ھۆتەلنى توختىتاي دىسىڭىز، ئاق تۇرۇپ سۈيى ئىچىڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5808:قېتىم كورۇلدى
    ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر ئېغىر تەملىك يىمەكلىكلەرنى يىيىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، بەزىدە ئەتىگەندە ناشتا قىلمايدىغان، كەچتە بولسا چوڭ يەپ چوڭ ئىچىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ؛ يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بولسا ئاچچىق تەم يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىراق، ھەمىشە بۇ خىل يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىۋەرسەك، ئادەم ئاسانلا قوقاقلاپ قالىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا ھازىرقى كىلىماتنىڭ تۇراقسىزلىقى قوشۇلسا، ئاسانلا زۇكامداپ ھۆتىلىپ قالىدىغان ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر سىزدىمۇ يۇقارقىدەك قوقاقلاپ ھۆتىلىپ قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەن بولسا، ئەنسىرمىسڭىزمۇ بولىدۇ، تۆۋەندە تۇنۇشتۇرماقچى بولغان ئاق تۇرۇپ سۈيىنى كۆپرەك ئىچىپ بەرسىڭىز، ئىسسىق يەل ۋە قوقاقنى ھەيدەپ، ھۆتەلنى توختىتىپ بەلغەمنى بوشىتىدۇ.
    ئاق تۇرۇپ، تۇرمۇشىمىزدىكى ئەڭ ئادەتتىكى بولغان يىمەكلىك ماتىريالى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاق تۇرۇپنىڭ باھاسىمۇ ئىنتايىن ئەرزان. بىراق، سىز بۇ سەۋەپلىك ئاق تۇرۇپنىڭ رولى ۋە ئۈنۈمىنى بوش چاغلاپ قالماڭ؛ ئۇنىڭ كۆرسىتىدىغان ئۈنۈملىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئاق تۇرۇپنى قايناتقان سۇنى دائىم ئىچىپ بەرسىڭىز، زۇكامداپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، يەنە تېخى ئىسسىق يەل ۋە قوقاقنى ھەيدەيدۇ.
    يۇقارقىلاردىن باشقا، ئادەتتە ئاق تۇرۇپ قايناتقان سۇنى كۆپرەك ئىچىپ بەرسەك، مىكرۇپ ئۆلتۈرۈپ كىسەللىككە قارشى تۇرۇپلا قالماي، يەنە زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، قاينىتىپ پىشىرۇلغان غولپىيازنىڭ بۇرنىدىن سۇ ئېقىپ قېلىشنى ياخشىلاش رولى بار بولۇپ، تۆۋەندە كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئاق تۇرۇپ ۋە غولپىيازنى قاينىتىپ "كۆكتات شورپىسى" تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
    ئالدى بىلەن ئاق تۇرۇپنى ئاقلاپ يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن، كىچىك پارچە ھالىتىدە توغرايمىز؛ غولپىيازنىمۇ ئاقلاپ بۆلەك ھالىتىدە توغرايمىز. قازانغا تۇرۇپ بىلەن غولپىياز پۈتۈنلەي چۆكۈشكىچىلىك سۇ قۇيىمىز.
   چوڭ ئوت ئېچىپ قازاننى قايناتقاندىن كىيىن، كىچىك ئوتقا ئالماشتۇرۇپ، 10مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىمىز؛ بۇ ۋاقىتتا قازاندىكى سۇنىڭ رەڭگى ئۆزگەرگەندە ئوتنى ئۆچۈرسەك بولىدۇ.
   بۇ خىل "كۆكتات شورپىسى"نىڭ تەمى ياخشى بولۇپلا قالماي، ئۇزۇقلۇق قىممىتىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ھۆتەلنى توختىتىش ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى. ئاق تۇرۇپنىڭ ئەسىلىدىنلا ھۆتەلنى توختىتىپ ياللۇغ ياندۇرۇش رولى بار، بۇنىڭغا يەنە غولىپىياز قوشۇلسا، ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان مىكروپ ۋە باكتىرىيە يوقىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە بولىدۇ.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

ئوغۇل بالىلىق بولىمەن دەپ چىقارغان بۇ قالايمىقانچىلىقنى كۆرۈڭ

بىراق، بەزى كىشىلەر، ھەرقانچە قىلىپ باقسىمۇ، ئۈمىد قىلغىنىدەك ئوغۇل پەرزەنتلىك بولالمايدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك بەزىبىر قاملاشمىغان ئامال

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号