سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئەركىشىنىڭ بۇ ئۈچ خىل ئىپادىسى بار
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5715:ئادەم ئۆگەندى
    ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئەر تەرەپنىڭ كۆڭلىدە ياخشى كۆرگەن ئايال كىشىسى، چوقۇم ئاسماندىكى چولپانغا ئوخشاش مۇقەددەس كىلىدىغان بولۇپ، ئەر كىشى ئۇنىڭ يېنىدا خۇددى ساپال قونچاققا قاراپ تۇرغانغا ئوخشاش، ئۇنى چېقىۋىتىپ سېلىشتىن ئەنسىرەپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەرلەرنىڭ مۇھەببىتى ھەمىشە بەزىبىر كىچىك نوقتىلاردا ئىپادىلىنىپ چىقىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەربىر ئېغىز سۆزلىرىگە، چىرايىغا، قەلبىگە يۇشۇرنغان بولىدۇ. شۇڭا سىز ئازراق كۆڭۈل قويۇپ كۆزەتسىڭىزلا، بۇ ئەركىشىنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ياكى كۆرمەيدىغانلىقىنى ئاسانلا بىلىۋالالايسىز.
سىزگە ئاستا-ئاستا يېقىنلىشىپ، سىزنىڭ چىرايىڭىزغا بېقىپ ئىش كۆرىدۇ
   بىر ئەركىشى ھەر ۋاقىت ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ، سىزنىڭ ئاچچىقىڭىزنى كەلتۈرۈپ قويۇشتىن ئەنسىرسە، بۇ ئۇنىڭ سىزنى ناھايىتى بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. ئادەتتە، ئەرلەرنىڭ ھەممىسى بىپەرۋا كىلىدۇ؛ بىراق، ئۇ ئىنچىكىلىكنى ۋە باشقىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا باشلىغاندا، ئەمىلىيەتتە ئۇ سىزگە ئاللىبۇرۇن ئاشىق بىقارار بولغان بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئەركىشى خۇددى ئەخمەق ئادەملەرگە ئوىشاش قالىدۇ، ئەمما مۇلايىملىشىپ كىتىدۇ؛ ئۇلار ئوغۇرلۇقچە سىزنى ياخشى كۆرىدۇ، ئىپادىلەپ چىقىرىشقا پېتىنالمايدۇ، پەقەت ئىھتىياتچانلىق بىلەن سىزنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالىدۇ، سىز ئۈچۈن ئەندىشە قىلىدۇ.
سىزگە ئىتىبار بىلەن قارايدۇ، سىزگە ياردىمى تىگىپ قالسا خۇشال بولۇپ كىتىدۇ
    بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىپادىسى بولسا، ئىتىبار بىلەن قاراش ۋە كۆڭۈل بۆلۈش بولۇپ، ئۇنىڭ قەلبىدە سىز بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن، سىزگە مۇشۇنداق ئىتىبار بىلەن قارايدۇ، سىزنىڭ ھەر بىر ئىش-ھەرىكىتىڭىزگە، قىلغان ھەربىر ئىشىڭىزغا كۆڭۈل بۆلىدۇ؛ چۈنكى، ئۇ سىزنىڭ ئۇۋالچىلىق تارتىپ قېلىشىڭىزدىن، تۇرمۇشتا خاپىچىلىققا ئۇچراپ قېلىشىڭىزدىن ئەنسىرەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ سىزنىڭ يېنىڭىزدا سۈكۈت ئىچىدىكى بىر كىچىك قۇياشقا ئايلىنىپ، سىزنى يۇرىتىشنى، سىزگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈشنى خالايدۇ. شۇڭا، ئەگەر بۇنداق ئەركىشىگە يولۇقۇپ قالىسڭىز، ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىشىپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ؛ چۈنكى، بۇنداق ئەرلەرنىڭ مۇھەببىتى ساپ ھەم سەمىمى كىلىدىغان بولۇپ، پۈتكۈل ئۆمرىڭىزنى تاپشۇرۇشىڭىزغا ئەرزىيدۇ.
سىزنى ئۆزىنىڭ ئالاقە چەمبىرىكىدىكى كىشىلەرگە تۇنۇشتۇرىدۇ
    سىزنى دوستلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ تۇنۇشتۇرسا، سىزنى ئاتا-ئانىسى ۋە ئۆيىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ تۇنۇشتۇرسا، بۇ سىزنىڭ ئۇنىڭ قەلبىدە ئىنتايىن يۇقىرى ئورنىڭىز بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ شۆھرەتپەرەسلىكى بار، خۇددى ھەربىر ئادەم مۇكەممەللىككە ۋە قەدىرلىك بۇيۇمغا ئىنتىلگەنگە ئوخشاش، بۇ ۋاقىتتا سىز ئۇنىڭ ئەڭ قەدىرلىك ئادىمىگە ئايلىنىسىز، ئۇ دەل سىزنى يېنىدا ئېلىپ، ھەرجايلاردا كۆز-كۆز قىلىشنى ئويلاشقان بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتىكى سىز، ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ مۇكەممەل بىر يەككە تەن ھىسابلىنىسىز. شۇڭا، ئۇ بۇنداق ئويغا كەلگەن ۋاقىتتا، ئۇ ئەمىلىيەتتە سىز بىلەن بىر ئۆمۈر بىرگە ئۆتۈشنى ئويلاشقان بولىدۇ.
    سىزنى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قويۇشنى ئويلاشقان ئەركىشىگە نىسبەتەن، ئارىلىق ھەرقانچە يېراق بولسىمۇ ئوڭ كىلىدۇ؛ سىزگە سوۋغات بەرگۈسى بار ئادەم، ھەرگىز سىزدىن لازىممۇ ئەمەس دەپ سوراپ ئولتۇرمايدۇ. قارشى تەرەپ سىزنى ياخشى كۆرسە، سىز ئوخشاشلا بۇنى ھىس قىلىپ يىتەلەيسىز. شۇڭا ئۇنىڭ چىن مۇھەببىتىنى يەردە قويماڭ، ئەگەر سىزمۇ ئۇنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۇنىڭغا كۆڭلىڭىزنى بىلدۈرۈڭ.

