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىپ ئامالسىز قالغان چىن لىيوۋ ھەيران قالارلىق بىر قارارنى چىقارغان: ئۆز ئوغلىنى داۋالىتىشتىن ۋاز كىچىپ، كىلىنىنى قۇتقۇزۇشنى قارار قىلغان.
    چىن گاڭنىڭ ئىنىسىنىڭ دىيىشىچە، ئاكسىنىڭ تېخى قورامىغا يەتمىگەن ئىككى بالىسى بار بولۇپ، دادىسى ئىككى نەۋرىسىنى ۋە ئائىلسىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىنى ھەمدە ئوغلى چىن گاڭنىڭ داۋالاپ ساقايتىش ئاساسەن مۇمكىن بولماسلىقتەك ئەمىلى ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاخىرىدا بۇ قارارنى چىقارغان ئىكەن.
    چىن گاڭنىڭ ئىككى بالىسىنىڭ چوڭى 13ياش، كىچىكى 7ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئىككى نەۋرىسىنىڭ ئۈزۈل-كىسىل يىتىل بالىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، چىن گاڭنىڭ ئاتا-ئانىسى قايتا-قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق، كىسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولغان ئوغلىنى داۋالىتىشتىن ۋاز كىچىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن كىسەللىك ئەھۋالى نىسبەتەن يىنىك بولغان كىلىنىنى قۇتقۇزۇشنى قارار قىلغان.
    ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدا، چىن گاڭ ئاتا-ئانىسى تەرپىدىن ئۆيگە قايتۇرۇپ ئېلىپ كىتىلگەن؛ ھازىر چىن گاڭ مىدىرلىيالمايدىغان بولغاچقا، ئاتا-ئانىسى ھەر قتىم ئىنچىكە شىلەنكە ئارقىلىق ئۇزۇقلۇق سۇيۇقلۇقىنى ئوغلىنىڭ ئېغىزىغا تىمىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئوغلىنىڭ ھاياتىنى ئاران دىگۈدەك ساقلاپ كىلىۋاتىدۇ. بۇ ئىككى ئاي جەريانىدا، چىن گاڭنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆزلىرىدىن ياش قۇرۇماي، قاتتىق ئازاپلانغان؛ چۈنكى، چىن گاڭ ئۇلارنىڭ ئۆز ئوغلى، ئەگەر رىئاللىققا بويسۇنماسلىققا ئامالى يوق بولۇپ قالمىغان بولسا، كىمنىڭمۇ بۇنداق قارار چىقارغۇسى بار دەيسىز.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

ئوغۇل بالىلىق بولىمەن دەپ چىقارغان بۇ قالايمىقانچىلىقنى كۆرۈڭ

بىراق، بەزى كىشىلەر، ھەرقانچە قىلىپ باقسىمۇ، ئۈمىد قىلغىنىدەك ئوغۇل پەرزەنتلىك بولالمايدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك بەزىبىر قاملاشمىغان ئامال

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号