زەھەرلىك ماددىلارنى ھەيدەپ داغ يوقىتىدىغان ئىسىل يىمەكلىك
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 45427:قېتىم كورۇلدى
   بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، مىۋە دۇنياسىدىكى بىر خىل "قارا مەرۋايىت"نى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. ئۇ ئۈزۈم ئەمەس، بەلكى قارا پەمىدۇردۇر. قارا پەمىدۇرنى مىۋە ئورنىدا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ، يەنە ئىسىل تەملىك كۆكتات ئورنىدىمۇ ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ. قارا پەمىدۇرنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، ھۆسىن گۈزەل لەشتۈرۈش ۋە قېرىپ كىتىشكە قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىدىن باشقا، يەنە بۆرەككىمۇ كۆپ پايدىسى بار.
قارا پەمىدۇرنىڭ قىممىتى
   بىرىنچىدىن، قارا پەمىدۇر بولسا، پەمىدۇرنىڭ بىر خىل يىڭى سورتى بولۇپ، چوڭ-كىچىكلىكى ئادەتتىكى پەمىدۇردىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ؛ تەمى چۈچۈمەل، تەركىبىدە كۆپ مىقداردىكى مىنرالنى ماددىلار ۋە ئامىنو كىسلاتالىرى قاتارلىق ماددىلار مول بولۇپ، ئۇزۇقلۇقنىڭ ھەزىم بولۇشىغا پايدىلىق بولىدۇ. تەركىبىدىكى ۋىيتامىنلىق ماددىلارنىڭ مىقدارى، ئادەتتىكى پەمىدۇرغا قارىغاندا 10ھەسسە يۇقىرى بولۇپ، بۇ ئۇزۇقلۇقلار پەمىدۇرنىڭكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان سۈمۈرلىدىغان بولغاچقا، تەن ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
   ئىككىنچىدىن، قارا پەمىدۇر بىر خىل ھۆسىن گۈزەل لەشتۈرۈش مىۋىسى بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى، قارا پەمىدۇرنىڭ تەركىبىدىكى ۋىيتامىن C بىلەن ۋىيتامىن A، تەبىئى بولغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش تەركىبلىرى بولغانلىقىدىن بولىدۇ. شۇڭلاشقا، قارا پەمىدۇرنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، تىرىدىكى قارا رەڭ ماددىلىرىنى ئۈنۈملۈك تازىلاپ، زەھەرلىك ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرۋەتكىلى ھەمدە داغلارنى يوقىتىپ ھۆسىن گۈزەل لەشتۈرۈش ئۈنىمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.
   ئۈچىنچىدىن، قارا پەمىدۇرنىڭ ئىسسىق يەلنى ھەيدەپ ئېغىز قۇرۇشنى ياخشىلاش رولى بار؛ بۇندىن باشقا يەنە، قان تۇمۇرلىرىدىكى زەھەرلىك ماددىلارنى تازىلاپ، خولىستىرىن مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئارتىرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قان بېسىم ۋە قاندىكى ماي تەركىبىنى تۆۋەنلىتىش ۋە بۆرەك كىسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

ئوغۇل بالىلىق بولىمەن دەپ چىقارغان بۇ قالايمىقانچىلىقنى كۆرۈڭ

بىراق، بەزى كىشىلەر، ھەرقانچە قىلىپ باقسىمۇ، ئۈمىد قىلغىنىدەك ئوغۇل پەرزەنتلىك بولالمايدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك بەزىبىر قاملاشمىغان ئامال

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号