كۈنجۈت قىيامىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5815:قېتىم كورۇلدى
    كۈنجۈت قىيامى پۇرىقى يېقىشلىق ھەم تەملىك بولۇپ، مەيلى خوگو يىگەندە بولسۇن ياكى لەڭمەن(凉面) يىگەندە بولسۇن، كەم قالمايدىغان بىر خىل تەم تەڭشەش يىمەكلىكىدۇر. بىراق، تەملىك بولۇشتىن باشقا، ئۇنىڭ يەنە قانداق ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرى بار؟
كالتسىي تۇلۇقلاش
   كۈنجۈت قىيامى تەكىبىدىكى كالتسىي مىقدارى، پۇرچاق تۈرى ۋە كۆكتاتلارنىڭكىدىنمۇ يۇقىرى. 10گىرام كۈنجۈت قىيامى تەركىبىدىكى كالتسىي مىقدارى، 30گىرام پۇرچاق ئۇيۇتمىسى تەركىبىدىكى كالتسىي مىقدارىغا تەڭ بولۇپ، ئاقسىل مىقدارىمۇ گۆش تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرغا قارىغاندا يۇقىرى.
   كالتسىي ۋە ئاقسىل تەركىبى يۇقىرى بولغان يىمەكلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۈنجۈت قىيامى ئىنىرگىيە تۇلۇقلاشتىكى يامان ئەمەس بىر خىل تاللاش بولۇپ، مۇۋاپىق تۈردە ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، سۆڭەك ۋە چىشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە سۆڭەك شالاڭشىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
قاننىڭ ماي تەركىبىنى تۆۋەنلىتىدۇ
    كۈنجۈت قىيامى تەركىبىدە لىنولېئىك كىسلاتا نىسبەتەن مول بولۇپ، لىنولېئىك كىسلاتا بولسا قاندىكى خولستىرىن مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار بولغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ھەمدە "قان تۇمۇرلارنى تازىلىغۇچى" دەپ تەرىپلەنگەن.
ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش
   كۈنجۈت تەركىبىدىكى ۋىيتامىن E، ئوكسىدلانغان ياغ تەركىبلىرىنىڭ تىرىگە زىيان يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بولۇپ، ھۈجەيرە ئىچىدىكى زىيانلىق ئەركىن رادىكاللارنىڭ يېغىلىشنى توسىدۇ ياكى نىتراللاشتۇرىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق ھەرخىل تىرە ياللۇغلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
تىرىنى قۇۋۋەتلەش
   كۈنجۈت قىيامى تەركىبىدىكى لىنولېئىك كىسلاتاسى، قاننىڭ ماي تەركىبىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي، ئۇنىڭ يەنە "تىرە گۈزەل لەشتۈرۈش كىسلاتاسى" دىگەن نامىمۇ بار. ئادەم بەدىنىدە لىنولېئىك كىسلاتا كەمچىل بولغاندا، ئاسانلا تىرىنىڭ قۇرغاقلىشىشى ۋە ئۆسۈشىنىڭ ئاستىلاپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇۋاپىق تۈردە كۈنجۈت قىيامى ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، تىرىنى قۇۋۋەتلەپ ياخشىلاشقا بولىدۇ.
چاچنى ئاسراش
   كۈنجۈت قىيامى تەركىبىدە يەنە بىر قەدەر مول بولغان لېتسىتىنمۇ بار بولۇپ، لېتسىتىن بولسا مىڭە نىرۋا پائالىيىتىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولغان ماددىدۇر. بۇ سەۋەپلىك، ھەمىشە كۈنجۈت قىيامى يەپ بەرگەندە، چاچ تۈك خالتىلىرىنى قۇۋۋەتلەپ، چاچنىڭ بالدۇرلا ئاقىرىپ كىتىشى ۋە چاچ چۈشۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号