لى جىياچىڭنىڭ سودا ساھەسىدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش سىرى

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خاتىرسىدە، 70يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان لى جىياچىڭ ئەزەلدىن ئۇتتۇرۇپ باقمىغان، زىيان تارتىپ

ئاشقازان ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ناچار ئادەتلەر

ئەگەر ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە ئاشقازان ئاقسىل ئىنزىمى ئاجرىتىپ چىقارغان ۋاقىتتا، ئاشقازاندا بۇلارنى نىتراللاشتۇرىدى

26جىڭ ئالتۇن ئېسىپ يۈرىدىغان باينىڭ ساختىلىقى ئاشكارىلىنىپ قالدى

بىراق، بۇ يىل 36ياشقا كىرگەن ۋىيتناملىق ئەر چىن ۋىنفۇ، ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنى "جىڭ" بويىچە ھىسابلايدىغان بولۇپ، ئۇ ھەركۈنى كوچىغا چىق

ئىرىڭىز بۇ ئۈچ ئىشنى سۈرۈشتە قىلمىسا ئەھۋال چاتاق

كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېن

بۇ كالپۇكلارنى كۆرسە ئادەمنىڭ سۆيگۈسى كىلەرمۇ ياكى يىگۈسىمۇ

سەنئەتنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، سەنئەتكارلارنىڭ ئىدىيىسىمۇ بارغانسىرى ئېچىلىپ كەتتى، كىشىلەرنىڭ زوقلىنىش ئۆلچىمىمۇ بۇ

ئاتمىش كىلوگىرام كىلىدىغان بۇ قىز سىز ئويلىغاندەك كۈرۈمسىز ئەمەس

بىراق، دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر ئىشنى مۇتلەقلەشتۈرۋەتكىلى بولمايدۇ؛ بوي ئېگىزلىكى 155سانتىمىتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 120جىڭ كىلىدىغان گىرمان

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号