دائىم چارخەمەك ئىستىمال قىلغاننىڭ پايدىسى كۆپ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 45141:قېتىم كورۇلدى
   چارخەمەك(苦瓜)، ياز پەسلىدە ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىشلىتىلىدىغان يىمەكلىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئاچچىق تەمى قانچە كۈچلۈك بولسا، ئىسسىق ئۆتۈپ كىتىشتىن ساقلاش ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدىكەن. نۇرغۇن كىشىلەر چارخەمەكنىڭ ئاچچىق تەمىگە چىدىيالمىغانلىقتىن، ئۇنى تۇخۇم بىلەن بىللە قورۇپ يىيىشنى تاللايدۇ. بىراق ئەمىلىيەتتە، قورۇغان چارخەمەكنىڭ ئىسسىق ئۆتۈپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ.چۈنكى، چارخەمەكنى قورۇش جەريانىدا، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ۋىيتامىنلار ئېقىپ كىتىدۇ، ھەمدە قورۇش جەريانىدا ئۆزىگە كۆپ مىقداردا ماي تەركىبى يۇقتۇرۋالىدۇ.
    چارخەمەكنىڭ ئىسسىقنى ھەيدەپ، ئىسسىق ئۆتۈپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى كۆرسىتىشى، پۈتۈنلەي ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇق ماددىلار سەۋەبىدىن بولۇپ، ئەگەر قورۇش جەريانىدا ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبىگە تەسىر يەتسە، ئۈنۈمى ئەلۋەتتە تۆۋەنلەپ كىتىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىيىشىچە، چارخەمەكنىڭ ئەڭ ياخشى ئىستىمال ئۇسۇلى سۇغۇق سەي تەييارلاش بولۇپ، بۇنىڭدا چارخەمەكنىڭ تەمى ۋە تەركىبىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ، بىز ئويلىغان ئۈنۈمگىمۇ ئىرىشەلەيمىز.
   ئەگەر چارخەمەكنىڭ ئاچچىقىغا بەرداشلىق بىرەلمەسلىكتىن ئەنسىرسىڭىز، چارخەمەكنى ئاقلاپ پاكىزلاش جەريانىدا، ئۇنىڭ ئۇرۇغلىرىنى ئېلىۋەتسە، ئۇرۇغ ئاستىدا نىپىز بىر پەردىسىمان قەۋەتنىڭ بارلىقىنى كۆرەلەيمىز؛ ئەگەر بۇ بىر پەردىسمان قەۋەتنى ئېلىۋەتسەك، چارخەمەكنىڭ ئاچچىقىنى پەسەيتىشكە بولىدۇ. بۇندىن باشقا، چارخەمەكنى يۇغان ۋاقىتتا، ئۇنى قايتا-قايتا ئۇۋۇلاپ يۇيغاندىن كىيىن، ئون نەچچە مىنۇت تۇزلاپ قويساق، بۇنىڭدىمۇ ئۇنىڭ ئاچچىق تەمىنى چىقىرۋىتىشكە بولىدۇ.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

ئوغۇل بالىلىق بولىمەن دەپ چىقارغان بۇ قالايمىقانچىلىقنى كۆرۈڭ

بىراق، بەزى كىشىلەر، ھەرقانچە قىلىپ باقسىمۇ، ئۈمىد قىلغىنىدەك ئوغۇل پەرزەنتلىك بولالمايدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك بەزىبىر قاملاشمىغان ئامال

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号